« ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى »

14

پاۋلۇس بىلەن بارنابا كونيا شەھىرىدە

1پاۋلۇس بىلەن بارنابا كونيا شەھىرىدىمۇ ئادىتى بويىچە يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىردى. ئۇلار جامائەتكە شۇنداق سۆزلىدىكى، نەتىجىدە نۇرغۇن يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرگە ئىشەندى. 2بىراق، ئىشەنمىگەن يەھۇدىيلار باشقا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئىدىيىسىنى زەھەرلەپ، ئۇلارنى ئېتىقادچىلارغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتتى. 3پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ، رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزدى. رەببىمىز ئەيسامۇ ئۇلارغا مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى بېرىپ، ئۇلار يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. 4بۇنىڭ بىلەن، شەھەر خەلقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. بەزىلىرى ھەزرىتى ئەيساغا ئىشەنمەيدىغان يەھۇدىيلار تەرەپتە، بەزىلىرى بولسا ئەلچىلەر تەرەپتە تۇردى. 5ئاخىردا، ھەزرىتى ئەيساغا ئىشەنمەيدىغان يەھۇدىيلار بىلەن يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۆز باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەلچىلەرنى قىيناپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى. 6-7بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان پاۋلۇس بىلەن بارنابا بۇ شەھەردىن قېچىپ، لىكاۋۇنيا رايونىدىكى لىسترا ۋە دەربە شەھەرلىرى ھەمدە ئەتراپتىكى جايلارغا بېرىپ، خۇش خەۋەرنى داۋاملىق تارقىتىۋەردى.

لىسترا ۋە دەربە شەھەرلىرىدە

8شۇ چاغدا، لىسترا شەھىرىدە بىر تۇغما پالەچ بار ئىدى. 9بۇ ئادەم پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇراتتى. ئۇنى دىققەت بىلەن كۆزەتكەن پاۋلۇس ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ئىشەنگەنلىكىنى ۋە ساقايتىلىپ كېتىشكە ئىشەنچى بارلىقىنى سېزىپ، 10يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:

_ ئورنۇڭدىن تۇر! _ دېدى.

ھېلىقى ئادەم شۇئان دەس تۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى. 11پاۋلۇسنىڭ بۇ كارامىتىنى كۆرگەن كۆپچىلىك لىكاۋۇنيا تىلى بىلەن:

_ خۇدالار ئىنسان قىياپىتىدە ئارىمىزغا كەپتۇ! _ دەپ ۋارقىرىشىپ كەتتى. 12ئۇلار بارنابانى ئىلاھ زېئۇس، دەپ ئاتاشتى. پاۋلۇس كۆپرەك سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ئىلاھ ھېرمىس،* دەپ ئاتاشتى. 13شەھەرنىڭ سىرتىدا «زېئۇس ئىلاھ»نىڭ بۇتخانىسى بار ئىدى. شۇ بۇتخانىدا ئىشلەيدىغان روھانىي خەلق بىلەن بىللە ئەلچىلەرگە ئاتاپ قۇربانلىق قىلماقچى بولۇپ، شەھەر دەرۋازىسىغا ئۆكۈز ۋە گۈل چەمبىرەكلەرنى ئېلىپ كەلدى.

14بارنابا بىلەن پاۋلۇس ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىنى ئاڭلاپ، يىرگەنگەن ھالدا، نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆڭلەكلىرىنى يىرتىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، ۋارقىراپ مۇنداق دېدى:

15_ ئۇنداق قىلماڭلار! بىزمۇ ئادەم، سىلەرگە ئوخشاش ئىنسان! بىز سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە كەلدۇق. خۇش خەۋەر شۇكى: ئەرزىمەس نەرسىلەرگە چوقۇنماي، مەڭگۈ ھايات بولغان بىردىنبىر خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار! ئۇ ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەخلۇقلارنى ياراتقان خۇدادۇر! 16بۇرۇنقى زامانلاردا، خۇدا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئادەملىرىنى ئۆزلىرى تاللىغان يولدا مېڭىشىغا قويۇپ بەرگەن. 17شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەمىشە ئىسپاتلاپ كەلگەن. ئۇ ھەمىشە ھەممىمىزگە شاپائەت قىلىپ، يامغۇرنى ئۆز ۋاقتىدا ياغدۇرۇپ مول ھوسۇل بېغىشلاپ، رىزقىمىزنى بېرىپ، قەلبىمىزنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟

18ئۇلار بۇ سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ، خالايىقنىڭ ئۇلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشىنى توسۇپ قالالمىغىلى تاسلا قالدى. 19لېكىن، ئانتاكيا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار كىشىلەرنى قۇتراتتى. نەتىجىدە، خەلق پاۋلۇسنى چالما-كېسەك قىلدى. ئۇلار پاۋلۇسنى ئۆلدى دەپ ئويلاپ، شەھەر سىرتىغا سۆرەپ ئاپىرىپ تاشلىۋەتتى. 20لېكىن، ئېتىقادچىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلانغاندا، پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەرگە قايتىپ كىردى. ئەتىسى، ئۇ بارنابا بىلەن بىللە دەربە شەھىرىگە كەتتى.

پاۋلۇسنىڭ ئانتاكياغا قايتىپ كېلىشى

21پاۋلۇس بىلەن بارنابا دەربە شەھىرىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشغا يېتەكلىدى. كېيىن، ئىككىيلەن لىسترا، كونيا ۋە ئانتاكيا شەھەرلىرىگە قايتىپ باردى. 22ئۇلار ئۇ يەرلەردە ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى رەببىمىز ئەيساغا داۋاملىق سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

ئۇلار ئېتىقادچىلارغا مۇنداق دېدى:

_ بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش ئۈچۈن، چوقۇم نۇرغۇن جاپالارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

23پاۋلۇس بىلەن بارنابا يەنە ھەرقايسى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېتەكچىلەرنى بەلگىلەپ، دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىدىغان رەببىمىز ئەيساغا تاپشۇردى. 24ئىككىيلەن پىسىدىيە رايونىدىن ئۆتۈپ پامفىلىيە ئۆلكىسىگە كەلدى. 25ئۇلار پەرگە شەھىرىدە خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، دېڭىز بويىدىكى ئانتاليا شەھىرىگە باردى. 26ئاندىن، ئۇ يەردىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۇرىيىدىكى ئانتاكياغا قايتتى. ئۇلار ئۆزلىرى تاماملىغان بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىشتىن بۇرۇن، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلارنىڭ دۇئاسىنى ئالغان بولۇپ، ئېتىقادچىلار ئۇلارنى خۇداغا تاپشۇرۇپ، شۇ چەت زېمىنلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەنىدى. 27ئۇلار ئانتاكياغا قايتىپ كېلىپ، ئېتىقادچىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ۋە خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە قانداق يول ئېچىپ، ئۇلارنىمۇ ئېتىقادى ئارقىلىق قۇتقۇزغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. 28ئۇلار ئۇ يەردە ئېتىقادچىلار بىلەن بىللە ئۇزۇن مەزگىل تۇردى.



*12زېئۇس ۋە ھېرمىس _ زېئۇس قەدىمكى گرېكلارنىڭ ئەڭ چوڭ خۇداسى. ھېرمىس بولسا زېئۇسنىڭ خۇسۇسىي ياردەمچىسى ۋە ناتىقى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى