مەريەم~ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 2- باب

1ئىسرائىللارنىڭ لاۋىي قەبىلىسىدىكى بىر كىشى ئۆز قەبىلىسىدىن بولغان بىرسىگە نىكاھلاندى. 2ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئانا بوۋاقنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇرۇن ساقلىدى. 3ئۇ بالىنى زادى يوشۇرالمايدىغان يەرگە كەلگەندە، قومۇشتىن بىر سېۋەت توقۇپ، ئۇنى موم ۋە لاي بىلەن سۇۋاپ، سۇ ئۆتمەس قىلدى ۋە بالىنى سېۋەتكە سېلىپ، ئاندىن سېۋەتنى نىل دەرياسى بويىدىكى قومۇشلۇققا ئاپىرىپ، يوشۇرۇنچە سۇغا قويۇۋەتتى. 4بالىنىڭ ھەدىسى قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدىكىن دەپ، يىراقتىن سېۋەتنى كۆزىتىپ تۇردى.

5پادىشاھنىڭ قىزى دەريا بويىغا سۇغا چۆمۈلگىلى كەلدى. ئۇنىڭ كېنىزەكلىرى دەريا بويىدا سەيلە قىلىشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز، مەلىكە قومۇشلۇقتا بىر سېۋەتنىڭ تۇرغىنىنى كۆرۈپ قالدى-دە، ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن خاس كېنىزىكىنى ئەۋەتتى. 6مەلىكە سېۋەتنى ئېچىپ، بىر ئوغۇل بوۋاقنىڭ يىغلاپ ياتقىنىنى كۆردى. مەلىكە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ:

_ بۇ چوقۇم بىر ئىبرانىينىڭ بوۋىقى، _ دېدى.

7بۇ چاغدا، بوۋاقنىڭ ھەدىسى كېلىپ، مەلىكىگە:

_ مەن بېرىپ، ئىبرانىيلار ئارىسىدىن سىز ئۈچۈن بوۋاقنى ئېمىتىدىغان بىر ئىنىكئانا تېپىپ كېلەيمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

8مەلىكە:

_ ماقۇل، بارغىن، _ دېدى. ئۇ بېرىپ، بوۋاقنىڭ ئۆز ئانىسىنى چاقىرىپ كەلدى. 9مەلىكە بۇ ئايالغا:

_ بوۋاقنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ كېتىپ، مەن ئۈچۈن ئېمىت. ئىش ھەققىڭنى بېرىمەن، _ دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئايال بوۋاقنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ئېمىتتى. 10بالا خېلى چوڭ بولغاندا، ئانىسى ئۇنى مەلىكىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. مەلىكە ئۇنى ئۆز ئوغلى قىلىپ بېقىۋالدى ۋە «مەن ئۇنى سۇدىن تارتىپ چىقىرىۋالغان» دەپ، ئۇنىڭغا مۇسا [ئىبرانىي تىلىدىكى «تارتىپ چىقىرىش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دېگەن ئىسىمنى قويدى. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 15- باب

20ھارۇننىڭ ھەدىسى مەريەم پەيغەمبەر قولىغا داپ تۇتقانىدى، نۇرغۇن ئاياللارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە داپ چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناشتى. 21مەريەم خۇدانى مەدھىيىلەپ، ئۇلارغا مۇنداق ناخشا ئېيتىپ بەردى:

«پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي، چۈنكى ئۇ شانلىق غەلىبە قۇچتى.

جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلارنى دېڭىزغا غەرق قىلدى.» [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى