« چۆلدە »

25

ئىسرائىللارنىڭ پىئوردا ئازدۇرۇلۇشى

1ئىسرائىللار شىتتىمدىكى ۋاقتىدا، بىر قىسىم ئىسرائىل ئەركەكلىرى موئاب قىزلىرى بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىشقا باشلىدى. 2موئاب قىزلار ئۇلارنى موئابلار چوقۇنىدىغان ئىلاھلارنىڭ قۇربانلىق زىياپەتلىرىگە تەكلىپ قىلدى. ئۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ، سۇنۇلغان قۇربانلىقلاردىن غىزالىنىپ، ئۇلارنىڭ بۇت ئىلاھلىرىغا چوقۇندى. 3نەتىجىدە ئىسرائىللار پىئورنىڭ ئىلاھى بائالغا باغلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كېلىپ، 4مۇساغا:

_ ئۇلارنىڭ باشلامچىلىرىنى تۇتۇپ، كۆز ئالدىمدا ئوچۇق-ئاشكارا ئۆلتۈرۈپ، مېنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپىمنى باسقىن، _ دېدى.

5شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ سوتچىلىرىغا:

_ ھەرقايسىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ قول ئاستىدىكى پىئورنىڭ ئىلاھى بائالغا چوقۇنغانلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، _ دېدى.

6مۇسا بىلەن ئىسرائىللار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا مۇشۇ گۇناھ سەۋەبىدىن كۆز يېشى قىلىشىۋاتاتتى. ئىسرائىللاردىن بىرى بىر مىديان ئايالنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزىنىڭ چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى. 7بۇنى كۆرگەن روھانىي ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس جامائەتتىن ئايرىلىپ، قولىغا نەيزىسىنى ئالدى-دە، 8چېدىرغا كىرىپ، ھېلىقى ئەر بىلەن مىديان ئايالنىڭ قورسىقىغا نەيزە تىقىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن گۇناھ سەۋەبىدىن ئىسرائىللار ئارىسىغا تارقالغان ۋابا كېسىلى توختىدى. 9لېكىن ئاللىقاچان 24 مىڭ ئادەم ۋابا كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنىدى.

10پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

11_ روھانىي ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس مېنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپىمنى باستى. ئۇ جامائەتنىڭ ساداقەتسىزلىكىدىن ماڭا ئوخشاش قاتتىق نەپرەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن، مەن غەزىپىمنى بېسىپ، ئۇلارنى يوقاتمىدىم. 12ئۇنىڭغا ئېيتقىن، مەن ئۇنىڭ بىلەن «ئامانلىق ئەھدىسى» تۈزىمەن، 13ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مۇشۇ ئامانلىق ئەھدىسىگە ئاساسەن مەڭگۈ روھانىي بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ماڭا قىزغىن بولۇپ، ساداقەتسىزلەرنى يوقىتىپ، ئىسرائىللارنى گۇناھىدىن ساقىت قىلدى.

14مىديان ئايال بىلەن بىرگە ئۆلتۈرۈلگەن ئىسرائىلنىڭ ئىسمى زىمرى بولۇپ، سالۇنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ شىمون قەبىلىسىدە بىر جەمەتنىڭ باشلىقى ئىدى. 15ئۆلتۈرۈلگەن مىديان ئايالنىڭ ئىسمى كوزبى بولۇپ، مىديانلارنىڭ قەبىلە باشلىقى زۇرنىڭ قىزى ئىدى.

16پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

17_ سىلەر مىديانلارنى دۈشمەن دەپ بىلىڭلار. ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار. 18چۈنكى ئۇلار دۈشمەنلىك قىلىپ، سىلەرنى پىئورنىڭ ئىلاھى بائالغا چوقۇنۇشقا ئازدۇرۇپ، سىلەرگە بالا-قازا كەلتۈردى. ئۇلار مىديانلارنىڭ باشلىقىنىڭ قىزى كوزبى ئارقىلىق سىلەرنى ئازدۇردى، ئۇ قىز پىئور ۋەقەسى پەيدا بولغان، ۋابا كېسىلى تارقالغان كۈندە ئۆلتۈرۈلدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى