« پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم »

18

يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا

1ئەلاھنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ھوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازنىڭ ئوغلى خىزكىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 2ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 25 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 29 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى زىكىرىيانىڭ قىزى ئابىيا ئىدى. 3خىزكىيا خۇددى ئەجدادى داۋۇتقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. 4ئۇ غەيرىي سەجدىگاھلارنى يوقىتىۋەتتى، تاش ئابىدىلەرنى چېقىۋەتتى ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ بۇتلىرىنى ئۆرۈۋەتتى. ئۇ يەنە مۇسا پەيغەمبەر ياسىتىپ قويغان مىس يىلاننى پارچە-پارچە قىلىپ بۇزۇۋەتتى، چۈنكى شۇ كۈنگىچە ئىسرائىللار ئۇ مىس يىلاننى «نىخۇشتان» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئىسرىق سالاتتى. 5خىزكىيا پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا ئىشەندى. ئۇنىڭدىن ئاۋۋال ئۆتكەن ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ئىچىدە ئۇنىڭدەك بىرەرى چىقمىدى. 6ئۇ پەرۋەردىگارغا سادىق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئايرىلماي، پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلدى. 7پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار بولغانلىقتىن ئۇ قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق بولدى. ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىغا قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭغا بويسۇنمىدى. 8ئۇ فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنى گازا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغىچە، يەنى كۆزىتىش مۇنارلىرىدىن تارتىپ، تاكى مۇستەھكەم شەھەرلىرىگىچە بولغان ھەممە يەرلەردە مەغلۇپ قىلدى.

9خىزكىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تۆتىنچى يىلى، يەنى ئەلاھنىڭ ئوغلى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ھوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ يەتتىنچى يىلى ئاسسۇر پادىشاھى شالمانئەسەر سامارىيەگە كېلىپ، ئۇنى قامال قىلدى. 10قامال قىلىنغان ئۈچىنچى يىلىنىڭ ئاخىرىدا، يەنى خىزكىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئالتىنچى يىلى ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھى ھوشىيانىڭ توققۇزىنچى يىلى ئاسسۇرلار سامارىيەنى ئىگىلىۋالدى. 11ئاسسۇر پادىشاھى ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئاسسۇرغا ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كېتىپ، ئۇلارنى خالاخ شەھىرى، خابور دەرياسى بويىدىكى گوزان شەھىرى ۋە مىدىيانىڭ شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى. 12بۇ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگار _ ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇدانىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىغانلىقىدىن، ئۇنىڭ ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلمىغانلىقىدىن بولغان.

پادىشاھ سانخېرىبنىڭ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشى

13خىزكىيا پادىشاھ تەختكە ئولتۇرغان 14-يىلى ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب يەھۇدىيەنىڭ بارلىق مۇستەھكەم شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ شەھەرلەرنى بويسۇندۇردى. 14يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا لاكىش شەھىرىدە تۇرغان ئاسسۇر پادىشاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا:

_ مەن ئەيىبلىك. بۇ يەردىن كەتسىلە، ماڭا قانداق ئولپان سالسىلا، مەن ئۇنى ئۈستۈمگە ئالىمەن، _ دېدى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىياغا ئون توننا كۈمۈش ۋە بىر توننا ئالتۇن ئولپان سالدى. 15خىزكىيا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ۋە ئوردا خەزىنىلىرىدىكى كۈمۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى بەردى. 16ئۇ ھەتتا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بۇرۇن ئۆزى قاپلاتقان ئىشىك ۋە ئىشىك كېشەكلىرىدىكى ئالتۇنلارنىڭ ھەممىسىنى قومۇرۇپ ئېلىپ، ئاسسۇر پادىشاھىغا بەردى.

17كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى ئۆزىنىڭ باش سەركەردىسى، ئوردا غوجىدارى ۋە خاس سەركەردىسىنى لاكىش شەھىرىدىكى زور قوشۇنى بىلەن يېرۇسالېمدىكى پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇلار يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، يۇقىرىدىكى كۆلچەككە سۇ قۇيۇلىدىغان، يەنى كىر يۇيىدىغان دالاغا بارىدىغان يولدىكى ئۆستەڭ بويىدا توختىدى. 18ئۇلار پادىشاھنى چاقىرتتى. خىلقىيانىڭ ئوغلى، يەنى ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا، ئاسافنىڭ ئوغلى، يەنى خاننىڭ تەزكىرىچىسى يوئاخ ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى. 19سەركەردە ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ خىزكىياغا ئېيتىڭلار، ئۇلۇغ ئاسسۇر پادىشاھى ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمىگە تايىنىپ ئۆزۈڭلارغا شۇنچە ئىشىنىسىلەر؟ 20سىلەرچە، قۇرۇق گەپلەر ئۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ ئورنىغا دەسسىيەلەمدۇ؟ سىلەر كىمگە ئىشىنىپ ماڭا قارشى چىقتىڭلار؟ 21سىلەر ئەمدى مىسىرغا تايانماقچىمۇ؟ مىسىر خۇددى قومۇشتىن ياسالغان سۇنۇق ھاسىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا تايانساڭلار قولۇڭلارنى تېشىۋېتىدۇ. پىرئەۋنگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ شۇنداق بولىدۇ. 22بەلكىم سىلەر ماڭا: ‹بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز› دەپ ئېيتارسىلەر. لېكىن پادىشاھ خىزكىيا ۋەيران قىلىۋەتكەن سەجدىگاھلار ۋە قۇربانلىق سۇپىلار دەل پەرۋەردىگارنىڭكى ئەمەسمىدى؟ پادىشاھ خىزكىيا يېرۇسالېم خەلقى ۋە بارلىق يەھۇدىيە خەلقىگە، پەرۋەردىگارغا پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ قۇربانلىق سۇپىسىدىلا ئىبادەت قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتمىغانمىدى؟»

23سەركەردە يەنە مۇنداق دېدى:

_ كېلىڭلار، بىز خوجايىنىم ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ نامى بىلەن قول باغلىشايلى. بىز سىلەرگە ئىككى مىڭ ئات بېرىمىز. قېنى، سىلەر ئىككى مىڭ چەۋەنداز تېپىپ بېقىڭلارچۇ؟ 24سىلەر مىسىرنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە چەۋەندازلىرى ياردەمگە كەلگەن تەقدىردىمۇ، خوجايىنىمنىڭ قول ئاستىدىكى ئەڭ كىچىك قوشۇنىنىمۇ مەغلۇپ قىلالمايسىلەر! 25مېنىڭ بۇ يەرنى ۋەيران قىلىشىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان دەپ قارىمامسىلەر؟ پەرۋەردىگار ئۆزى ماڭا: «يەھۇدىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنى ۋەيران قىل» دەپ بۇيرۇغان.

26خىلقىيانىڭ ئوغلى ئەلياقىم، شەبنا ۋە يوئاخلار ئاسسۇر سەركەردىسىگە مۇنداق دېدى:

_ تەقسىر، بىزگە ئارامىي تىلىدا سۆزلەڭ، بىز چۈشىنىمىز. ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىمەڭ، سېپىل ئۈستىدىكىلەر ئاڭلاپ قالمىسۇن.

27سەركەردە جاۋاب بېرىپ:

_ خوجايىنىم مېنى، بۇ سۆزلەرنى پەقەت سىلەر بىلەن پادىشاھىڭلارغىلا ئېيتىپ بېرىشكە ئەۋەتكىنى يوق. سېپىل ئۈستىدىكىلەرمۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىسۇن. ئەگەر بىز بۇ شەھەرنى قامال قىلساق، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش پوقىنى يەپ، سۈيدۈكىنى ئىچىدۇ، _ دېدى.

28ئاندىن ئۇ تىك تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئىبرانىي تىلىدا مۇنداق دېدى:

_ ئۇلۇغ پادىشاھ بولغان ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! 29پادىشاھ مۇنداق دەيدۇكى: «سىلەر خىزكىياغا ئالدانماڭلار، ئۇ سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالمايدۇ. 30خىزكىيانىڭ سىلەرنى پەرۋەردىگارغا ئىشىنىشكە دەۋەت قىلىپ: ‹پەرۋەردىگار بىزنى چوقۇم قۇتقۇزىدۇ، ئۇ بۇ شەھەرنى ئاسسۇر پادىشاھىغا تاشلاپ بەرمەيدۇ› دېگەن سۆزلىرىگە ئالدانماڭلار. 31خىزكىيانىڭ گېپىنى ئاڭلىماڭلار! مەن ئاسسۇر پادىشاھى سىلەرنى مەن بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە، ماڭا بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلىمەن. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ئۆز بېغىڭلارنىڭ ئۈزۈملىرىنى ۋە ئەنجۈرلىرىنى يېيەلەيسىلەر، ئۆز قۇدۇقۇڭلارنىڭ سۈيىنى ئىچەلەيسىلەر. 32كېيىن مەن زېمىنىڭلارغا بېرىپ، سىلەرنى، خۇددى ئۆز زېمىنىڭلارغا ئوخشاش مول ئاشلىق، شاراب، يېمەكلىك، ئۈزۈمزارلىقلىرى، زەيتۇن دەرەخلىرى ۋە مول زەيتۇن يېغى بولغان، ھەسەل چىقىدىغان يېڭى زېمىنغا باشلاپ بارىمەن. ئۆلۈمنى ئەمەس، ھاياتنى تاللاڭلار. خىزكىيانىڭ دېگەنلىرىگە قۇلاق سالماڭلار. ئۇ سىلەرنى ‹پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ› دەپ، تۇيۇق يولغا باشلايدۇ. 33قايسىبىر خەلقنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مەن ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزالىغان؟ 34خامات ۋە ئارپاد شەھەرلىرىنىڭ ئىلاھلىرى قانداق بولدى؟ سىفارۋايىم، ھېنا ۋە ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ ئىلاھلىرىچۇ؟ سامارىيە شەھىرىنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدا مەغلۇپ بولۇشتىن قۇتقۇزالىدىمۇ؟ 35قايسىبىر خەلقنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىغان؟ ئۇنداقتا، پەرۋەردىگارىڭلار يېرۇسالېمنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟»

36خەلق سۈكۈت قىلىپ، ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىدى، چۈنكى پادىشاھ خىزكىيا ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرماسلىقنى بۇيرۇغانىدى. 37خىلقىيانىڭ ئوغلى ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا، ئاسافنىڭ ئوغلى خاننىڭ تەزكىرىچىسى يوئاخلار قاتتىق قايغۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىشقان ھالدا پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا سەركەردىنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى