« كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت »

11

پاۋلۇسنىڭ ئۆزىنى ساختا ئەلچىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشى

1ماختىنىشىم بىلەن بىرئاز ئەخمەقلىق قىلىپ قويساممۇ، ئېغىر ئالمىغايسىلەر! يەنىلا سەۋرچان بولغايسىلەر. 2مەن سىلەرنى ساختا ئەلچىلەردىن قىزغىنىمەن. بۇ، خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمدىن كەلگەن. مەن گويا بىر پاك قىزنى ياتلىق قىلغاندەك، سىلەرنى «يېگانە ئەر»گە _ ئەيسا مەسىھكە تەقدىم قىلدىم. 3بىراق، ھاۋائانىنىڭ ھىيلىگەر يىلان تەرىپىدىن ئازدۇرۇلغىنىدەك، سىلەرنىڭمۇ ساختا ئەلچىلەر تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ، ئەيسا مەسىھكە بولغان سەمىمىي ۋە پاك قەلبىڭلارنىڭ بۇلغىنىشىدىن ئەنسىرەيمەن. 4چۈنكى، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىپ، ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا مەن يەتكۈزگەنگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر تەلىمنى يەتكۈزگەنلەرگە ئوچۇقتىن-ئوچۇق يول قويدۇڭلار. سىلەر قوبۇل قىلغان مۇقەددەس روھتىن باشقا بىر روھ ۋە سىلەر قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردىن باشقا بىر خوش خەۋەر توغرىسىدا ئېيتىلغانلارنىمۇ سىغدۇردۇڭلار. 5ھالبۇكى، مەن ئۆزۈمنى ھېچقانداق ئىشتا سىلەر دەرىجىدىن تاشقىرى دەپ قارىغان ئاشۇ ئەلچىلەردىن تۆۋەن دەپ قارىمايمەن! 6گەپ قىلىشتا ماھىر بولمىساممۇ، لېكىن بىلىمىم بار. قىلىۋاتقان ھەربىر خىزمىتىم بۇنى ھەر جەھەتتىن ئوچۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

7مېنىڭ سىلەرنى چوڭ كۆرۈپ، ئۆزۈمنى تۆۋەن تۇتۇپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە ھەق تەلەپ قىلماي يەتكۈزگىنىم گۇناھ بولدىمۇ؟* 8مەن سىلەرگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، باشقا جامائەتچىلىكلەردىن ھەق ئېلىپ، ئۇلارغا «ئۇۋال» قىلدىم. 9سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتلىرىمدا، ئېھتىياجىم بولسىمۇ، ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمنى سالمىدىم. چۈنكى، ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن كەلگەن قېرىنداشلار كەم-كۈتىمنى تولۇقلاپ بەردى. ھېچقانداق ئىشتا سىلەرگە يۈك بولماي كەلدىم، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يۈك بولمايمەن. 10قەلبىمدىكى ئەيسا مەسىھنىڭ ھەقىقىتى بىلەن ئېيتىمەنكى، مېنىڭ بۇ ماختىنىشىمنى پۈتۈن يۇناندا ھەرقانداق ئادەم توسۇپ قالالمايدۇ. 11نېمە ئۈچۈن سىلەردىن ھەق ئالمىدىم؟ سىلەرنى سۆيمەيدىغانلىقىمدىنمۇ؟ خۇداغا ئايانكى، سىلەرنى سۆيىمەن! 12ئاتالمىش ئەلچىلەرنىڭ «بىزنىڭ قىلىۋاتقىنىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنىدا ھېچقانداق پەرق يوق» دەپ ماختىنىشىغا پۇرسەت تاپالماسلىقى ئۈچۈن، سىلەردىن ھەق ئالماي قىلىۋاتقان خالىس ئىشلىرىمنى داۋاملاشتۇرىمەن. 13چۈنكى، بۇنداقلار ساختا ئەلچىلەر، ھىيلىگەرلەر بولۇپ، ئۆزلىرىنى ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى، دەپ پەردازلىۋالغانلاردۇر. 14ئەمەلىيەتتە، بۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، چۈنكى شەيتان ئۆزىنى يورۇقلۇق پەرىشتىسى، دەپ پەردازلىۋالغاندۇر. 15شۇڭا، ئۇنىڭ بۇ چاكارلىرىمۇ ئۆزلىرىنى ئادىللىقنىڭ خىزمەتكارلىرى دەپ پەردازلىۋالسا، ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە لايىق بولىدۇ.

پاۋلۇسنىڭ تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرى

16يەنە شۇنى ئېيتىمەنكى، ھېچقايسىڭلار مېنى ئەخمەق، دەپ قالماڭلار. ئەگەر ئەخمەق دەپ قارىساڭلار، بىر ئەخمەقنى قوبۇل قىلغانچىلىك بولسىمۇ مېنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن، مەنمۇ بىرئاز ماختىنىۋالاي. 17بۇ سۆزلىرىم رەببىمىز مەندىن تەلەپ قىلغان سۆزلەر ئەمەس. مېنىڭ بۇنداق ماختىنىشىم پەقەتلا بىر ئەخمەقنىڭ يۈرەكلىك پو ئاتقانلىقىدۇر، خالاس. 18نۇرغۇن كىشىلەر بۇ دۇنيادىكى ئىشلىرى بىلەن ماختىنىپ كېتىدىكەن، مەنمۇ ماختىنىپ باقاي. 19چۈنكى، سىلەر ئۆزۈڭلارنى شۇنچە ئەقىللىق چاغلايسىلەريۇ، بۇ ساختا ئەلچىلەرنىڭ ئەخمىقانە تەلىملىرىگە يول قويۇۋېرىسىلەر! 20ئۇلارنىڭ سىلەرنى قۇل ئورنىدا كۆرۈشىگە، ھەققىڭلارنى يېيىشىگە، سىلەردىن نەپ ئېلىشىغا، سىلەرگە چوڭچىلىق قىلىشىغا ۋە سىلەرنىڭ يۈزۈڭلارنى چۈشۈرۈشىگە يول قويىسىلەر. 21بىزنىڭ سىلەرگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىشقا ئاجىز كەلگەنلىكىمىزنى خىجىللىق ئىچىدە ئېتىراپ قىلىمەن. لېكىن، ئۇلاردىن بىرلىرى بىرەر ئىشتىن ماختىنىشقا جۈرئەت قىلغان يەردە (يەنە ئەخمەقلەرچە ئېيتاي)، مەنمۇ شۇ ئىشتىن ماختىنىشقا جۈرئەت قىلالايمەن. 22ئۇلار سېپى ئۆزىدىن ئىبرانىيمۇ؟ مەنمۇ شۇنداق. ئۇلار ئىسرائىللارمۇ؟ مەنمۇ ئىسرائىل. ئۇلار ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىنمۇ؟ مەنمۇ ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن. 23ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ؟ ئەقىلدىن ئازغانلاردەك ئېيتسام، مەن ئۇلاردىن تېخىمۇ يۇقىرى تۇرىدىغان بىر خىزمەتكارى. مەن تېخىمۇ جاپالىق ئىشلىدىم، زىنداندا تېخىمۇ كۆپ ياتتىم. كۈرمىڭ قېتىم قامچا يېدىم، قايتا-قايتا ئۆلۈم خەۋپلىرىگە دۇچ كەلدىم. 24يەھۇدىيلارنىڭ ئوتتۇز توققۇز قامچا جازاسىغا بەش قېتىم تارتىلدىم. 25ئۈچ قېتىم رىم ھۆكۈمرانلىرىدىن تاياق يېدىم، بىر قېتىم چالما-كېسەك قىلىندىم، ئۈچ قېتىم كېمە ھادىسىسىگە ئۇچرىدىم، بىر كېچە-كۈندۈزنى دېڭىزدا ئۆتكۈزدۈم. 26كۆپ قېتىم ئۇزۇن سەپەرلەردە بولۇپ، دەريالاردا ھەم قاراقچىلارنىڭ، ئۆز خەلقىمنىڭ، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا خېيىم-خەتەرلەرگە يولۇقتۇم. شەھەرلەردە، چۆللەردە، دېڭىزلاردا ۋە ساختا قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا خەۋپلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردۈم. 27خىزمىتىمنى تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىدىم. تالاي كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدۈم، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تېتىدىم. يەيدىغانغا تاماق، كىيىدىغانغا كىيىم تاپالماي، ئاچ-يالىڭاچ قالدىم. 28بۇلاردىن باشقا، ھەر كۈنى دېگۈدەك پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىنىڭ غېمىنى يېدىم. 29مەن قاچان ئاجىزلارغا ھېسداشلىق قىلمىدىم؟! شەيتاننىڭ تۇزىقىغا چۈشۈپ، ئېزىپ كەتكەنلەر ئۈچۈن ئىچىم قاچان ئۆرتەلمىدى؟! 30ئەگەر ماختىنىشىمغا توغرا كەلسە، ئۆز ئاجىزلىقىمنى كۆرسىتىدىغان ئىشلار بىلەن ماختىنىمەن. 31رەببىمىز ئەيسانىڭ ئاتىسى، مەڭگۈ مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدىغان خۇداغا ئايانكى، يالغان ئېيتمىدىم. 32دەمەشق شەھىرىدە پادىشاھ ئارېتاسنىڭ قول ئاستىدىكى بىر ۋالىي مېنى تۇتۇش ئۈچۈن، پۈتۈن شەھەرنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالغانىدى. 33لېكىن، مەن سېپىلدىكى بىر كاماردىن سېۋەت بىلەن پەسكە چۈشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇم.



*7پاۋلۇس ئېتىقادچىلارغا ئۆز ئېغىرىنى سالماسلىق ئۈچۈن، ئۆز ھۈنىرىگە تايىنىپ، تۇرمۇشىنى قامدىغان. بىراق، بەزىلەر «پاۋلۇس ھەقىقىي ئەلچى بولغان بولسا، ئېتىقادچىلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە تايانغان بولاتتى» دەپ، ئۇنىڭ ئەلچىلىك ھوقۇقىنى ئىنكار قىلغانىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى