ھالال ئەمگەك

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 2- باب

15پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتىنى ئېرەم باغقا ئىشلەپ ئۇنى پەرۋىش قىلسۇن، دەپ ئۇ يەرگە قويغانىدى. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 23- باب

12ئالتە كۈن ئىشلەپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئال. ئۇلاغلىرىڭ، قۇللىرىڭ ۋە ياقا يۇرتلۇق مۇساپىرلارمۇ ئارام ئالسۇن. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 10- باب

4نامرات بولار قول قوشتۇرۇپ ئولتۇرغانلار،

بايلىق كەلتۈرەر ئۆز قولى بىلەن ئىشچانلار.

5ئەقىل-ئىدراكلىق ئوغۇلدۇر ھوسۇلنى ۋاقتىدا يىغقان،

ئۇياتقا قالدۇرىدىغان ئوغۇلدۇر ئورما مەزگىلىدە ئۇخلىغان. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 12- باب

14ئادەم ياخشى سۆزى بىلەن ياخشىلىق تاپار،

مېھنىتى بىلەن ئىنئامغا سازاۋەر بولار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 12- باب

24تىرىشچان قول ھوقۇق تۇتار،

ھۇرۇن ئالۋانغا تۇتۇلار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 13- باب

4ئېرىشەلمەس ھۇرۇنلار كۆڭلى خالىغان ھەر قانداق نەرسىگە،

ئېرىشەر تىرىشچانلار بارلىق ئارزۇسىغا. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 14- باب

23كېلەر ھەربىر مېھنەتتىن پايدا،

قالدۇرار قۇرۇق پاراڭ ئادەمنى موھتاجلىقتا.

24ئاقىلنىڭ ئېرىشكەن بايلىقى ئۇنىڭ شۆھرەت تاجىدۇر،

نادانلىقىدىن ئەخمەققە پەقەت نادانلىق قالۇر. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 18- باب

9كىمكى ھۇرۇن بولسا ئۆز ئىشىدا،

قېرىنداش بولۇر بۇزغۇنچىغا. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 20- باب

4ھۇرۇن دېھقان ئۆز پەسلىدە يەر ھەيدىمەس،

يىغىم پەيتى ھېچبىر ھوسۇل ئالالماس. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 21- باب

5چوقۇم مولچىلىق كەلتۈرەر ئەستايىدىل ئادەمنىڭ پىلانى،

پەقەت موھتاجلىقتا قالار بارلىق ئالدىراڭغۇ كىشى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 21- باب

25ھالاك قىلار ئۆزىنى ھۇرۇننىڭ تەمەسى،

چۈنكى ئىشقا بارماس ئۇنىڭ قولى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 22- باب

29كۆرگەنسەن ئىشىغا ماھىر ئۇستىنى؟

ئۇ پۇقرانىڭ ئەمەس، پادىشاھلارنىڭ خىزمىتىدىدۇر. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 24- باب

27تۈگەتكىن ئاۋۋال سىرتتىكى ئىشلارنى،

ئورۇنلاشتۇرغىن ئېتىزدىكى ئىشلىرىڭنى،

قۇرغىن ئاندىن ئۆيۈڭنى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 24- باب

30ئۆتتۈم مەن ھۇرۇننىڭ ئېتىزلىقىدىن،

ئەقىلسىزنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدىن.

31مانا ھەر يېرىدىن تىكەنلەر ئۆسۈپ چىققان،

ياۋا ئوت-چۆپلەر ھەممە يەرنى قاپلىغان،

قورۇق تېمى ئۆرۈلۈپ كەتكەن!

32ئۇلارنى كۆرۈشۈم بىلەن ئويغا پاتتىم،

كۆرگىنىمدىن مۇنداق ساۋاق ئالدىم:

33دېسەڭ: «بىرئاز كۆزۈمنى يۇمۇۋالاي، بىردەم ئۇخلىۋالاي،

يەنە بىردەم پۇت-قولۇمنى ئالماپ يېتىۋالاي»،

34يېنىڭغا كېلەر قاراقچىدەك نامراتلىق،

قوراللىق بۇلاڭچىدەك موھتاجلىق. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 28- باب

19يېرىگە ئىشلىگەننىڭ قورسىقى توق بولار.

قۇرۇق خىيال سۈرگەن تولىمۇ يوقسۇللۇققا قالار. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 6- باب

5ئەي قۇللار، بۇ دۇنيادىكى خوجايىنلىرىڭلارغا خۇددى ئەيسا مەسىھكە بويسۇنغاندەك چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە چىن قەلب بىلەن بويسۇنۇڭلار. 6خوجايىنىڭلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، پەقەت ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ھەمىشە ئۇلارغا خىزمەت قىلىڭلار. چۈنكى، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە چىن دىلىڭلاردىن ئەمەل قىلىشىڭلار كېرەك. 7خوجايىنىڭلارغا رازىمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. ئۇنى ئادەملەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئۈچۈن قىلغاندەك قىلىڭلار. 8ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، مەيلى قۇل ياكى ھۆر بولسۇن، رەببىمىز ھەركىمنىڭ قىلغان ھەربىر ياخشىلىقىنى قايتۇرىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

23ھەرقانداق ئىش قىلغاندا، جان-دىل بىلەن قىلىڭلار. بۇنى ئادەملەر ئۈچۈن ئەمەس، رەببىمىز ئۈچۈن قىلغاندەك قىلىڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 2- باب

9قېرىنداشلار، بىزنىڭ قانداق تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىگەنلىكىمىز جەزمەن ئېسىڭلاردا باردۇر. بىز ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن كېچە-كۈندۈزلەپ ئىشلەپ تۇرمۇشىمىزنى قامدىساق، يەنە بىر تەرەپتىن خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق. [داۋامى]

ئىنجىل، « سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 3- باب

10بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولغىنىمىزدا، سىلەرگە: «ئىشلىمىگەن چىشلىمەيدۇ!» دېگەنىدۇق. 11لېكىن، ئاراڭلاردا بەزىلەرنىڭ ھېچ ئىش قىلماي لاغايلاپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. ئۇلار بىكارچىلىقتا باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۈرۈپتۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى