« كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت »

9

پاۋلۇسنىڭ ئۆزىنىڭ ئەلچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى

1مەن باشقىلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئۇنى قىل، بۇنى قىل دېيىشىدىن ئەركىن ئەمەسمۇ؟ مەن خۇدانىڭ ئەلچىسى ئەمەسمۇ؟ مەن رەببىمىز ئەيسانى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئەمەسمۇ؟ سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار مېنىڭ رەببىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىمنىڭ نەتىجىسى ئەمەسمۇ؟ 2گەرچە باشقىلار مېنى ئەلچى دەپ ھېسابلىمىسىمۇ، لېكىن مەن سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى. چۈنكى، سىلەرنىڭ مەندىن خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، رەببىمىزگە ئېتىقاد قىلغىنىڭلار مېنىڭ ئەلچى ئىكەنلىكىمنىڭ ئىسپاتى.

3مېنىڭ ئەلچى ئىكەنلىكىمدىن گۇمانلىنىدىغانلارغا بېرىدىغان جاۋابىم مۇنداق: 4بىز ئەلچى بولغانىكەنمىز، ئېتىقادچىلار تەرىپىدىن يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلىنىش ھوقۇقىمىز يوقمۇ؟ 5رەببىمىز ئەيسانىڭ ئۆز ئىنىلىرى ھەمدە پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەردەك بىزنىڭمۇ سەپەردە بىز بىلەن ئوخشاش ئېتىقادى بار ئاياللىرىمىزنى ھەمراھ قىلىپ يۈرۈش ھەققىمىز يوقمۇ؟ 6ئەجەبا، پەقەت بارنابا بىلەن مەنلا ئېتىقادچىلار تەرىپىدىن تەمىنلەنمەي، ئۆز ئەمگىكىمىز بىلەن كۈن كەچۈرۈشىمىز كېرەكمۇ؟ 7كىم ئۆز پۇلى بىلەن لەشكەرلىك قىلىدۇ؟ كىم كۆچەت تىكىپ، ئۇنىڭ مېۋىسىنى يېمەيدۇ؟ كىم مال بېقىپ، ئۇنىڭ سۈتىنى ئىچمەيدۇ؟ 8مەن بۇلارنى پەقەت ئىنساننىڭ كۆزقارىشى بويىچە دېدىممۇ؟ ياق، بۇ ھەقتە تەۋرات قانۇنىدىمۇ ئوخشاش دېيىلگەنغۇ! 9-10مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا: «خامان تەپكەن ئۆكۈزنىڭ ئاغزىنى بوغما» دەپ يېزىلغان. بۇ يەردە خۇدانىڭ كۆڭۈل بۆلگىنى پەقەت ئۆكۈزلەرمۇ ياكى بۇنى مەخسۇس بىز ئۈچۈن ئېيتقانمۇ؟ بۇ شۈبھىسىز بىز ئۈچۈنمۇ يېزىلغاندۇر. چۈنكى، يەرگە ئۇرۇق تېرىغۇچىمۇ، خامان تەپكۈچىمۇ ئۆزىگە تېگىشلىك ئۈلۈشىنى ئېلىش ئۈمىدى بىلەن ئىشلەيدۇ. 11شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاراڭلاردا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق روھىي ئۇرۇق چېچىپ، سىلەردىن ماددىي جەھەتتە ھوسۇل ئېلىش ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىك بولامدۇ؟ 12باشقا تەلىم بەرگۈچىلەرنىڭ سىلەردىن تەمىنلىنىش ھوقۇقى بولغان يەردە، بىزنىڭ تەمىنلىنىش ھوقۇقىمىز تېخىمۇ بولمامدۇ؟

لېكىن، بىز بۇ ھوقۇقىمىزدىن پايدىلانمىدۇق. ئەكسىچە، ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ تارقىلىشىغا توسالغۇ بولۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن، ھەرقانداق ئىشقا بەرداشلىق بېرىۋاتىمىز. 13يېرۇسالېمدىكى چوڭ ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كەلگەنلىرى بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقىنى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىدا ۋەزىپىدە بولغانلارنىڭمۇ قىلىنغان قۇربانلىقلاردىن ئۈلۈشى بارلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ 14شۇنىڭغا ئوخشاش، رەببىمىز خۇش خەۋەرنى تارقىتىدىغانلارنىڭ تۇرمۇشى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغانلار تەرىپىدىن قامدالسۇن، دەپ بۇيرۇغانىدى.

15لېكىن، مەن بۇ ھوقۇقنىڭ ھېچقايسىسىدىن پايدىلانمىدىم. ھازىرمۇ مەن بۇ خەتنى بۇ ھوقۇقۇمدىن پايدىلىناي، دەپ يېزىۋاتقىنىم يوق. مەن ئۆلۈشكە رازىمەنكى، بىراق بۇ ئىش ئۈچۈن ماختىنىشىمنىڭ قۇرۇق سۆز بولۇپ قېلىشىغا يول قويمايمەن. 16خۇش خەۋەرنى تارقاتقانلىقىمغا كەلسەك، ئۇنىڭ بىلەن ماختىنالمايمەن، ئەلۋەتتە. چۈنكى، خۇش خەۋەرنى تارقىتىش مېنىڭ بۇرچۇم. ئۇنى تارقاتمىسام بولمايدۇ! 17ئەگەر خۇش خەۋەرنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن تارقاتقان بولسام، خۇدادىن ھەق ئېلىشىم كېرەك ئىدى. لېكىن، خۇدا بۇ ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇرغانىكەن، مەن بۇنى بىر مەسئۇلىيەت، دەپ ئورۇندايمەن. 18ئۇنداقتا، ئالىدىغان ھەققىم نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتە ئېلىشقا تېگىشلىك ھەقنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقۇمدىن پايدىلانماي، كىشىلەرنى خۇش خەۋەرگە ھەقسىز ئىگە قىلىشتۇر.

19مەن ھېچكىمدىن ھەق ئالمىغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىدىن ئەركىن. لېكىن، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن، كۆپچىلىكنىڭ قۇلىدەك ياشاپ كەلدىم. 20يەھۇدىيلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن، يەھۇدىيلار ئارىسىدا بولغىنىمدا يەھۇدىيلاردەك ياشاۋاتىمەن. تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدىن ئازاد قىلىنغان بولساممۇ، تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ياشايدىغانلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن، شۇ كىشىلەردەك ياشاۋاتىمەن. 21شۇنىڭغا ئوخشاش، تەۋرات قانۇنى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا بولغىنىمدا، شۇ كىشىلەرگە ئوخشاش ياشاۋاتىمەن. بۇ، خۇدانىڭ قانۇنىدىن چەتنەپ كەتتىم دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى مەن ئەيسا مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىپ ياشاۋاتىمەن. 22خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمنى تونۇپ يەتمىگەنلىكتىن ۋىجدانى ئاسانلا ئازابلىنىدىغان ئېتىقادچىلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلارغا ئوخشاش ياشاۋاتىمەن. بۇنداق قىلىشىمدىكى مەقسەت، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەشتۇر. بارلىق چارىلەرنى ئىشلىتىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن، مەيلى مەن قانداقلا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بولاي، خۇدا مەنئى قىلمىغانلا بولسا، شۇ كىشىلەرنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشايمەن. 23مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان بەختتىن مەن بىلەن بىللە تەڭ بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن.

24يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسى يۈگۈرگەن بولسىمۇ، مۇكاپاتنى يالغۇز بىرلا كىشىنىڭ ئالىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. سىلەرمۇ خۇدانىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يېڭىپ چىققان تەنھەرىكەتچىدەك يۈگۈرۈشۈڭلار كېرەك. 25مۇسابىقىگە چۈشكەن ھەربىر تەنھەرىكەتچى ۋاقىتلىق مۇكاپاتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن قاتتىق مەشىق قىلىدۇ. بىز بولساق مەڭگۈ چىرىمەيدىغان مۇكاپاتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن مەشىق قىلىمىز. 26شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن نىشانسىز يۈگۈرۈۋاتقان كىشىدەك يۈگۈرۈۋاتقىنىم يوق. شۇنداقلا، خۇددى بوكسچىغا ئوخشاش ئاتقان مۇشتۇمنى بوش كەتكۈزۈۋاتقىنىم يوق. 27خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئالدىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە لاياقەتسىز بولۇپ قالماسلىقىم ئۈچۈن، تېنىمنى ئېتىقاد يولىدا ياشاشقا قاتتىق كۆندۈرۈپ، ئۆزۈمنى تىزگىنلەۋاتىمەن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى