ئەيسا مەسىھنىڭ ئاخىرەتتە قايتىپ كېلىشى

تەۋرات، « يەشايا » 24- باب

1قاراڭلار! پەرۋەردىگار زېمىننى گۇمران قىلىپ، خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ.

ئۇ يەر يۈزىنى ۋەيران قىلىپ، ئىنسانلارنى ھەر تەرەپكە چاچىدۇ.

2روھانىيلار ۋە خەلقلەر،

خوجايىنلار ۋە قۇللار،

ئاغىچا خېنىملار ۋە دېدەكلەر،

ساتقۇچىلار ۋە ئالغۇچىلار،

قەرز بەرگۈچىلەر ۋە قەرز ئالغۇچىلار،

ھەركىم شۇ كۈننى كۆرىدۇ.

3زېمىن پۈتۈنلەي تالان-تاراج قىلىنىپ، قۇرۇقدىلىپ قالىدۇ.

مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 13- باب

9قاراڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى كېلەي دەپ قالدى.

بۇ شەپقەتسىز كۈن، چەكسىز غەزەپ ۋە رەھىمسىزلىككە تولغاندۇر.

ئۇ زېمىننى خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ ۋە گۇناھكارلارنى گۇمران قىلىدۇ.

10ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ۋە يۇلتۇز تۈركۈملىرى ئۆز يورۇقلۇقىنى چۈشۈرمەيدۇ.

قۇياش قاپقارا بولۇپ چىقىدۇ،

ئايمۇ يورۇقلۇق بەرمەيدۇ.

11پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن دۇنيانى ئۇنىڭ رەزىللىكى ئۈچۈن جازالايمەن،

رەزىل ئادەملەرنى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن جازالايمەن.

مەن كۆرەڭلەپ، مەغرۇرلانغانلارنى پەسلەشتۈرىمەن.

شەپقەتسىزلەرچە غادايغانلارنى يەرگە ئۇرىمەن.

12ئىنسانلار زېمىندا ئازىيىپ، ئالتۇندىنمۇ تەستە تېپىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ،

ئادەملەرنى ئوفىرنىڭ ئالتۇنلىرىدەك ئازايتىۋېتىمەن.

13بۇ مېنىڭ ئاسماننى تىترىتىپ، زېمىننى تەۋرىتىپ،

ئۆز ئورنىدىن قوزغىتىشىمنىڭ سەۋەبىدۇر.

شۇ كۈنى مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار

ھەممىگە رەھىمسىزلەرچە غەزىپىمنى چاچىمەن.» [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 25- باب

31_ ئىنسانئوغلى ئۆز شان-شەرىپى ئىچىدە پۈتۈن پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە كەلگىنىدە، پادىشاھ بولۇپ شەرەپ تەختىدە ئولتۇرىدۇ. 32-33پۈتكۈل خەلقلەر ئۇنىڭ ئالدىدا توپلىنىدۇ. ئۇ ئۇلارنى قويلارنى ئوڭ يېنىغا، ئۆچكىلەرنى سول يېنىغا ئايرىغان قويچىدەك ئايرىيدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 17- باب

22كېيىن، شاگىرتلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، سىلەر مېنىڭ، يەنى ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىپ، ھۆكۈم سۈرىدىغان كۈنلىرىنىڭ بىرەرسىنى كۆرۈشكە تەشنا بولىسىلەر، ئەمما كۆرەلمەيسىلەر. 23بەزىلەر سىلەرگە: «قاراڭلار، قۇتقۇزغۇچى ئۇ يەردە!» ياكى «قاراڭلار، ئۇ بۇ يەردە!» دېسە، چىقىپ قارىماڭلار ۋە ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرمەڭلار. 24چۈنكى، چاقماق چېقىپ، ئاسماننى بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە قانداق يورۇتقان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ يېتىپ كېلىدىغان كۈنىمۇ شۇنداق بولىدۇ. 25لېكىن، ئۇ ئاۋۋال نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشى ۋە بۇ ئەۋلاد يەھۇدىيلار تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى كېرەك.

26نۇھ پەيغەمبەرنىڭ زامانىدا قانداق بولغان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىدىغان زامانىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ. 27ئۇ زاماننىڭ كىشىلىرى نۇھ پەيغەمبەر كېمىگە ئولتۇرغان كۈنگىچە، بەخىرامان يەپ-ئىچىپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ كەلگەنىدى. تۇيۇقسىزلا توپان كېلىپ، كېمىگە چۈشمىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلدى. 28يەنە شۇنىڭدەك، ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىڭ جىيەنى لۇتنىڭ زامانىدىمۇ كىشىلەر بەخىرامان يەپ-ئىچىپ، سودا-سېتىق قىلىپ، تېرىقچىلىق قىلاتتى ۋە ئۆيلەرنى سالاتتى. 29لېكىن، لۇت سودوم شەھىرىدىن ئايرىلغان كۈنى، ئاسماندىن ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېغىپ، سودوم شەھىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ ھالاك قىلدى. 30ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنىمۇ ئەنە شۇنداق بولىدۇ.

31ئۇ كۈنى، ئۆگزىدىكىلەر ئۆيىدىكى نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالماي قاچسۇن. ئېتىزلاردا ئىشلەۋاتقانلارمۇ مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتماي قېچىپ كەتسۇن. 32لۇتنىڭ ئايالىنىڭ مال-مۈلكىگە كۆزى قىيماي كەينىگە قاراپ، تاش تۇزغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ئېسىڭلاردا بولسۇن! 33چۈنكى، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدىغانلار ئەكسىچە ھاياتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. بىراق، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، مېنىڭ ئۈچۈن ياشايدىغانلار ھاياتىنى ساقلىيالايدۇ.

34بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن قايتىپ كېلىدىغان كېچە بىر ئورۇندا ياتقان ئىككى كىشىنىڭ بىرى قالدۇرۇلۇپ، يەنە بىرى ئەرشكە ئېلىپ كېتىلىدۇ. 35تۈگمەن تېشى بىلەن ئۇن تارتىۋاتقان ئىككى ئايالنىڭ بىرى قالدۇرۇلۇپ، يەنە بىرى ئەرشكە ئېلىپ كېتىلىدۇ. 36ئېتىزدىكى ئىككى كىشىدىن بىرى ئېلىپ كېتىلىپ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ.

37_ ئى رەببىمىز، بۇ ۋەقەلەر قەيەردە يۈز بېرىدۇ؟ _ دەپ سورىدى شاگىرتلار.

_ جەسەت قەيەردە بولسا، قۇزغۇنلار شۇ يەرگە توپلىنىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا. [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 17- باب

30بۇرۇنقى زامانلاردا، خۇدا: «بۇتقا ئىشىنىدىغانلار ھازىرچە مېنىڭ يوللىرىمنى بىلمەيدۇ» دەپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆرمەسكە سالدى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، ئۇنىڭ يولىغا قايتىشقا بۇيرۇماقتا! 31چۈنكى، ئۇ ئۆزى تاللىغان ئادەم ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانى ئادىللىق بىلەن سوراق قىلىدىغان قىيامەت كۈنىنى بەلگىلىدى. خۇدانىڭ ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكى بۇ ئىشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 4- باب

15بىز ھازىر رەببىمىزنىڭ سۆزى بويىچە سىلەرگە شۇنى ئېيتىمىزكى، رەببىمىز قايتا كەلگەندە، بىز ھايات ياشاۋاتقانلار ھەرگىزمۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئېتىقادچىلاردىن ئاۋۋال رەببىمىز بىلەن جەم بولالمايمىز. 16رەببىمىز ئۆزى بىر پەرمان ئارقىلىق باش پەرىشتىنىڭ ئاۋازى ۋە خۇدا ياڭراتقان كاناي ساداسى بىلەن ئاسماندىن چۈشىدۇ. ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئاۋۋال تىرىلىدۇ. 17كېيىن ھايات ياشاۋاتقان بىزلەر، يەنى بۇ دۇنيادا ھايات كەچۈرۈۋاتقانلار ئاشۇ ئۆلگەنلەر بىلەن بىرلىكتە رەببىمىز بىلەن ئاسماندا كۆرۈشۈش ئۈچۈن، بۇلۇتلار ئارىسىغا كۆتۈرۈلىمىز. شۇنىڭدىن كېيىن، رەببىمىز بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولىمىز. 18شۇڭا، بىر-بىرىڭلارنى بۇ سۆزلەر بىلەن رىغبەتلەندۈرۈڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 2- باب

1قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىدىغان ھەمدە بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغان كۈنىمىز توغرىسىدا سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈپ سورايمىزكى، 2ئەگەر سىلەر «رەببىمىزنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنى يېتىپ كەلدى» دېگەن سۆزنى ئاڭلىساڭلار، ھودۇقۇپ كەتمەڭلار، قورقۇپمۇ كەتمەڭلار. بۇنداق سۆزنى قىلغۇچىلار مەيلى ئۇنى خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيدىن ياكى باشقىلارنىڭ تەلىمىدىن ئاڭلىدۇق ياكى بولمىسا بىزنىڭ نامىمىزدا يېزىلغان خەتلەردىن كۆردۇق دېسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشەنمەڭلار. 3ھەرقانداق ئادەم ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. چۈنكى، ئاخىر زاماندا خۇداغا قارشى چوڭ توپىلاڭ يۈز بەرمىگۈچە ۋە مەڭگۈلۈك ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنغۇچى، يەنى «خۇداغا قارشى چىققۇچى» ئاشكارىلانمىغۇچە، بۇ كۈن يېتىپ كەلمەيدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى