« ئايۇپ »

33

ئەلىھۇ: خۇدا ئادەملەرنى تەربىيەلەيدۇ

1«ئەي ئايۇپ، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن،

دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغىن.

2مەن ئېغىز ئېچىپ سۆزلىشىم كېرەك،

سۆزلەر تىلىمنىڭ ئۇچىدا تىزىلىپ تۇرۇپتۇ.

3سۆزلىرىم پاك قەلبىمدىن چىقىدۇ،

ئېغىزىم سەمىمىيەتنى سۆزلەيدۇ.

4خۇدانىڭ روھى مېنى ياراتتى،

ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ نەپىسى ماڭا ھايات بەردى.

5ئەگەر قولۇڭدىن كەلسە، ماڭا رەددىيە بەرگىن،

ئورنۇڭدىن دەس تۇرۇپ، مەن بىلەن مۇنازىرىلەشكىن.

6خۇدانىڭ ئالدىدا پەرقىمىز يوقتۇر،

مەنمۇ ساڭا ئوخشاش لايدىن يارىتىلدىم.

7شۇڭا سەن مەندىن قورقمىغىن،

مەن ساڭا بېسىم قىلمايمەن.

8گەپلىرىڭ قۇلىقىمغا كىردى،

ھەممە سۆزلىرىڭنى ئاڭلىدىم.

9مەن سېنىڭ: ‹مەن پاك، گۇناھسىزمەن،

مەن ھېچقانداق يامانلىق قىلمىدىم، ئەيىبسىزمەن،

10خۇدا پەقەت خاتالىقلىرىمنى تاللاپ،

مەن بىلەن دۈشمەنلەشتى.

11ئۇ پۇتلىرىمنى كىشەنلەپ،

ھەممە يولۇمنى كۆزەتتى› دېگىنىڭنى ئاڭلىدىم.

12لېكىن مەن ساڭا جاۋاب بېرەي، سۆزلىرىڭ يولسىزلىقتۇر،

چۈنكى خۇدا ئىنسانلاردىن بۈيۈكتۇر.

13سەن نېمىشقا خۇدا بىلەن تاكاللىشىسەن،

نېمىشقا ئۇنى ‹ئەرزلىرىمگە جاۋاب بەرمەيدۇ› دەيسەن؟

14خۇدا ھەر خىل ئۇسۇلدا سۆزلەيدۇ،

ئەمما ئادەم بىلمەيدۇ.

15كىشىلەر كارىۋىتىدا قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەندە،

چۈشلەر ۋە كېچىدىكى غايىبانە ئالامەتلەردە،

16خۇدا ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېچىپ،

ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن قورقۇتۇپ،

17گۇناھلاردىن يىراقلاشتۇرىدۇ،

تەكەببۇرلۇقتىن ساقلايدۇ،

18روھلىرىنى چوڭقۇر گۆردىن،

ھاياتىنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالىدۇ.

19خۇدا ئىنسانلارغا ئاغرىق بېرىپ،

ئادەمنىڭ ئۇستىخانلىرىنى سىرقىرىتىپ ئاغرىتىپ تەربىيەلەيدۇ.

20ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ،

لەززەتلىك تائاملاردىنمۇ بىزار بولىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

21ئۇ كۈنسېرى ئورۇقلاپ،

قۇرۇق ئۇستىخان بولۇپ قالىدۇ.

22روھى گۆر ئېغىزىغا،

ھاياتى ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ.

23ئەگەر مىڭلىغان پەرىشتىلەر ئىچىدىن بىرى كېلىشتۈرگۈچى بولۇپ،

ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ، دۇرۇس يولنى ئۆگەتسە،

24ۋە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ، خۇداغا:

‹ئى خۇدا، ئۇنى قەبرىدىن قۇتقۇزغىن،

مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەش يولىنى تاپتىم› دېسە،

25ئۇ چاغدا، ئۇنىڭ ئەت-تېرىلىرى خۇددى بالىلارنىڭكىدەك يۇمرانلىشىپ،

ياشلىق ھاياتىي كۈچى ئەسلىگە كېلىدۇ.

26ئۇ دۇئا قىلسا، خۇدا خۇرسەن بولىدۇ.

ئۇ خۇشال ھالدا خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ،

خۇدانىڭ نەزىرىدە يەنە بىر قېتىم ھەققانىي ئادەمگە ئايلىنىدۇ.

27ئۇ خۇشاللىقىدىن كىشىلەر ئالدىدا ناخشا ئېيتىپ:

‹مەن گۇناھ ئۆتكۈزۈپ،

ھەقىقەت يولىدىن چەتنەپ كەتكەن بولساممۇ،

خۇدا مېنى گۇناھىمغا لايىق جازالىمىدى،

28ئۇ مېنى قۇتقۇزۇپ، ئۆلۈمدىن خالاس قىلىپ،

ھاياتىمغا يورۇقلۇق ئاتا قىلدى› دەيدۇ.

29قاراڭلار، خۇدا ئىنسانلار ئۈچۈن كۆپ قېتىم شۇنداق قىلىدۇ،

بىر قېتىم ئەمەس، ئىككى قېتىم ئەمەس، كۆپ قېتىم قىلىدۇ.

30ئۇ ئىنسانلارنى گۆر ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ،

ھاياتىنى پارلاق نۇرغا چۆمدۈرمەكتە.

31ئايۇپ، سۆزلىرىمنى دىققەت بىلەن ئاڭلىغىن،

ئۈن چىقارما، مەن سۆزلەي.

32ئەگەر سۆزۈڭ بولسا ماڭا دېگىن،

سۆزلىگىن، مەن سېنىڭ گۇناھتىن ئاقلانغىنىڭنى كۆرگۈم بار.

33گېپىڭ بولمىسا سۆزۈمگە قۇلاق سالغىن،

ئۈن چىقارما، مەن ساڭا دانالىقنى ئۆگىتەي.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى