« ئايۇپ »

40

1پەرۋەردىگار ئايۇپقا يەنە مۇنداق دېدى:

2«ئەي تاكاللاشقۇچى، ھەممىگە قادىر مەن خۇدايىڭ بىلەن يەنە تاكاللاشماقچىمۇسەن؟

خۇدا بىلەن جاۋابلاشقۇچى ئەمدى جاۋاب بەرگىنە.»

ئايۇپنىڭ پەرۋەردىگارغا بەرگەن جاۋابى

3ئايۇپ پەرۋەردىگارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

4«مەن ئەرزىمەس بىر ئادەم، ساڭا قانداقمۇ جاۋاب بېرەلەيمەن؟

مەن پەقەت قولۇم بىلەن ئاغزىمنى ئېتىۋېلىشىم كېرەك.

5كۆپ گەپ قىلدىم، ئەمدى باشقا گېپىم يوق.»

پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇشى

6شۇ چاغدا پەرۋەردىگار قۇيۇننىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئايۇپقا مۇنداق دېدى:

7«ئەركەككە ئوخشاش بېلىڭنى چىڭ باغلاپ تۇر!

مەن سوئال سورايمەن، سەن جاۋاب بېرىسەن.

8سەن مېنىڭ ئادالىتىمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ،

ئۆزۈڭنى ئادىل دەپ، مېنى ئەيىبلىمەكچىمۇ؟

9سەندە مەن خۇدايىڭنىڭكىدەك بىلەك بارمۇ؟

سېنىڭ ئاۋازىڭ مېنىڭ گۈلدۈرمامىغا ئوخشايدىغان ئاۋازىمدەك ئاڭلىنامدۇ؟

10شان-شەرەپ ۋە سالاپىتىڭنى كۆرسىتىپ،

ھۆرمەت ۋە ھەيۋىتىڭنى كىيىپ باققىنا.

11كۈچلۈك غەزىپىڭنى قوزغاپ ياغدۇرۇپ باققىنا،

ھاكاۋۇرلارنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى يوقىتىپ باققىنا.

12ھاكاۋۇرلارنى تېپىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ كەمتەر قىلغىن،

رەزىللەرنى ئۆز يېرىدە دەسسەپ چەيلىگىن.

13ئۇلارنى بىرلىكتە يەرگە كۆمۈپ،

گۆرنىڭ ئاغزىنى ئېتىۋەت.

14شۇنداق قىلساڭلا،

ئوڭ قولۇڭنىڭ ئۆزۈڭنى قۇتقۇزالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

15بىھېموتقا* قارا،

ئۇنىمۇ، سېنىمۇ مەن ياراتقان،

ئۇ كالىغا ئوخشاش چۆپ يەيدۇ.

16ئۇنىڭ بېلىنىڭ مادارىغا قارا،

قورساق مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچىنى كۆر.

17قۇيرۇقى كېدىر دەرىخىدەك قاتتىق،

پۇتىنىڭ پەيلىرى چىڭ،

18ئۇستىخانلىرى تۇچ نوردەك،

تۆت پۇتى تۆمۈر كۆتەكتەك تۇرىدۇ.

19مەن ياراتقان جانىۋارلار ئىچىدە ئۇ ھەممىدىن بۈيۈكى بولۇپ،

پەقەت مەن ياراتقۇچى خۇدالا ئۇنى قىلىچىم بىلەن يېڭەلەيمەن.

20تاغ تىزمىلىرى ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق ماكانىدۇر،

ئۇ يەردە نۇرغۇنلىغان ياۋايى ھايۋانلار ئوينار.

21ئۇ چاتقاللارنىڭ ئاستىدا ياتىدۇ،

سازلىقتىكى قومۇشلار ئارىسىغا يوشۇرۇنىدۇ.

22چاتقاللار ئۇنىڭغا سايە بەرسە،

ئېرىق بويلىرىدىكى سۆگەتلەر ئۇنى قورشاپ تۇرىدۇ.

23دەريا سۈيى شىددەتلىك ئاقسىمۇ ئۇ ھودۇقۇپ كەتمەيدۇ،

ئىئوردان دەرياسى تېشىپ قىرغاقلىرىغىچە كۆتۈرۈلسىمۇ، ئۇ ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ.

24ئۇ سەگەك ۋاقتىدا ئۇنى كىم تۇتالايدۇ

ياكى ئۇنىڭ بۇرنىغا كىم ھالقا ئۆتكۈزەلەيدۇ؟»



*15بىھېموت _قەدىمدە ياشىغان بىر خىل چوڭ ھايۋاندۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى