سوئال

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 11- باب

1ئېتىقاد خۇدانىڭ ۋەدىسىگە باغلانغان ئۈمىدنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچ، كۆرۈنمەيدىغان مەۋجۇتلۇققا بولغان قايىللىقتۇر. 2ئەجدادلىرىمىز مانا مۇشۇنداق ئېتىقاد بىلەن خۇدانىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان.

3بىز ئېتىقاد ئارقىلىق كائىناتنىڭ خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن يارىتىلغانلىقىنى، بىز كۆرەلەيدىغان مەۋجۇداتلارنىڭ كۆرگىلى بولىدىغاندىن بەرپا بولمىغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 11- باب

6دېمەك، ئېتىقاد بولماي تۇرۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، خۇدانىڭ ئالدىغا كېلىدىغان كىشى ئۇنىڭ بار ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇنى ئىزدىگەنلەرگە ئىزدەش ئەجرىنى قايتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەك. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 2- باب

15-16ئەگەر قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى ئاچ-يالىڭاچ قالسا، ئۇنىڭغا: «خۇدا قورسىقىڭنى توق، كىيىمىڭنى پۈتۈن قىلسۇن، ئامان بول!» دەپ قويۇپلا، ھاجىتىدىن چىقمىساڭلار، بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ 17شۇڭا، پەقەت ئېتىقادلا بولۇپ، ئۆز ئېتىقادىغا ماس كېلىدىغان ئەمەلىيىتى بولمىسا، بۇنداق ئېتىقادنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتۇر.

18لېكىن، بەزىلەر: «مەندە ئېتىقاد بولسىلا بولدى» دېسە، بەزىلەر: «ئېتىقاد بىلەن ئەمەلىيەت بىرگە بولۇشى كېرەك» دەپ ئۆزئارا تالىشىشى مۇمكىن. مەن ئاشۇ «مەندە ئېتىقاد بولسىلا بولدى» دېگۈچىلەرگە: «ئەگەر سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭ بولمىسا، ئۆز ئېتىقادىڭنى نامايان قىلالمايسەن. بىراق، مەن ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق ئۆز ئېتىقادىمنى نامايان قىلالايمەن» دەپ جاۋاب بېرىمەن. 19سەن خۇدانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەڭلا كۇپايە قىلامدۇ؟ خۇدانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ھەتتا جىنلارمۇ ئىشىنىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن قورقۇپ دىر-دىر تىترەيدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 17- باب

18ھەزرىتى ئەيسا جىنغا بۇيرۇق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، جىن بالىدىن چىقىپ كەتتى، بالىمۇ شۇئان ساقايدى.

19كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا يالغۇز قالغاندا، شاگىرتلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:

_ بىز نېمە ئۈچۈن جىننى ھەيدىيەلمىدۇق؟ _ دەپ سوراشتى.

20_ ئېتىقادىڭلار ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن. بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك چوڭلۇقتا بولسىمۇ ئېتىقاد بولسىدى، ئاۋۇ تاغقا: «بۇ يەردىن ئۇ يەرگە كۆچ» دېسەڭلار، كۆچكەن بولاتتى. ئېتىقادىڭلار بولسا، قولۇڭلاردىن ھېچ ئىش قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 17- باب

5ئون ئىككى شاگىرتى ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتكەيسىز، _ دېيىشتى.

6ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك چوڭلۇقتا بولسىمۇ ئېتىقاد بولسىدى، ئاۋۇ ئۈجمە دەرىخىگە: «يىلتىزىڭدىن قومۇرۇلۇپ، دېڭىزغا كۆچ!» دېسەڭلار، ئۇ سىلەرگە بويسۇنۇپ، دېڭىزغا كۆچكەن بولاتتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 4- باب

4ئەمگەك قىلغۇچىنىڭ ئالغىنى سوۋغات ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەققى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 5لېكىن، بىر ئادەم خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان بولسا، بۇ ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئېتىقادىدىن بولغان. چۈنكى، بۇ ئادەم گۇناھكارلارنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىغۇچى خۇداغا ئېتىقاد قىلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 10- باب

17ئېتىقاد خۇش خەۋەرنى ئاڭلاشتىن كېلىدۇ؛ خۇش خەۋەر بولسا ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىدۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

8مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىشى سەۋەبىدىن ئۇلارنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدىغانلىقى ئالدىن دېيىلگەن. خۇدا ئىبراھىمغا: «ھەممە مىللەتلەرگە سەن ئارقىلىق بەخت ئاتا قىلىمەن» دەپ، بۇ خۇش خەۋەر توغرۇلۇق ئالدىن ئېيتقان. 9شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلار خۇداغا ئېتىقاد قىلغان ئىبراھىمغا ئوخشاش بەخت تاپىدۇ.

10تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىمەن، دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە تولۇق ئەمەل قىلمىغان كىشى لەنەتكە قالىدۇ.» 11روشەنكى، ھېچكىم خۇدانىڭ ئالدىدا قانۇنغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنالمايدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئادەم ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ» دەپ يېزىلغان. 12بۇ ئېتىقاد يولى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش يولى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش يولى خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەمرلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلغانلار شۇ قانۇنغا تايىنىپ ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ.» دەپ يېزىلغىنىغا ئوخشاشتۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

22ھالبۇكى، مۇقەددەس يازمىلار پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقاد ئارقىلىق ئېرىشىلىدىغان بۇ ۋەدىنىڭ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارغا بېرىلىشىدۇر.

23بۇ ئېتىقاد يولى ئاشكارا بولغۇچە، قانۇن بىزنى قوغداش يۈزىسىدىن قاماپ قويغانىدى. 24باشقىچە ئېيتقاندا، تەۋرات قانۇنى «تەربىيىلىگۈچىمىز» بولۇپ، بىزنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشقا يېتەكلىدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، بىزنىڭ ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىزدۇر. 25ئەمدى بىز بۇنداق «تەربىيىلىگۈچى»نىڭ نازارىتىدە ئەمەسمىز. چۈنكى، بۇ ئېتىقاد يولى ئاشكارا بولدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 3- باب

12بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ھەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلىقىمىزدىن يۈرىكىمىز توق ھالدا ئىشەنچ بىلەن خۇدانىڭ ئالدىغا بارالايمىز. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 6- باب

9باي بولۇشنىلا ئويلايدىغانلار بولسا ھامان ئازدۇرۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇلار ئىنسانلارنى قۇرۇتۇپ ھالاك قىلىدىغان نۇرغۇن زىيانلىق ھەم ئەخمىقانە ھەۋەسلەرنىڭ تورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. 10چۈنكى، پۇلپەرەسلىك ھەر خىل يامانلىقنىڭ يىلتىزىدۇر. بەزىلەر باي بولۇش ھەۋىسى بىلەن ئېتىقادتىن چەتنەپ، ئۆزىگە تۈگىمەس ئازاب تېپىۋالدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 2- باب

24بىز بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، خۇدا ئېتىقادىلا بولۇپ ئەمەلىيىتى بولمىغان ئادەمنى ئەمەس، بەلكى ئېتىقادى بىلەن ئەمەلىي ھەرىكىتى بىردەك بولغان ئادەمنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 2- باب

26روھى يوق تەن ئۆلۈك بولغىنىدەك، ئەمەلىيىتى يوق ئېتىقادمۇ ئۆلۈكتۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 1- باب

5خۇدا ئالدىن تەييارلاپ قويغان بۇ ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشنى ئاخىر زاماندا ئاشكارا قىلغۇچە، ئۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن سىلەرنى ئېتىقادىڭلار ئارقىلىق قوغدايدۇ. 6شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر سىلەرنىڭ ھەر خىل سىناقلار تۈپەيلىدىن ۋاقىتلىق ئازاب-ئوقۇبەت تارتىپ، ھەسرەت چېكىشىڭلارغا توغرا كەلسىمۇ، شاد-خۇراملىققا چۆمۈڭلار. 7بۇنداق ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىڭلارنىڭ سەۋەبى ئېتىقادىڭلارنىڭ ساپلىقىنى ئىسپاتلاشتۇر. ھەقىقىي ساپ ئېتىقاد بولسا ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىكتۇر. گەرچە ئالتۇننىڭ ساپلىقىنى ئوتتا تاۋلاش ئارقىلىق ئىسپاتلىغىلى بولسىمۇ، ئۇ بىز ئۈچۈن بەرىبىر مەڭگۈلۈك بولالمايدۇ. ئېتىقادىڭلار ساپ بولسا، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن چاغدا بۇ ئېتىقاد سىلەرگە مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ. 8سىلەر بۇرۇن ئەيسا مەسىھنى كۆرۈپ باقمىغان بولساڭلارمۇ، ئۇنى سۆيۈپ كەلدىڭلار. ھازىر ئۇنى كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا يەنىلا ئىشىنىسىلەر. شۇڭا، قەلبىڭلار تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان چەكسىز شاد-خۇراملىققا چۆمدى. 9چۈنكى، سىلەر ھازىر ئېتىقادىڭلارنىڭ نىشانى بولغان قۇتقۇزۇلۇشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىسىلەر. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر