يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 37- باب

2تۆۋەندىكىلەر ياقۇپ ئائىلىسىنىڭ ئىش-ئىزلىرىدۇر.

يۈسۈپ ئون يەتتە ياشقا كىرگەن چاغلىرىدا، ھەمىشە ئاتىسىنىڭ كىچىك خوتۇنلىرى بىلھاھ ۋە زىلپانىڭ ئوغۇللىرىغا ياردەملىشىپ، قوي باققىلى چىقاتتى. ئۇ ئاكىلىرىنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرىنى ئاتىسىغا مەلۇم قىلىپ تۇراتتى. 3ئىسرائىل يۈسۈپنى باشقا ئوغۇللىرىدىن بەكرەك ياخشى كۆرەتتى. چۈنكى، يۈسۈپ ئۇنىڭ قېرىغان ۋاقتىدا تاپقان بالىسى ئىدى. ئىسرائىل يۈسۈپكە بىر ئالا تون تىكتۈرۈپ بەردى. 4ئاتىلىرىنىڭ ئۇنى ئۆزلىرىدىن ئارتۇق كۆرىدىغانلىقىنى سەزگەن ئاكىلىرى يۈسۈپكە شۇنچىلىك ئۆچمەنلىك قىلاتتىكى، ھەتتا ئۇنىڭغا سىلىق گەپمۇ قىلمايتتى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 37- باب

12بىر كۈنى، يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى شەكەمدىكى يايلاققا ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى باققىلى بارغانىدى.

13ئىسرائىل يۈسۈپكە:

_ ئاكىلىرىڭ شەكەمدە قوي بېقىۋاتىدۇ. سەن ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ يوقلاپ كەلگىن، _ دېدى.

_ ماقۇل، باراي، _ دەپ جاۋاب بەردى يۈسۈپ. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 37- باب

23-24يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ يېنىغا كېلىش بىلەنلا، ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ، ئۇچىسىدىكى ئالا تونىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئۇنى بىر سۇسىز قۇدۇققا تاشلىۋەتتى.

25ئۇلار تاماققا ئولتۇرغىنىدا، بىر توپ ئىسمائىل قەبىلىسىدىن بولغان سودىگەرلەر كارۋىنىنىڭ گىلئادتىن مىسىر تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار تۆگىلىرىگە دورا-دەرمان، مەلھەم ۋە مۇرمەككىلەرنى ئارتىپ كەلگەنىدى. 26يەھۇدا ئۆز قېرىنداشلىرىغا:

_ بىزنىڭ ئۆز ئىنىمىزنى ئۆلتۈرۈپ، جىنايىتىمىزنى يوشۇرۇشىمىزنىڭ پايدىسى نېمە؟ 27ئۇنى ئۆزىمىز قول سېلىپ ئۆلتۈرگىنىمىزدىن كۆرە، ئىسمائىللارغا سېتىۋەتكىنىمىز تۈزۈك. ئۇ قانداقلا بولمىسۇن بىزنىڭ ئىنىمىز، بىزنىڭ قان قېرىندىشىمىز، _ دېدى. قېرىنداشلىرى بۇنىڭغا قوشۇلدى. 28شۇڭا، مىدياندىن كەلگەن ئىسمائىل قەبىلىسىدىكى سودىگەرلەر ئۇ يەردىن ئۆتكەندە، يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنى قۇدۇقتىن چىقىرىپ، يىگىرمە كۈمۈش تەڭگىگە باھالىشىپ، ئىسمائىللارغا سېتىۋەتتى. بۇ كىشىلەر يۈسۈپنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 41- باب

15پادىشاھ ئۇنىڭغا:

_ مەن بىر چۈش كۆرگەنىدىم. چۈشۈمگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى. بىراق ئاڭلىشىمچە، سەن تەبىر بېرەلەيدىكەنسەن، _ دېدى.

16يۈسۈپ:

_ جانابلىرى، مەن شەخسەن ئۆزۈم چۈشكە تەبىر بېرەلمەيمەن. لېكىن، خۇدا ئۆزلىرىگە ياخشى تەبىر بېرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 42- باب

6يۈسۈپ مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى بولغاچقا، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەنلەرگە ئاشلىق سېتىپ بېرىشكە مەسئۇل ئىدى. شۇڭا، يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشى يەرگە تەگكۈچە ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 50- باب

18ئاندىن، يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بېشى يەرگە تەگكۈچە تەزىم قىلىپ، مۇنداق دېدى:

_ بىز سېنىڭ قۇلۇڭ بولايلى!

19يۈسۈپ ئۇلارغا:

_ قورقماڭلار! مەن ھۆكۈم قىلىپ جازالايدىغان خۇدا ئەمەسمەن! 20سىلەر ئەسلىدە ماڭا زىيانكەشلىك قىلماقچىدىڭلار، لېكىن خۇدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، يامان ئىشىڭلارنى ياخشى ئىشقا ئايلاندۇردى. بۈگۈن مانا شۇنچە نۇرغۇن كىشىلەر ھايات قالدى. 21سىلەر قورقماڭلار. مەن چوقۇم سىلەرگىمۇ پەرزەنتلىرىڭلارغىمۇ غەمخورلۇق قىلىمەن، _ دېدى.

يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا مېھرىبانلىق بىلەن تەسەللى بېرىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلدى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى