خاتىرجەملىك

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 2- باب

1شۇنداق قىلىپ، ئالەم پۈتكۈل مەۋجۇداتلىرى بىلەن يارىتىلىپ بولدى.

2يەتتىنچى كۈنى كەلگەندە، خۇدا يارىتىش ئىشىنى تاماملاپ بولغان بولۇپ، ئۇ كۈنى ئارام ئالدى. 3ئۇ يەتتىنچى كۈننى بەختلىك كۈن قىلىپ، ئۇنى «مۇقەددەس كۈن» دەپ جاكارلىدى، چۈنكى بۇ كۈن خۇدا يارىتىشنى تاماملاپ ئارام ئالغان كۈن ئىدى. [داۋامى]

« زەبۇر » 46- مۇناجات

10دەيدۇ ئۇ: «توختىتىڭلار ئۇرۇشۇڭلارنى،

بىلىپ قويۇڭلار مېنىڭ خۇدالىقىمنى!

ئۇلۇغلىنىمەن پۈتۈن ئالەمدە،

بارچە خەلقلەر ئۇلۇغلار مېنى.» [داۋامى]

« زەبۇر » 131- مۇناجات

1ئى پەرۋەردىگار،

تەكەببۇرلۇق يوقتۇر كۆڭلۈمدە،

ھاكاۋۇرلۇق قىلماسمەن قىلچە.

ئارىلاشمايمەن قۇربىم يەتمەس ئىشلارغا،

كىرىشمەيمەن بۈيۈك ئارزۇ-ئارمانلارغا.

2سۈتكە تويغان بالىدەك ئانىسىنىڭ باغرىدا،

كۆڭلۈم تىنىپ، تىنچلاندى تېنىم،

بەرھەق، سۈتكە تويغان بالىدەك ئارام تاپتىم. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 33- باب

12مۇسا پەرۋەردىگارغا:

_ سەن ماڭا بۇ خەلقنى باشلاپ بېرىشقا ئەمر قىلغانىدىڭ. لېكىن، سەن ماڭا كىمنى مەن بىلەن بىللە بېرىشقا ئەۋەتىدىغانلىقىڭنى ئېيتمىدىڭ. سەن مېنى ئالاھىدە مەقسەت بىلەن تاللىغانلىقىڭنى ۋە ماڭا بەخت ئاتا قىلغانلىقىڭنى ئېيتقانىدىڭ. 13ئۇنداق ئىكەن، سېنىڭ يولۇڭدا مېڭىپ، ھەمىشە ئالدىڭدا ئىلتىپات تېپىشىم ئۈچۈن، ماڭا يول كۆرسەتكەيسەن ۋە بۇ خەلقنىڭ ئۆز خەلقىڭ ئىكەنلىكىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، _ دېدى.

14_ مەن ئۆزۈم سەن بىلەن بىللە بېرىپ، سېنى غەم-قايغۇدىن خالاس قىلاي، _ دېدى پەرۋەردىگار. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 34- باب

21ئىش قىلىشىڭغا يېتەرلىك ئالتە كۈن بار. يەتتىنچى كۈنى، مەيلى ئۇ تېرىقچىلىق ياكى ئورما مەزگىلى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم ئارام ئالغىن. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 19- باب

23پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئېرىشتۈرەر كىشىنى ھەقىقىي ھاياتلىققا،

ئۇ قانائەتلىك ياشاپ، ئۇچرىماس بالا-قازاغا. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 11- باب

28ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلار! مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي. 29مۇلايىم ۋە كەمتەرمەن. شۇڭا، مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمغا كىرىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ. 30مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمدا بولۇش ئاسان، تەلىپىم ئېغىر ئەمەس. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى