سوئال

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 9- باب

27ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا، ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىپ:

_ ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، بىزگە رەھىم قىلغايسىز! _ دەپ ۋارقىراپ كەتتى.

28ھەزرىتى ئەيسا ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ھېلىقى ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن:

_ سىلەر مېنىڭ سىلەرنى ساقايتىشقا قادىر ئىكەنلىكىمگە ئىشىنەمسىلەر؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئى رەببىم، ئىشىنىمىز، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.

29ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ:

_ ئىشەنگىنىڭلاردەك بولسۇن! _ دېيىشىگىلا، 30ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماڭلار! _ دەپ قاتتىق تاپىلىدى. 31لېكىن، ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپلا، بۇ ئىشنى ئەتراپقا يېيىۋەتتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 12- باب

22شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا جىن چاپلىشىۋالغان كور ۋە گاچا بىرى ئېلىپ كېلىندى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى ساقايتىپ، سۆزلىيەلەيدىغان ۋە كۆرەلەيدىغان قىلدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 15- باب

29ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، جەلىلىيە كۆلىنىڭ بويىدىن ئۆتۈپ، تاغقا چىقىپ ئولتۇردى. 30ئۇنىڭ ئالدىغا نۇرغۇن خالايىق يىغىلدى. ئۇلار يەنە توكۇر، قارىغۇ، چولاق، گاچا ۋە باشقا ھەر خىل كېسەللەرنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا قويۇشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ساقايتتى. 31خەلق گاچىلارنىڭ تىلى چىققانلىقىنى، چولاقلارنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى، توكۇرلارنىڭ ماڭغانلىقىنى، قارىغۇلارنىڭ كۆزى ئېچىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەيران بولدى ۋە ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى. [داۋامى]

ئەيسانىڭ كورلارنىڭ كۆزىنى ئېچىشى ئۇنىڭ مەسىھلىكىگە ئىسپات

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 9- باب

2كىشىلەر زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى پالەچكە:

_ ئوغلۇم، خاتىرجەم بول، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، _ دېدى.

3بىرقانچە تەۋرات ئۇستازلىرى كۆڭلىدە «بۇ ئادەم كۇپۇرلۇق قىلدى» دەپ ئويلىدى.

4ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ نېمە ئۈچۈن يامان ئويدا بولىسىلەر؟ 5«گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئېيتماق ئاسان، قىلماق تەس. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 10- باب

46كېيىن، ئۇلار ئېرىخا شەھىرىگە كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى ۋە نۇرغۇن خالايىق بىلەن بىللە ئېرىخادىن قايتقان ۋاقىتتا، تىماينىڭ بارتىماي ئىسىملىك قارىغۇ ئوغلى يول بويىدا ئولتۇرۇپ، تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى. 47ئۇ ناسىرەلىك ئەيسانىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ:

_ ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى ئەيسا، ماڭا رەھىم قىلغايسىز! _ دەپ توۋلاشقا باشلىدى.

48نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنى ئەيىبلەپ، ئۈنىنى چىقارماسلىقىنى ئېيتتى. لېكىن، ئۇ:

_ ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، رەھىم قىلغايسىز، _ دەپ تېخىمۇ قاتتىق توۋلىدى.

49ھەزرىتى ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ:

_ ئۇنى چاقىرىڭلار، _ دېدى. چاقىرغىلى بارغانلار قارىغۇغا:

_ قورقما! ئورنۇڭدىن تۇر، ئۇ سېنى چاقىرىۋاتىدۇ! _ دېيىشتى. 50ئۇ ئادەم چاپىنىنى سېلىپ تاشلاپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلدى.

51ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىن:

_ مەندىن نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ _ دەپ سورىدى.

قارىغۇ:

_ ئۇستاز، كۆزۈمنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن! _ دېدى.

52ھەزرىتى ئەيسا:

_ قايتساڭ بولىدۇ، ماڭا باغلىغان ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى، _ دېۋىدى، ئۇ ئادەمنىڭ كۆزى شۇئان ئېچىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئادەم يول بويى ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 4- باب

17ئىبادەتخانا خىزمەتچىسى ئۇنىڭغا يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىنى بەردى. ئۇ ئۇنى ئېچىپ، مۇنۇ ئايەتلەر يېزىلغان يەرنى تېپىپ ئوقۇدى:

18-19«خۇدانىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا. چۈنكى، ئۇ مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللاپ، كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلدى.

ئۇ مېنى تۇتقۇنلارغا: ‹ئازاد بولىسىلەر!›، قارىغۇلارغا: ‹كۆرەلەيدىغان بولىسىلەر!› دەپ جاكارلاشقا ئەۋەتتى.

خۇدا مېنى ئېزىلگەنلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشكە، خۇدانىڭ خەلقىنى قۇتقۇزۇش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇشقا ئەۋەتتى.»

20ھەزرىتى ئەيسا يازمىنى يېپىپ ئىبادەتخانا خىزمەتچىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، تەلىم بەرگىلى ئولتۇردى. پۈتۈن ئىبادەتخانىدىكىلەر كۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن ئۈزمەي قاراپ ئولتۇرۇشتى. 21ئۇ كۆپچىلىككە:

_ سىلەر ئاڭلىغان بۇ ئايەت بۈگۈن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، _ دېدى.

22بۇنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلىرىگە ھەيران قېلىشتى. بىراق، بەزىلەر:

_ قانداق گەپ؟ بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ _ دېيىشتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 9- باب

1ھەزرىتى ئەيسا يولدا كېتىۋېتىپ، تۇغما قارىغۇ بىر ئادەمنى كۆردى. 2شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ ئۇستاز، بۇ ئادەمنىڭ تۇغما قارىغۇ بولۇشى كىمنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن بولغان؟ ئۆزىنىڭمۇ ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ؟ _ دەپ سوراشتى.

3ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئۆزى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆز قۇدرىتىنى ئۇنىڭ ھاياتىدا ئايان قىلماقچى بولغانلىقىدىندۇر. 4كۈننىڭ يورۇق ۋاقتىدا، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ بىزگە تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك. كەچ كىرىپ قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتسە، ھېچكىم ئىش قىلالمايدۇ. 5دۇنيادا بولغان مەزگىلىمدە، دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن.

6ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، يەرگە تۈكۈرۈپ، تۈكۈرۈك بىلەن لاي قىلىپ، لاينى ھېلىقى ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە سۈرۈپ قويدى 7ۋە ئۇنىڭغا: «سىلوھا كۆلچىكىگە بېرىپ كۆزلىرىڭنى يۇ» دېدى. («سىلوھا» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، «ئەۋەتىلگۈچى» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ.)

ھېلىقى ئادەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى ۋە كۆزلىرى ئېچىلغان ھالدا قايتتى. 8قوشنىلىرى ۋە تىلەمچىلىك قىلغىنىدا ئۇنى كۆرگەنلەر:

_ بۇ، ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ _ دېيىشتى.

9بەزىلەر: «ھەئە، شۇ» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، ئۇ ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭغا ئوخشايدىكەن» دېيىشتى.

بىراق، ئۇ ئۆزى:

_ مەن دەل شۇ كىشى بولىمەن! _ دېدى.

10_ ئۇنداقتا كۆزلىرىڭ قانداق ئېچىلدى؟ _ دەپ سوراشتى ئۇلار.

11ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئەيسا دېگەن بىر كىشى تۈكۈرۈكىدىن لاي قىلىپ كۆزلىرىمگە سۈرۈپ قويۇپ، ماڭا: «سىلوھا كۆلچىكىگە بېرىپ كۆزلىرىڭنى يۇ» دېگەنىدى. مەن ئۇ يەرگە بېرىپ يۇسام، كۆزلىرىم ئېچىلىپ كەتتى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر