« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

21

1يىھوشافات ۋاپات بولۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا، «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئوغلى يىھورام ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

2يىھورامنىڭ ئازاريا، يىخىئېل، زىكىرىيا، ئازارياھۇ، مىكائىل، شىفاتيا دېگەن ئىنىلىرى بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. 3ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئۇلارغا كۈمۈش، ئالتۇن ۋە باشقا نۇرغۇن قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى سوۋغات قىلغاندىن سىرت، يەنە ئۇلارغا يەھۇدىيەنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىدىن ھەدىيە قىلدى. لېكىن پادىشاھلىقىنى يىھورامغا بەردى، چۈنكى ئۇ تۇنجى ئوغلى ئىدى.

پادىشاھ يىھورامنىڭ بۇتپەرەسلىكى

4يىھورام پادىشاھلىققا ھۆكۈمران بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ، ئىنىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ بەزىلىرىنى چېپىپ تاشلىدى. 5يىھورام تەختكە چىققان چاغدا 32 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا سەككىز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 6يىھورام ئاخابنىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، خۇددى ئاخاب جەمەتىدىكىلەرنىڭ قىلغىنىدەك، ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا مېڭىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. 7لېكىن، پەرۋەردىگار داۋۇتقا ئەھدە قىلغان خانىدانلىقىنى ۋەيران قىلىشنى خالىمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەي، ئۇنىڭ تەختىنى ئەۋلادلىرىنىڭ مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشىغا ۋەدە بەرگەنىدى.

8يىھورام پادىشاھ ۋاقتىدا ئىدوملۇقلار يەھۇدىيەدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆزلىرىگە ئايرىم بىر پادىشاھ تىكلىۋالدى. 9شۇنىڭ بىلەن يىھورام لەشكەر باشلىقلىرى ۋە بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى ئېلىپ ئۇرۇشقا باردى. ئۇ كېچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، ھارۋىلىق لەشكەر باشلىقلىرى بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنى قورشاپ تۇرغان ئىدوملۇقلار ئارىسىدىن قېچىپ چىقتى. 10شۇنىڭدىن كېيىن ئىدوملۇقلار تاكى ھازىرغىچە يەھۇدىيەگە قارشى چىقىپ كەلمەكتە. شۇ چاغدا لىبناھلىقلارمۇ يەھۇدىيەگە قارشى چىقىشقانىدى. چۈنكى يىھورام ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈگەنىدى. 11ئۇنىڭ ئۈستىگە يىھورام يەھۇدا تاغلىرىدا غەيرىي سەجدىگاھلارنى بەرپا قىلىپ، يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيە ئاھالىسىنى خۇددى پاھىشىلەردەك پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىشقا ئازدۇردى. 12ئىلياس پەيغەمبەر يىھورامغا مۇنداق دەپ مەكتۇپ يوللىدى: «ئەجدادىڭ داۋۇت ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ‹سەن ئاتاڭ يىھوشافاتنىڭ يولىدىن ھەم بوۋاڭ ئاسانىڭ ئىزىدىن ماڭماي، 13ئەكسىچە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا ماڭدىڭ. ئاخاب ئائىلىسى ئىسرائىلىيەلىكلەرنى مەن پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىشقا ئازدۇرغاندەك سەنمۇ يەھۇدا ۋە يېرۇسالېم ئاھالىسىنى ئازدۇردۇڭ ھەم سەندىن ياخشى بولغان ئۆز ئىنىلىرىڭنى ئۆلتۈردۈڭ. 14شۇڭا مەن پەرۋەردىگار خەلقىڭگە، قىز-ئوغۇللىرىڭغا، خوتۇنلىرىڭغا ھەم مال-مۈلۈكلىرىڭگە ئېغىر ئاپەت كەلتۈرىمەن. 15سەن ئۈچەي كېسىلىگە گىرىپتار بولىسەن، كېسىلىڭ كۈنسېرى ئېغىرلاپ، ئۈچەيلىرىڭ تېشىغا ساڭگىلاپ قالىدۇ.›»

16پەرۋەردىگار فىلىستىيەلىكلەر ۋە كۇشلارنىڭ يېنىدا ياشايدىغان ئەرەبلەرنى يىھورامغا قارشى قوزغىدى. 17ئۇلار يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، چېگراسىدىن بېسىپ كىردى ۋە ئوردىغا تەۋە بارلىق بايلىقلارنى ئولجا ئالدى. يىھورامنىڭ بالىلىرى ۋە خوتۇنلىرىنى ئەسىر قىلدى. پەقەت پادىشاھنىڭ كەنجى ئوغلى ئاخازيا قالدى.

18بۇ ئىشلاردىن كېيىن، پەرۋەردىگار يىھورامنى ساقايمايدىغان ئۈچەي كېسىلىگە گىرىپتار قىلدى. 19كېسىلى كۈنسېرى ئېغىرلاپ، ئىككى يىلدىن كېيىن ئۈچەيلىرى تېشىغا ساڭگىلاپ، ئېغىر ئازاب بىلەن ئۆلدى. ئۇنىڭ پۇقرالىرى ئۇنىڭ ئەجدادلىرىغا ئوت يېقىپ تەزىيە بىلدۈرگەندەك، ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈرمىدى. 20يىھورام تەختكە چىققان چاغدا 32 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 8 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ ئۆلگەندە ھېچكىم قايغۇرمىدى. ئۇ «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى، لېكىن پادىشاھ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنمىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى