« ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر »

7

خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقارماسلىق

1بىر كۈنى، يېرۇسالېمدىن كەلگەن بەزى پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ چۆرىسىگە يىغىلدى. 2ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ تاماقتىن بۇرۇن قول يۇيۇش دىنىي قائىدىسىنى ئادا قىلمايلا تاماق يەۋاتقانلىقىنى كۆردى. 3(پەرىسىيلەر، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيلار ئەجدادلىرىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە قوللىرىنى پاكىز يۇماي تۇرۇپ تاماق يېمەيدۇ. 4شۇنىڭدەك، بازاردىن ئالغان نەرسىلەرنىمۇ يۇماي يېمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قەدەھ، چۆگۈن ۋە مىس قاچىلارنى يۇيۇش توغرىسىدىمۇ بىرمۇنچە ئەنئەنىلەرگە رىئايە قىلىدۇ.)

5پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ شاگىرتلىرىڭ نېمىشقا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلمايدۇ؟ نېمىشقا ناپاك قوللىرى بىلەن تاماق يەيدۇ؟ _ دەپ سوراشتى.

6ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ خۇدا يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان مۇنۇ سۆزلەر سىلەر ساختىپەزلەرگە نېمىدېگەن ماس كېلىدۇ-ھە؟! ئۇنىڭ يازمىسىدا مۇنداق يېزىلغان:

«بۇ خەلق مېنى ئاغزىدىلا ھۆرمەتلەيدۇ،

لېكىن قەلبى مەندىن يىراق.

7ماڭا قىلغان ئىبادىتى بىھۇدىدۇر.

چۈنكى، ئۆگەتكەنلىرى خۇدانىڭ ئەمرلىرى ئەمەس،

بەلكى ئۆزلىرى چىقىرىۋالغان پەتىۋالاردۇر.»

8سىلەر خۇدانىڭ ئەمرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ئېسىلىۋالىدىكەنسىلەر.

9ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ ئۆز ئەنئەنەڭلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇشتا نېمانچە ئۇستىلىق قىلىسىلەر! 10مۇسا پەيغەمبەر: «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن» دەپ بۇيرۇغان. 11لېكىن، سىلەر: «ئاتا-ئانىسىغا: ‹مەندىن ئالىدىغان پۈتۈن ماددىي ياردىمىڭلارنى قۇربان قىلدىم، يەنى خۇداغا ئاتىۋەتتىم› دېسە، 12ئۇ ئادەم ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسىمۇ بولىدۇ» دەپ ئۆگىتىسىلەر. 13شۇنداق قىلىپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئەنئەنىلىرىڭلارنى دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىسىلەر. سىلەر بۇنداق ئىشلارنى كۆپ قىلىسىلەر.

ئىنساننى نېمە ناپاك قىلىدۇ؟

14ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنى يەنە يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا:

_ ھەممىڭلار سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار ۋە شۇنى چۈشىنىڭلاركى، 15ئىنساننىڭ سىرتىدىن ئىچىگە كىرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھېچقاندىقى ئۇنى ناپاك قىلمايدۇ، ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىدىغىنىدۇر. 16بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار! _ دېدى.

17ھەزرىتى ئەيسا خالايىقتىن ئايرىلىپ ئۆيگە كىرگەندە، شاگىرتلىرى ئۇنىڭدىن بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسىنى سورىدى. 18ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ سىلەرمۇ تېخىچە چۈشەنمەيۋاتامسىلەر؟ سىرتتىن ئىنساننىڭ ئىچىگە كىرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۇنى ناپاك قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشەنمەمسىلەر؟ 19سىرتتىن كىرگەن نەرسە ئىنساننىڭ قەلبىگە ئەمەس، ئاشقازىنىغا بارىدۇ. ئۇ يەردىن تەرەت بولۇپ چىقىپ كېتىدۇ، _ دېدى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەر ئارقىلىق، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھالال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

20ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

_ ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىدىغىنىدۇر. 21چۈنكى، يامان نىيەت، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ئوغرىلىق، قاتىللىق، 22زىناخورلۇق، ئاچكۆزلۈك، يامانلىق، ھىيلىگەرلىك، شەھۋانىيلىق، ھەسەتخورلۇق، تۆھمەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە ھاماقەتلىكلەر ئىنساننىڭ ئىچىدىن، يەنى قەلبىدىن چىقىدۇ. 23بۇ يامانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىپ، ئىنساننى ناپاك قىلىدۇ.

يەھۇدىي ئەمەس ئايالنىڭ ئېتىقادى

24ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ تىر شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا باردى. ئۇ يەردە بىر ئۆيگە كىردى. ئەسلىدە ئۇ بۇنى ھېچكىمنىڭ بىلىشىنى خالىمىغان بولسىمۇ، لېكىن يوشۇرالمىدى. 25جىن تەگكەن كىچىككىنە بىر قىزنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئەيسا توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان يېتىپ كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلدى. 26سۈرىيە ئۆلكىسىنىڭ فەنىكىيە دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان يەھۇدىي ئەمەس بۇ ئايال ھەزرىتى ئەيسادىن قىزىدىكى جىننى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈندى. 27ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ ئالدى بىلەن بالىلار يەپ تويسۇن، بالىلارنىڭ نېنىنى ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش توغرا ئەمەس،* _ دېدى.

28ھېلىقى ئايال بۇنىڭغا جاۋابەن:

_ شۇنداق، تەقسىر، بىراق ئىتلارمۇ ئۈستەل ئاستىدا بالىلاردىن چۈشكەن نان ئۇۋاقلىرىنى يەيدىغۇ، _ دېدى.

29ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ توغرا ئېيتتىڭ. مۇشۇ سۆزۈڭ ئۈچۈن جىن قىزىڭدىن چىقىپ كەتتى، ئەمدى قايتقىن، _ دېدى.

30ئايال ئۆيىگە قايتقىنىدا، قىزىنىڭ كارىۋاتتا ياتقانلىقىنى كۆردى. جىن ئۇنىڭ تېنىدىن چىقىپ كەتكەنىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ بىر گاس-گاچا ئادەمنى ساقايتىشى

31ھەزرىتى ئەيسا تىر شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن چىقىپ، سىدون شەھىرى ۋە ئون شەھەر رايونىدىن ئۆتۈپ، يەنە جەلىلىيە كۆلىگە كەلدى. 32كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا گاس ھەم تىلى ئېغىر بىر ئادەمنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قولىنى تەگكۈزۈپ ساقايتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلىشتى. 33ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئادەمنى خالايىق ئىچىدىن بىر چەتكە تارتىپ، ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا بارماقلىرىنى تىقتى ۋە بارمىقىغا تۈكۈرۈپ، ئۇنىڭ تىلىغا تەگكۈزدى.

34ئاندىن، ئاسمانغا قاراپ چوڭقۇر تىنىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ ئادەمگە: «ئەففاتا» (مەنىسى «ئېچىل») دېدى. 35ئۇ ئادەمنىڭ قۇلاقلىرى شۇئان ئېچىلىپ، تىلى زۇۋانغا كېلىپ راۋۇرۇس گەپ قىلىشقا باشلىدى.

36ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىكىلەرگە بۇنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى بۇيرۇدى. لېكىن، ھەرقانچە بۇيرۇغان بولسىمۇ، كىشىلەر بۇ خەۋەرنى شۇنچە كەڭ يېيىۋەتتى. 37خالايىق ئىنتايىن ھەيرانلىق ئىچىدە قالغانىدى. ئۇلار:

_ ئۇ قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ياخشى! ھەتتا گاسلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېچىپ، گاچىلارنى زۇۋانغا كەلتۈردى، _ دېيىشتى.



*27ھەزرىتى ئەيسا بۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئەۋەتىلىشىنىڭ ئالدى بىلەن يەھۇدىيلار، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى