ھەقىقىي ئەركىنلىك

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

6ھەققانىيلىققا ئىنتىلىدىغانلار نەقەدەر بەختلىك!

چۈنكى، خۇدا ئۇلارنى تولۇق قانائەتلەندۈرىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

23چۈنكى، ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلىپ، خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ياراتقاندا ئاتا قىلغان شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قالغان. 24لېكىن، خۇدا بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، بىزنى بەدەلسىز ھالدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىدى. بۇ، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. چۈنكى، ئۇ بىزنى گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى. 25خۇدا ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى جازالاشنىڭ ئورنىغا، ئەيسا مەسىھنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى. ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتە ئاققۇزغان قېنى ئارقىلىقلا، خۇدا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلارنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. خۇدا ئەيسا مەسىھنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىش بىلەن، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، ئۇلارنى دەرھال جازالىمىغانلىقىنىڭ ئادىللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ئۇلارنىڭمۇ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربان بولدى. 26مانا ھازىرمۇ خۇدا يەنە ئۆزىنىڭ ئادىللىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئىنسانلار گۇناھكار بولسىمۇ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى يەنىلا ئادىللىق بىلەن كەچۈرىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 8- باب

1يىغىنچاقلاپ ئېيتساق، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئەمدى گۇناھقا مەھكۇم قىلىنمايدۇ. 2چۈنكى، ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىزنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدىغان گۇناھنىڭ كۈچىدىن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خالاس قىلدى. 3گۇناھكار تەبىئىتىمىز تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى بىزنى گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد قىلالمىدى. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنى بىز گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ تېنىدەك تەن بىلەن يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گۇناھسىز تېنىدە گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتىشى بىلەن بىزنى باشقۇرۇۋاتقان گۇناھنىڭ كۈچىنى بىكار قىلدى. 4بۇنىڭ بىلەن، گۇناھكار تەبىئىتىمىزگە ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھقا بويسۇنىدىغان بىزلەر ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىنىڭ ئادىل تەلەپلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 6- باب

9يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ سىلەر ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار! بارلىق جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغۇچىلار، بۇتپەرەسلەر، زىناخورلار، ھەزىلەكلەر، ئەر بىلەن ئەر ياكى ئايال بىلەن ئايال ئارا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىلار، 10ئوغرىلار، ئاچكۆزلەر، ھاراقكەشلەر، تۆھمەتخورلار ۋە ئالدامچىلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇرۇن يوق. 11بەزىلىرىڭلار بۇرۇن مانا شۇنداقلاردىن ئىدىڭلار. لېكىن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق گۇناھىڭلار يۇيۇلۇپ، خۇداغا ئاتالدىڭلار ۋە خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندىڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 5- باب

17بىر كىشى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولىدىكەن، ئۇ يېڭىدىن يارالغان ئادەمدۇر. ئۇنىڭ كونا ھاياتى ئاخىرلىشىپ، يېڭىسى باشلانغان بولىدۇ. 18بۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدادىندۇر. خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى، شۇنداقلا بىزگە كىشىلەرنى ئۆزى بىلەن يارىشىشقا چاقىرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى. 19دېمەك، خۇدا ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن ھېساب ئالماي، ئۇلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى، شۇنداقلا ئۆزى بىلەن ياراشتۇرۇلۇش ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى بىزگە ئامانەت قىلدى. 20شۇڭا، بىز ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەكىللىرى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن سىلەرنى شۇنىڭغا ئۈندەيمىزكى، خۇدا بىلەن يارىشىڭلار. بەجايىكى، بۇ خۇدانىڭ بىز ئارقىلىق سىلەرنى مۇراجىئەت قىلغىنىدۇر. 21خۇدا بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھسىز مەسىھنى گۇناھىمىزنىڭ قۇربانى قىلدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت » 1- باب

8گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز-ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ۋە ھەقىقەت قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ. 9گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئىشەنچلىك ۋە ئادىل خۇدا گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق گۇناھلىرىمىزدىن پاك قىلىدۇ. 10گۇناھ قىلمىدۇق دېسەك، خۇدانى يالغانچى قىلىپ قويغان بولىمىز ۋە ئۇنىڭ سۆزى قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى