« ئايۇپ »

41

1«قارماق بىلەن لىۋياتاننى* تۇتۇپ،

تىلىنى يىپ بىلەن باغلىيالامسەن؟

2بۇرنىدىن چۈلۈك،

ئېڭىكىدىن قارماق ئۆتكۈزەلەمسەن؟

3ئۇ سەندىن توختىماي رەھىم تىلەپ،

ساڭا ئىللىق سۆزلەرنى قىلامدۇ؟

4ئۇ سەن بىلەن ۋەدىلىشىپ،

مەڭگۈ قۇلۇڭ بولامدۇ؟

5ئۇنى قۇشنى ئوينىغاندەك ئوينىيالامسەن،

ياكى قىزچاقنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن باغلاپ بېرەلەمسەن؟

6بېلىقچىلار ئۇنىڭغا باھا قويالامدۇ؟

سودىگەرلەر ئۇنى پارچىلاپ ساتالامدۇ؟

7ئۇنىڭ تېرىسىنى نەيزە بىلەن تېشەلەمسەن؟

بېشىغا بېلىق تۇتىدىغان ئارا سانجىيالامسەن؟

8ئۇنىڭغا قولۇڭنى بىر تەگكۈزسەڭلا

ئۇنىڭ قانچىلىك قارشىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلىسەن،

قولۇڭنى قايتا ئاپىرالمايسەن.

9ئۇنى تۇتماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۈمىدسىزلىنىدۇ،

كىشىلەر ئۇنى كۆرگەن ھامان قورقۇپ جېنى چىقىپ كېتىدۇ.

10قانچە ۋەھشىي ئادەم بولسىمۇ ئۇنىڭ چىشىغا تېگىشكە پېتىنالمايدۇ،

شۇنداق تۇرۇقلۇق كىم مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇشقا پېتىنالايدۇ؟

11مەن تۆلەپ بەرگۈدەك كىم مېنى قەرزدار قىلىپ قويغان؟

ئالەمدىكى پۈتكۈل نەرسە مېنىڭكىدۇر.

12لىۋياتاننىڭ پۇت-قولى، كۈچى ۋە گۈزەل تېنى ھەققىدە

سۆزلىمەي تۇرالمايمەن.

13كىم ئۇنىڭ تېرىسىنى سويالايدىكەن؟

كىم ئۇنىڭ ئىككى قات ساۋۇتتەك تېرىسىنى تېشەلەيدۇ؟

14كىم ئۇنىڭ ئاغزىنى ئاچالايدۇ؟

ئۇنىڭ چىشلىرى شۇنچە قورقۇنچلۇقتۇر.

15ئۇنىڭ دۈمبىسىدىكى يول-يول تەڭگە قاسراقلار

بىر-بىرىگە چىڭ چاپلانغان بولۇپ،

16زىچلىقىدىن ھاۋامۇ كىرەلمەيدۇ.

17تەڭگە قاسراقلار بىر-بىرىگە چىڭ چېتىلغان بولۇپ،

ئاجرىتىش مۇمكىن ئەمەستۇر.

18ئۇ چۈشكۈرگەندە ئۇچقۇن چاچرايدۇ،

كۆزلىرىدىن تاڭ نۇرىغا ئوخشاش نۇر چاقنايدۇ.

19ئاغزىدىن يالقۇن چىقىرىپ،

ئوت ئۇچقۇنلىرىنى چاچرىتىدۇ.

20خۇددى كۆيۈۋاتقان قومۇش ئۈستىدە قايناۋاتقان قازاندەك،

ئۇنىڭ بۇرنىدىن ئىس چىقىدۇ.

21تىنىقى ياغاچ كۆمۈرنى ياندۇرۇپ،

ئاغزىدىن يالقۇن چىقىرىدۇ.

22بوينى قۇدرەتلىك بولۇپ،

ۋەھىمە ئۇنىڭ ئالدىدا يول ئېچىپ ماڭىدۇ.

23تېنىدىكى قاتلاقلار بىر-بىرىگە تۇتىشىپ،

شۇنچە زىچ بىرىكىپ كەتكەندۇر.

24يۈرىكى تاشتەك قاتتىق بولۇپ،

قاتتىقلىقتا تۈگمەن تېشىدەكتۇر.

25ئۇ ئورنىدىن قوزغالسا باتۇرلارمۇ قورقىدۇ،

ئۇنىڭ مىدىرلىشىنى كۆرۈپ چېكىنىدۇ.

26ئۇنى قىلىچلار توسالمايدۇ،

نەيزە، خەنجەر، ئاتار نەيزىلەرمۇ ئامالسىزدۇر.

27ئۇ تۆمۈرنى ساماندەك،

تۇچنى پور ياغاچتەك كۆرىدۇ.

28ئوقيا ئۇنى قورقىتالمايدۇ،

سالغا تېشى پاخالدەك تۇيۇلىدۇ.

29توقماقنى قورايچىلىك كۆرمەيدۇ،

ئېتىلغان نەيزىنى مەنسىتمەيدۇ.

30قورسىقى ساپال پارچىلىرىدەك ئۆتكۈر بولۇپ،

پاتقاق ئۈستىدە يول-يول ئىز قالدۇرىدۇ.

31ئۇ چوڭقۇر قايناملارنى قازاندەك قاينىتىپ،

دېڭىزنى خۇددى ماي قازىنىدەك پورۇقلىتىدۇ.

32ئۇ ئۈزۈپ ئۆتكەن يېرىدە دولقۇن قالدۇرۇپ،

قايناملارنى ئاق چاچتەك يالتىرىتىدۇ.

33يەر يۈزىدە ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان،

ئۇنىڭدەك ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان يەنە بىر ھايۋان يوقتۇر.

34ئۇ ئەڭ زور ۋە مەغرۇر ھايۋانلارنى مەنسىتمەيدۇ،

ئۇ پۈتكۈل تەكەببۇر ھايۋانلارنىڭ پادىشاھىدۇر.»



*1لىۋياتان _دېڭىزدا ياشايدىغان، ئەجدىھاغا ئوخشاپ كېتىدىغان قورقۇنچلۇق مەخلۇقتۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى