سوئال

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 2- باب

24بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر. [داۋامى]

تەۋرات، « مالاكى » 2- باب

16پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: «مەن ئاجرىشىشقا نەپرەتلىنىمەن» دەيدۇ. «ئاجرىشىش خۇددى بىرسىگە قىلغان زوراۋانلىق بىلەن باراۋەردۇر. شۇڭا قەلبىڭلارنى پاك تۇتۇپ، ساداقەتسىزلىك قىلماڭلار!» [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

31_ سىلەر «كىمدەكىم ئايالىنى تالاق قىلسا، تالاق خېتىنى بەرسۇن» دېگەن تەلىمنىمۇ ئاڭلىغان. 32بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، بىر ئادەم ئۆز ئايالىنىڭ جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشىدىن باشقا ئىشىنى سەۋەب قىلىپ ئۇنى تالاق قىلسا ھەمدە تالاق قىلىنغان ئايال يەنە بىر ئەرگە تەگسە، تالاق قىلغان ئادەم ئۆز ئايالىنى زىناغا تۇتۇپ بەرگەن بولىدۇ. تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئالغان كىشىمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 19- باب

3ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا تۇزاق قۇرۇش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن:

_ بىر ئادەمنىڭ ھەرقانداق بىر سەۋەب بىلەن ئايالىنى تالاق قىلىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

4ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:

_ تەۋراتنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ ياراتقۇچى بۇرۇنلا ئىنسانلارنىڭ بىر گەۋدە بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى» ۋە 5«بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر» دېدى. 6شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئەمدى ئىككى تەن ئەمەس، بىر تەندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن.

7پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ ئۇنداقتا، مۇسا پەيغەمبەر نېمە ئۈچۈن تەۋرات قانۇنىدا ئەرلەرنىڭ ئۆز ئاياللىرىغا بىر پارچە تالاق خېتىنى بېرىپلا ئۇلارنى تالاق قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى؟ _ دەپ سوراشتى.

8ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ تەرسالىقىڭلاردىن مۇسا پەيغەمبەر ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلسا رۇخسەت قىلغان. بىراق، ئالەم ئاپىرىدە بولغاندا بۇنداق ئەمەس ئىدى. 9بىلىپ قويۇڭلاركى، ئايالىنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن باشقا بىرەر سەۋەب بىلەن تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 10- باب

2ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا تۇزاق قۇرۇش مەقسىتىدە:

_ بىر ئادەمنىڭ ئايالىنى تالاق قىلىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

3_ مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە نېمە دەپ بۇيرۇغان؟ _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

4_ مۇسا پەيغەمبەر ئەرلەرنىڭ ئايالىنى بىر پارچە تالاق خېتى يېزىپلا تالاق قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان، _ دېيىشتى ئۇلار.

5ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ تەرسالىقىڭلاردىن مۇسا پەيغەمبەر بۇ بۇيرۇقنى يازغان. 6خۇدا ئالەمنى ياراتقاندا، ئىنسانلارنى «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى». 7«بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ 8بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر.» شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئايرىم-ئايرىم ئىككى تەن بولماستىن، بىر تەندۇر. 9شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن، _ دېدى.

10ئۇلار ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، شاگىرتلىرى بۇ ھەقتە ھەزرىتى ئەيسادىن يەنە سورىدى. 11ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ ئايالىنى تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ. 12ئېرىدىن ئاجرىشىپ باشقا ئەرگە تەگكەن ئايالمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ، _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 16- باب

18ھەزرىتى ئەيسا يەنە:

_ ئايالىنى تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ. تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئېلىشمۇ زىنا قىلغانلىق بولىدۇ، _ دېدى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر