« سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم »

23

داۋۇتنىڭ ۋەسىيەتلىرى

1يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنى خۇدا يۈكسەك قىلغاندۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنى تاللاپ پادىشاھ قىلغاندۇر. ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ سۆيۈملۈك مۇناجاتچىسىدۇر. داۋۇتنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

2پەرۋەردىگارنىڭ روھى مەن ئارقىلىق سۆزلىدى،

مېنىڭ تىلىمدىدۇر ئۇنىڭ سۆزلىرى.

3ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سۆزلىدى،

يەنى ئىسرائىللارنى قوغداپ كەلگەن قورام تاش ماڭا شۇنداق دەيدۇكى:

«خەلقنى ئادالەت بىلەن باشقۇرغۇچى،

خۇدادىن ئەيمىنىپ ھۆكۈم سۈرگۈچى،

4ئوخشار خۇددى بۇلۇتسىز سەھەردىكى يېڭى كۆتۈرۈلگەن قۇياشقا،

ئوخشار خۇددى يامغۇردىن كېيىن ئوت-چۆپلەرنى پارقىراتقان قۇياشقا.»

5مېنىڭ جەمەتىم خۇدا ئالدىدا ئەنە شۇنداق ئەمەسمۇ؟

مەن بىلەن خۇدا مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزمىگەنمۇ؟

بۇ ئەھدە تولۇق رەتلەنگەن بولۇپ، ئىشەنچلىكتۇر.

ئۇ مېنى ئازاد قىلار، ئارزۇ-ئارمانلىرىمغا يەتكۈزەر.

6ئوخشار ئوسال ئادەملەر تاشلىۋېتىلگەن تىكەنگە،

تۇتقىلى بولماس ئۇلارنى قولدا.

7تىكەنلەرنى تۇتۇشتا، تۆمۈر ئەسۋاب ياكى نەيزىنىڭ سېپى ئىشلىتىلەر،

ۋە ئۇلار ياتقان يېرىدە كۆيدۈرۈلۈپ، كۈلى كۆككە سورۇلار.

داۋۇتنىڭ باھادىرلىرى

8داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدىكى باھادىرلارنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

بىرىنچىسى تاخكىمونلۇق يوشىب-باسشەبەت بولۇپ، ئۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ بېشى ئىدى. بىر قېتىملىق جەڭدە نەيزىسى بىلەن سەككىز يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ.

9«ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىككىنچىسى ئاخوۋا ئۇرۇقىدىن بولغان دودونىڭ ئوغلى ئەلئازار ئىدى. ئۇ ئۇرۇشۇشقا يىغىلغان فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى تۇرۇشتا داۋۇت بىلەن بىرگە بولغان بولۇپ، كېيىن ئىسرائىل لەشكەرلىرى چېكىنىپ كېتىدۇ. 10ئەلئازار ئۆز ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، قوللىرىنىڭ پەيلىرى تارتىشىپ كەتكۈچە فىلىستىيەلىكلەرنى قىرىدۇ. شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا زور غەلىبە ئاتا قىلىدۇ. كېيىن ئىسرائىل لەشكەرلىرى ئۆلگەن فىلىستىيەلىكلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئۈچۈن يەنە قايتىپ كېلىدۇ.

11«ئۈچ باھادىر»نىڭ ئۈچىنچىسى ھارارلىق ئاگېنىڭ ئوغلى شامماھ ئىدى. بىر قېتىم فىلىستىيەلىكلەر لەخى دېگەن جايدا بىر پۇرچاق ئېتىزلىقىنىڭ يېنىغا يىغىلىدۇ، ئىسرائىل لەشكەرلىرى بۇ چاغدا قېچىپ كېتىدۇ. 12شامماھ ھېلىقى ئېتىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنى قىرىۋېتىدۇ ۋە ئېتىزلىقنىمۇ قوغداپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا زور غەلىبە ئاتا قىلىدۇ.

13-14بىر قېتىم ئورما ۋاقتىدا، داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئارىسىدا «ئوتتۇز باھادىر» دەپ ئاتالغان باھادىرلاردىن «ئۈچ باھادىر» داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن «ئادۇللام» دېگەن غارغا بارىدۇ. داۋۇت تاغدىكى شۇ غاردا پاناھلىنىۋاتقانىدى.

بۇ چاغدا فىلىستىيەلىك لەشكەرلەرنىڭ بىر قاراۋۇل ئەترىتى رافائىم جىلغىسىدا بارگاھ قۇرىدۇ، يەنە بىر قىسىم فىلىستىيەلىكلەر بولسا بەيتلەھەمنى ئىگىلىۋالىدۇ.

15داۋۇت تەشنالىق بىلەن:

_ بىرەرسى ماڭا بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىپ بەرگەن بولسا ئىدى! _ دەيدۇ.

16ھېلىقى «ئۈچ باھادىر» فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ ئېلىپ، سۇنى داۋۇتقا ئەكېلىپ بېرىدۇ. لېكىن داۋۇت سۇنى ئىچىشنى خالىماي، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يەرگە تۆكۈۋېتىدۇ، ھەمدە:

17_ ئى پەرۋەردىگار، مېنى بۇ سۇنى ئىچىشتىن ساقلىغايسەن. بۇ سۇ، ھاياتىنى ئۆلۈمگە تىكىپ قويۇپ، سۇ ئالغىلى بارغان «ئۈچ باھادىر»نىڭ قېنىدەك قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟ _ دەيدۇ ۋە شۇ سەۋەبلىك سۇنى ئىچىشتىن باش تارتىدۇ. مانا بۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ كۆرسەتكەن جەسۇرلۇقلىرىدۇر.

18مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى، يوئابنىڭ ئاكىسى ئابىشاي «ئوتتۇز باھادىر»نىڭ بېشى ئىدى. ئۇ نەيزىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە «ئۈچ باھادىر»دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ. 19ئۇ «ئوتتۇز باھادىر»نىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بېشى ئىدى. بىراق ئۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى.

20يىھويادانىڭ ئوغلى قابزىئېللىق بىنايا جەسۇر جەڭچى بولۇپ، نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇ موئابلارنىڭ كۈچلۈك لەشكىرىدىن ئىككىنى ئۆلتۈرىدۇ. قار ياغقان بىر كۈنى ئۇ ئورىغا چۈشۈپ، بىر شىرنى ئۆلتۈرىدۇ. 21ئۇ يەنە بەستى كېلىشكەن بىر مىسىرلىقنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ مىسىرلىقنىڭ قولىدا بىر نەيزە بار ئىدى. بىنايا مىسىرلىقنىڭ يېنىغا كالتەك بىلەنلا ھۇجۇم قىلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى نەيزىسىنى تارتىۋېلىپ، ئاشۇ نەيزە بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. 22بۇلار يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانىڭ قىلغان ئىشلىرىدۇر. شۇڭا ئۇمۇ «ئۈچ باھادىر»دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ. 23ئۇنىڭ داڭقى «ئوتتۇز باھادىر»نىڭكىدىن ئۈستۈن بولسىمۇ، بىراق «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى. داۋۇت بىنايانى ياساۋۇللار باشلىقى قىلىدۇ.

24تۆۋەندىكىلەرمۇ «ئوتتۇز باھادىر»لاردىن ئىدى:

يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېل،

دودونىڭ ئوغلى بەيتلەھەملىك ئەلخانان،

25خارودلۇق شامماھ،

خارودلۇق ئەلىقا،

26پالاتلىق خەلەز،

ئىققېشنىڭ ئوغلى تىقوۋالىق ئىرا،

27ئاناتوتلۇق ئابىئەزەر،

خۇشاھلىق مىبۇنناي،

28ئاخوۋاخلىق زالمون،

نىتوفالىق ماھراي،

29نىتوفالىق بائانانىڭ ئوغلى خېلەب،

بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گىبئاھلىق رىباينىڭ ئوغلى ئىتاي،

30پىرئاتونلۇق بىنايا،

گائاش سايلىقىدىن كەلگەن ھىدداي،

31ئارابالىق ئابى-ئالبون،

باخۇرىملىق ئازماۋەت،

32شائالبىملىق ئەلياخبا،

ياشېننىڭ ئوغۇللىرى ۋە يوناتان،

33ھارارلىق شامماھ،

شارارنىڭ ئوغلى ھارارلىق ئاخىئام،

34مائاكالىق ئاخاسبانىڭ ئوغلى ئەلىفەلەت،

جىلولۇق ئاخىتوفەلنىڭ ئوغلى ئەلىئام،

35كارمەللىك خەزرو،

ئاربىلىق پائاراي،

36زوباھلىق ناتاننىڭ ئوغلى يىگال،

گادلىق بانى،

37ئاممونلاردىن بولغان زەلەق،

بەئەروتلۇق ناخراي (ناخراي زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئىدى)،

38يىترىلاردىن بولغان ئىرا بىلەن گارېب

39ۋە خىتلاردىن بولغان ئۇرىيا.

ئۇلار ھەممىسى بولۇپ ئوتتۇز يەتتە كىشى ئىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى