« پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم »

7

1_ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار، _ دېدى ئېلىشا، _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامارىيە شەھەر دەرۋازىسىدا ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇن پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكىلا سېتىلىدۇ، تۆت كىلو ئارپىمۇ پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكىلا سېتىلىدۇ».

2لېكىن پادىشاھنىڭ سەركەردىسى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىگە:

_ پەرۋەردىگار ئاسماندىن تۈڭلۈك ئېچىپ قويغان تەقدىردىمۇ بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

ئېلىشا:

_ قاراپ تۇر، شۇنداق بولغىنىنى سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن ئۇنى يىيىش ساڭا نېسىپ بولمايدۇ، _ دېدى.

سامارىيەدىكى ئاچارچىلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى

3تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان تۆت ئادەم شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا بىر-بىرىگە:

_ بىز نېمىدەپ بۇ يەردە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرىمىز؟ 4ئەگەر بىز «شەھەرگە كىرەيلى» دېسەك، شەھەردە ئاچارچىلىق بولۇۋاتىدۇ، ئۇ يەردە ئۆلۈپ كېتىمىز. لېكىن بۇ يەردە ئولتۇرساقمۇ، ئوخشاشلا ئۆلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى بىز ئارراملارنىڭ بارگاھىغا بېرىپ، ئۇلارغا تەسلىم بولايلى. ئەگەر ئۇلار بىزنىڭ بىر قوشۇق قېنىمىزدىن كەچسە ھايات قالارمىز، ئۆلتۈرۈۋەتسە ئۆلەرمىز، _ دېيىشتى.

5شۇنىڭ بىلەن، گۇگۇم چۈشكەندە ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئارراملارنىڭ بارگاھى تەرەپكە ماڭدى. ئۇلار ئارراملارنىڭ بارگاھىغا يېقىنلاپ كەلگەندە، ئۇ يەردە بىرمۇ ئادەمنى كۆرمىدى. 6چۈنكى ئىگىمىز ئارراملارنىڭ قوشۇنىغا جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلار ۋە زور بىر قوشۇننىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىك ئاۋازىنى ئاڭلاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بىر-بىرىگە: «ئاڭلىدىڭلارمۇ، ئىسرائىلىيە پادىشاھى بىزگە ھۇجۇم قىلىشقا خىتلارنىڭ ۋە مىسىرلىقلارنىڭ پادىشاھلىرىغا پۇل بېرىپ، قوشۇنلىرىنى ياللاپتۇ» دېيىشىپ، 7گۇگۇم چۈشكەندە، چېدىرلىرىنى، ئات ۋە ئېشەكلىرىنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشكەنىدى، ھەتتا بارگاھلىرىنىمۇ شۇ پېتى تاشلاپ قويۇپ، جېنىنى ئېلىپ تىكىۋېتىشكەنىدى. 8تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھېلىقى ئادەملەر بارگاھقا يېقىنلاپ بېرىپ، بىر چېدىرغا كىرىپ، يەپ-ئىچىپ، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ، بىر يەرگە تىقىپ قويدى. ئاندىن ئۇلار ئۇ يەردىن قايتىپ چىقىپ، يەنە بىر چېدىرغا كىرىپ، ئۇ يەردىكى نەرسىلەرنىمۇ ئېلىپ چىقىپ، تىقىپ قويدى. 9ئاندىن ئۇلار بىر-بىرىگە:

_ بىزنىڭ بۇنداق قىلغىنىمىز توغرا بولمىدى. بۈگۈن خۇش خەۋەر يەتكۈزىدىغان كۈن ئىدى. لېكىن بىز ئۈن-تىنسىز يۈرىۋاتىمىز. ئەگەر بىز سۈبھىگىچە ساقلايدىغان بولساق، بېشىمىزغا بالا كېلىدۇ. ئەمدى ئوردىغا بېرىپ، بۇ ئىشنى مەلۇم قىلايلى، _ دېيىشتى.

10ئۇلار شەھەر دەرۋازىسىغا كېلىپ، دەرۋازىۋەنلەرگە توۋلاپ:

_ بىز ئارراملارنىڭ بارگاھىغا بارغانىدۇق، قارىساق بىرمۇ ئادەم يوق، ھېچبىر سادامۇ يوق، پەقەت ئات، ئېشەكلەرلا باغلاقلىق تۇرۇپتۇ، چېدىرلىرىمۇ شۇ پېتى قاپتۇ، _ دېدى.

11دەرۋازىۋەنلەر توۋلىشىپ، بۇ خەۋەرنى پادىشاھ ئوردىسىغا يەتكۈزۈشتى. 12پادىشاھ كېچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەمەلدارلىرىغا:

_ مەن سىلەرگە ئارراملارنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى دەپ بېرەي. ئۇلار بىزدە ئاچارچىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆزئارا: «ئۇلار شەھەردىن چىققاندا بىز ئۇلارنى تىرىك تۇتۇپ، ئاندىن شەھەرگە كىرىمىز» دېيىشىپ، بارگاھلىرىدىن چىقىشىپ، دالادا مۆكۈنۈۋېلىشتى، _ دېدى.

13ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن بىرى:

_ شەھەردىكى ئاھالىلەر ئاللىقاچان تۈگىشىپ، خۇددى ئۆلۈك ئادەملەردەك بولۇپ قالدى. بىز ھەممىمىز ھامىنى ئۆلۈپ كېتىمىز. شۇڭا قېلىپ قالغان ئاتلاردىن بەشنى ئېلىپ، ئادەم ئەۋەتىپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ باقمايمىزمۇ؟ _ دېدى.

14ئاندىن ئۇلار ئىككى جەڭ ھارۋىسى ۋە ئاتلارنى تەييارلىدى. پادىشاھ ئۇلارنى ئاررام قوشۇنىنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا ئەۋەتتى ۋە ئۇلارغا:

_ بېرىپ، كۆزىتىپ كېلىڭلار، _ دەپ تاپىلىدى.

15ئۇلار ئارراملارنىڭ قوشۇنىنى تاكى ئىئوردان دەرياسى بويىغىچە قوغلاپ باردى. پۈتۈن يوللار ئارراملار ئالدىراپ قاچقاندا تاشلاپ كەتكەن كىيىم-كېچەك ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى. خەۋەرچىلەر كېلىپ، پادىشاھقا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. 16ئاندىن كىشىلەر چىقىپ، ئارراملارنىڭ بارگاھىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇن پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە، تۆت كىلو ئارپىمۇ پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە سېتىلدى. 17پادىشاھ سەركەردىسىنى شەھەر دەرۋازىسىغا قاراشقا قويدى. خۇددى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشا، پادىشاھ كەلگەن چاغدا ئېيتقىنىدەك، خالايىق سەركەردىنى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا دەسسەپ ئۆلتۈردى. 18ئىشلار خۇددى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى پادىشاھقا ئېيتقىنىدەك بولدى. ئۇ: «ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامارىيە شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدا تۆت كىلو ئارپا پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە، ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇنمۇ پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە سېتىلىدۇ» دېگىنىدە، 19ھېلىقى سەركەردە خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىگە: «پەرۋەردىگار ئاسماندىن تۈڭلۈك ئېچىپ قويغان تەقدىردىمۇ بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئۇنىڭغا: «قاراپ تۇر، شۇنداق بولغىنىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن ئۇنى يېيىش ساڭا نېسىپ بولمايدۇ» دېگەنىدى. 20ئىشلار ئۇنىڭ بېشىغا شۇ تەرىقىدە كەلدى: خالايىق ئۇنى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا دەسسەپ ئۆلتۈردى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى