« مىسىردىن چىقىش »

34

پەرز تاختىسىنىڭ قايتا بېرىلىشى

1پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ سەن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئىككى تاش تاختا يونۇپ كەل. سەن چېقىۋەتكەن ھېلىقى تاش تاختىدىكى سۆزلەرنى شۇ ئىككى تاختىغا يازاي، 2سەن ئەتە ئەتىگەنگىچە تەييار بولۇپ، سىناي تېغىغا چىقىپ، تاغنىڭ چوققىسىدا مەن بىلەن كۆرۈشكىن. 3ھەرقانداق كىشى سەن بىلەن بىللە چىقمىسۇن. پۈتۈن تاغدا ئادەم بولمىسۇن، ھەتتا كالا-قويمۇ تاغنىڭ تۈۋىدە ئوتلىمىسۇن، _ دېدى. 4شۇنىڭ بىلەن، مۇسا ئىككى تاش تاختا يونۇپ، ئەتىسى سەھەردە پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇلارنى تاغقا ئېلىپ چىقتى.

5پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدە چۈشۈپ، مۇسانىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ «مەڭگۈ بار بولغۇچى» دېگەن مۇقەددەس نامىنى جاكارلىدى.

6پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ:

_ مەن «مەڭگۈ بار بولغۇچى»، يەنى پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن ئىنتايىن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل خۇدادۇرمەن. ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيمەن، مېھىر-مۇھەببىتىم مول، ۋاپادارمەن. 7مىڭلىغان ئەۋلادلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمنى ئۈزۈلدۈرمەي، گۇناھ ۋە سەۋەنلىكلەرنى كەچۈرۈم قىلىمەن. لېكىن، مەن گۇناھكارلارنى جازالىماي قويمايمەن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادقىچە جازالايمەن، _ دېدى.

8مۇسا دەرھال يەرگە باش قويۇپ سەجدە قىلدى. 9ئۇ:

_ ئى ئىگەم، ئەگەر سەن مەندىن رازى بولساڭ، بىز بىلەن بىللە بارغايسەن. بۇ خەلقنىڭ بوينى قاتتىق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھ ۋە سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرۈم قىلغايسەن. بىزنى ئۆز ئىگىدارچىلىقىڭغا ئالغايسەن، _ دېدى.

يېڭىۋاشتىن ئەھدە تۈزۈش

10شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

_ ئەمدى مەن سىلەر بىلەن ئەھدە تۈزىمەن. مەن ئالدىڭلاردا دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدىكى ھەرقانداق خەلق كۆرۈپ باقمىغان چوڭ كارامەتلەرنى كۆرسىتىمەن. سېنىڭ ئەتراپىڭدىكى خەلقلەر مېنىڭ _ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمەلىيەتلىرىنى كۆرسۇن. چۈنكى، مەن سىلەرنى دەپ قورقۇنچلۇق ئىشلارنى كۆرسىتىمەن. 11مەن بۈگۈن ساڭا جاكارلايدىغان ئەمرلىرىمگە رىئايە قىلغىن. سەن ئۇ يەرگە كىرگەن ۋاقتىڭدا، مەن ئامورلار، كەنئانلار، خىتلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنى ھەيدەپ چىقىرىمەن. 12ئېھتىيات قىلغىنكى، سەن بارىدىغان جايدىكى ئاھالە بىلەن ھەرگىز كېلىشىم تۈزمىگىن. بولمىسا، سەن ئۇلارنىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ، ئۇلارغا ئوخشاش، رەزىل يولغا مېڭىپ كېتىسەن. 13شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ئۆرۈۋېتىپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھ دەپ تىكلىۋالغان تاش تۈۋرۈكلىرىنى ۋە ئاشېرا ئايال ئىلاھ بۇتلىرىنى چېقىۋەتكىن.

14مەندىن باشقىغا ئىبادەت قىلما، چۈنكى «قىزغانغۇچى» مېنىڭ بىر نامىم بولۇپ، مەن قىزغىنىدىغان خۇدادۇرمەن. 15يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزمە. ئۇلار ئۆز ئىلاھلىرىغا چوقۇنغان ۋە قۇربانلىق قىلغان ۋاقىتلىرىدا سېنىمۇ تەكلىپ قىلىشى، سەنمۇ ئۆزۈڭنى پاھىشىلەردەك سېتىپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا ئاتىغان قۇربانلىقلىرىغا ئېغىز تېگىپ قېلىشىڭ مۇمكىن. 16سېنىڭ ئوغۇللىرىڭ يات خەلق قىزلىرىنى نىكاھىغا ئېلىپ، ئۆزىنى پاھىشىلەردەك سېتىپ، مەندىن يۈز ئۆرۈپ، يات ئىلاھلارغا چوقۇنۇشى مۇمكىن.

17چوقۇنۇش ئۈچۈن بۇت ياسىما.

18پېتىر نان ھېيتى قىل. مېنىڭ ئەمرىمگە بىنائەن بۇ ھېيتتا ئۇدا يەتتە كۈن پېتىر نان يە. ھېيتنى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان باش باھار ئېيىدا ئۆتكۈز، چۈنكى سىلەر شۇ ئايدا مىسىردىن چىققان.

19پۈتكۈل تۇنجى ئوغۇل ۋە بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مال، مەيلى ئۇ كالا ياكى قوي بولسۇن، ماڭا مەنسۇپ. 20سىلەر تۇنجى ئەركەك تەخەينىڭ ئورنىغا قوي قۇربانلىق قىلساڭلارمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، تەخەينىڭ بوينىنى سۇندۇرۇپ قۇربانلىق قىلىڭلار. ئۆز ئەۋلادلىرىڭ ئىچىدىكى پۈتكۈل تۇنجى ئوغۇللارنى چوقۇم بەدەل بېرىپ قايتۇرۇۋال. ئالدىمغا قۇرۇق قول كەلمە.

21ئىش قىلىشىڭغا يېتەرلىك ئالتە كۈن بار. يەتتىنچى كۈنى، مەيلى ئۇ تېرىقچىلىق ياكى ئورما مەزگىلى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم ئارام ئالغىن. 22تۇنجى پىشقان بۇغدايلارنى ئورىغاندا، ئورما ھېيتى قىل. كۈزدە ھوسۇللارنى ئامبارغا يىغقىنىڭدا، ھوسۇل يىغىش ھېيتى قىل. 23پۈتكۈل ئەرلەر بىر يىلدا ئۈچ قېتىم ماڭا _ ئىسرائىل خەلقى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ئىگىسى خۇدانىڭ ئالدىغا كەلسۇن. 24مەن يات خەلقلەرنى سېنىڭ ئالدىڭدىن ھەيدەپ چىقىرىپ، زېمىنىڭنى كېڭەيتىمەن. شۇنىڭ بىلەن، سەن يىلدا ئۈچ قېتىم ماڭا ئىبادەت قىلغىلى كەتكەن ۋاقتىڭدا، ھېچكىم سېنىڭ يۇرتۇڭغا يامان كۆز تىكمەيدۇ.

25ماڭا قۇربانلىق قېنىنى بولدۇرۇلغان خېمىردىن پىشۇرۇلغان يېمەكلىك بىلەن بىللە ئاتىما. ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا سويغان قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئەتىسى ئەتىگەنگىچە ساقلىما.

26ھەر يىلى تۇنجى پىشقان زىرائەتلەرنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىدىن مېنىڭ خانامغا ئەكىرىپ، ماڭا _ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتا.

ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرما.

27پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ بۇ سۆزلەرنى خاتىرىلىۋال. چۈنكى، مەن سەن ۋە ئىسرائىل خەلقى بىلەن مۇشۇ سۆزلەرنى ئاساس قىلىپ ئەھدە تۈزدۈم، _ دېدى. 28مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ يېنىدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇرۇپ، ھېچ نەرسە يېمىدى ھەم ئىچمىدى. پەرۋەردىگار ئەھدىنىڭ ئاساسى بولغان ئون پەرزنى ئىككى تاش تاختىغا يېزىپ بەردى.

مۇسانىڭ تاغدىن چۈشۈشى

29مۇسا پەرزلەر يېزىلغان تاش تاختىلارنى ئېلىپ تاغدىن چۈشكىنىدە، پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چىرايى پارقىراپ كەتكەنىدى. بىراق، ئۆزى بۇنى بىلمەيتتى. 30ھارۇن ۋە باشقا ئىسرائىللار مۇسانىڭ چىرايىدىكى نۇرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا يېقىن كېلىشتىن قورقۇشتى. 31بىراق، مۇسا ئۇلارنى چاقىرغاندا، ھارۇن ۋە پۈتۈن جامائەت ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. مۇسا ئۇلارغا سۆز قىلدى. 32شۇنىڭدىن كېيىن، پۈتكۈل ئىسرائىللار مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىشتى. مۇسا پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا ئۇنىڭغا بەرگەن قانۇننى ئۇلارغا تاپىلىدى. 33مۇسا ئۇلارغا سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ياغلىق بىلەن يۈزىنى يېپىۋالدى. 34ھەر قېتىم ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكىنىدە، يۈزىنى يېپىۋالغان ياغلىقنى ئېلىۋېتەتتى. چىققان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگار تاپشۇرغان سۆزلەرنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزەتتى. 35بۇنداق ۋاقىتلاردا، ئىسرائىللار ئۇنىڭ يۈزىنىڭ پارقىراپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇسا يۈزىنى يېپىپ يۈرەتتى. پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكىلى كىرگىنىدە يەنە ئېلىۋېتەتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى