« گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت »

1

1ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس، ياكى خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ۋاسىتە قىلىشى ئارقىلىقمۇ ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدائاتىمىز تەرىپىدىن ئەلچى بولۇشقا تاللانغان مەنكى پاۋلۇستىن 2ۋە مەن بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان بارلىق قېرىنداشلاردىن گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە سالام.

3خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي! 4ئەيسا مەسىھ خۇدائاتىمىزنىڭ ئىرادىسى بويىچە گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىپ، بىزنى بۇ رەزىل دۇنيادىن قۇتقۇزدى. 5بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!

دۇنيادا بىرلا خۇش خەۋەر بار

6ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، سىلەرنى ئۆزىگە چاقىرغان خۇدادىن شۇنچە تېز ۋاز كېچىپ، باشقىچە بىر خىل خۇش خەۋەرگە ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىڭلارغا ھەيرانمەن. 7ئەمەلىيەتتە، ئەگەشكىنىڭلار ھەقىقىي خۇش خەۋەر ئەمەس، بەلكى بەزى ئادەملەرنىڭ سىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ ئېيتقانلىرىدۇر. ئۇلار ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى بۇرمىلىماقچى. 8لېكىن، مەيلى ئارىمىزدىكى بىرەيلەن بولسۇن ياكى ئەرشتىن چۈشكەن پەرىشتە بولسۇن، بىز سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر «خۇش خەۋەر»نى يەتكۈزسە، ئۇنىڭغا لەنەت ياغسۇن. 9بۇرۇن ئېيتقانلىرىمىزنى يەنە تەكرارلايمىزكى، كىمدەكىم سىلەرگە قوبۇل قىلغىنىڭلارغا ئوخشىمايدىغان باشقىچە بىر خىل خۇش خەۋەرنى يەتكۈزسە، ئۇنىڭغا لەنەت ياغسۇن!

10مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈنمۇ؟ ياق، مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈندۇر. ئەگەر مەن ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشنى ئىستىگەن بولسام، ئەيسا مەسىھنىڭ سادىق خىزمەتكارى بولمىغان بولاتتىم.

پاۋلۇسنىڭ ئەلچى بولۇشقا چاقىرىلىشى

11قېرىنداشلىرىم، مەن يەتكۈزگەن بۇ خۇش خەۋەرنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن توقۇپ چىقىرىلمىغانلىقىنى بىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. 12مەن بۇ خۇش خەۋەرنى ئىنساندىن قوبۇل قىلغىنىم ياكى بىرەر كىشىدىن ئۆگەنگىنىم يوق. بەلكى، ئەيسا مەسىھ بۇ خۇش خەۋەرنى ماڭا ۋەھىي ئارقىلىق يەتكۈزگەن.

13سىلەر مېنىڭ ئىلگىرى يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ۋاقتىمدا قانداق ھايات كەچۈرگەنلىكىمنى ئاڭلىغانىدىڭلار. مەن ئۇ چاغدا خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئەشەددىي زىيانكەشلىك قىلغان ۋە ئۇلارنى يوقىتىۋېتىشكە تىرىشقانىدىم 14ھەمدە يەھۇدىي دىنى يولىدا نۇرغۇن تەڭتۇشلىرىمدىن خېلىلا ئالدىدا تۇراتتىم. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىنى قوغداشتا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ۋە قىزغىنلىقىم بىلەن ئىشلەيتتىم. 15لېكىن، خۇدا مېنى ئانامنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىمدىلا تاللىدى ۋە ئۆزىنىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن چاقىردى. 16ئۇ مېنىڭ ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنى ماڭا ئاشكارىلاشنى خالىدى. خۇدا ئۇنى ماڭا ئاشكارىلىغان چاغدا، مەن بۇ ئىش توغرۇلۇق ھېچقانداق كىشىگە مەسلىھەت سالمىدىم 17ھەمدە يېرۇسالېمدىكى مەندىن ئىلگىرى ئەلچى بولغانلارنىڭ يېنىغىمۇ بارماي، ئۇدۇل ئەرەبىستانغا ئاتلاندىم، كېيىن دەمەشق شەھىرىگە قايتىپ كەلدىم.

18ئۈچ يىلدىن كېيىن، ئەلچى پېترۇس بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا باردىم ۋە ئۇنىڭ يېنىدا ئون بەش كۈن تۇردۇم. 19بۇ جەرياندا، ئەلچىلەردىن پەقەت پېترۇس ۋە رەببىمىز ئەيسانىڭ ئىنىسى ياقۇپ بىلەن كۆرۈشتۈم. ئەلچىلەردىن باشقا بىرەرسىنى كۆرمىدىم. 20خۇدا گۇۋاھ بولسۇنكى، سىلەرگە يېزىۋاتقانلىرىم يالغان ئەمەس. 21كېيىن، سۈرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىگە باردىم. 22ئۇ چاغدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرى شەخسەن مېنى تونۇمايتتى. 23ئۇلار پەقەت باشقىلارنىڭ: «بۇرۇن بىزگە زىيانكەشلىك قىلغان ئادەم ئەمدى بولسا ئۆزى يوقىتىۋەتمەكچى بولغان ئېتىقادنى تارقىتىۋاتىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدى. 24شۇڭا، ئۇلار مەندە بولغان بۇ ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن خۇدانى تېخىمۇ ئۇلۇغلىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى