غەم-ئەندىشە

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 12- باب

22ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى:

_ شۇڭا بىلىپ قويۇڭلاركى، تۇرمۇشۇڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلماڭلار. 23چۈنكى، ھاياتلىق يېمەك-ئىچمەكتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن كۆپ ئەزىزدۇر. 24قاغىلارنى ئويلاڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، يىغمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئامبار، ئىسكىلاتلىرىمۇ يوق. خۇدا ئۇلارنىمۇ ئاچ قويمىغان يەردە، سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى چوقۇم بېرىدۇ. چۈنكى، سىلەر شۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟

25ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى كىچىككىنە ئۇزارتالايسىلەر؟ 26مانا شۇنچىلىك كىچىك ئىشنىمۇ قىلالمىساڭلار، باشقا ئىشلار ئۈچۈن غەم قىلىشىڭلارنىڭ نېمە ھاجىتى؟! 27ياۋا گۈللەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئىشمۇ قىلمايدۇ، كىيىممۇ تىكمەيدۇ. لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا ئۇلۇغ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھەشەمەتلىك تونلىرىمۇ بۇ ياۋا گۈللەرنىڭ گۈزەللىكىگە تەڭ كېلەلمەيدۇ. 28ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! دالادىكى بۈگۈنى ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا قالىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى ئاشۇنچە بېزىگەن خۇدا سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟ 29شۇنداق ئىكەن، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ئۈچۈن باش قاتۇرماڭلار. ھېچنېمىدىن ئەنسىرىمەڭلار [داۋامى]

ئىنجىل، « فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 4- باب

5خۇش پېئىللىقىڭلار پۈتكۈل ئىنسانغا ئايان بولسۇن. ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە ئاز قالدى. 6ھېچ نەرسىدىن غەم قىلماڭلار. ئەكسىچە، ھەرقانداق تەلىپىڭلار بولسا دۇئا-تىلاۋەت ئارقىلىق خۇدادىن تىلەڭلار ۋە شۈكۈر ئېيتىڭلار. 7شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان تىنچلىقى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق تىنچلاندۇرىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 13- باب

5ئۆزۈڭلارنى مال-دۇنياغا ئۇرماڭلار. بارىغا قانائەت قىلىڭلار. تەۋراتتا خۇدا مۇنداق دېگەن:

«سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن،

سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن.»

6شۇڭا، زەبۇردا يېزىلغاندەك يۈرەكلىك ئېيتالايمىزكى:

«قورقمايمەن، رەببىم ياردەمچىمدۇر.

كىشىلەر مېنى نېمە قىلالىسۇن؟» [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 5- باب

6ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ۋاقتى كەلگەندە خۇدا سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ. 7بارلىق غەم-قايغۇلىرىڭلارنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى، ئۇ سىلەرگە غەمخورلۇق قىلىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى