« چۆلدە »

32

ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى قەبىلىلەر

1رۇبېن قەبىلىسى بىلەن گاد قەبىلىسىنىڭ نۇرغۇن چارۋا ماللىرى بار ئىدى. ئۇلار يازېر بىلەن گىلئاد دىيارلىرىنىڭ مال بېقىشقا مۇۋاپىق يەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، 2مۇسا، روھانىي ئەلئازار ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ مۇنداق دېدى:

3_ ئاتاروت، دىبون، يازېر، نىمراھ، خەشبون، ئەلئالى، سىبام، نىبو، بىئون قاتارلىق 4پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن بۇ زېمىنلار مال بېقىشقا مۇۋاپىق ياخشى جايلار ئىكەن. بىز كەمىنە خىزمەتكارلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان چارۋا ماللىرىمىز بار. 5ئەگەر بىزگە ئىلتىپات كۆرسەتسەڭلار، بۇ يەرلەرنى بىزگە تەقسىم قىلىپ بېرىپ، بىزنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتكۈزۈۋەتمىگەيسىلەر.

6مۇسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ ئەجەبا سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، باشقا قېرىنداشلىرىڭلارنى ئۇرۇشقا ئەۋەتمەكچىمۇ؟ 7سىلەر نېمىشقا ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىنىڭ يۈرىكىگە ۋەسۋەسە سېلىپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويىسىلەر؟ 8ئىلگىرى مەن كادېش-بارنېيادىكى ۋاقتىمدا ئاتىلىرىڭلارنى ئۇ يەرنى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتسەم، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلغانىدى. 9ئۇلار ئەشكول جىلغىسىغا بېرىپ، ئەھۋال ئىگىلەپ كەلگەندىن كېيىن، ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويغانىدى. 10ئۇ كۈنى پەرۋەردىگار غەزەپلىنىپ، قەسەم قىلىپ، مۇنداق دېگەنىدى: 11«مىسىردىن چىققان، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ھېچبىر ئادەم مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئاشۇ زېمىننى كۆرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئىتائەت قىلمىدى. 12پەقەت قېناز جەمەتىدىن بولغان يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋالا كىرەلەيدۇ، چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئىتائەت قىلدى.» 13پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى چۆلدە قىرىق يىل سەرسان قىلدى. بۇ ئىش تاكى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل ھېسابلانغان ئاشۇ ئەۋلاد كىشىلەر ئۆلۈپ تۈگىگۈچە داۋاملاشتى. 14ئاشۇ بىر توپ گۇناھكارلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولغان سىلەر، ئەمدى يەنە ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، پەرۋەردىگارنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرمەكچىمۇ؟! 15ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلىشنى رەت قىلساڭلار، پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى ئىككىنچى قېتىم چۆلگە ئاپىرىپ تاشلايدۇ. ئۇ چاغدا سىلەرنىڭ تۈپەيلىڭلاردىن پۈتۈن خەلق ۋەيران بولىدۇ.

16ئۇلار مۇساغا يېقىن كېلىپ مۇنداق دېدى:

_ ئۇنداقتا بىز بۇ يەردە چارۋا ماللىرىمىزغا قوتان، ئۆزىمىزگە شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقايلى. 17ئائىلىمىزدىكىلەرنى مۇستەھكەم شەھەر ئىچىدە قالدۇرۇپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلدۇرايلى. ئاندىن بىز قوراللىرىمىزنى ئېلىپ، ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، تاكى باشقا ئىسرائىل قېرىنداشلىرىمىز ئۇلارنىڭ زېمىنىنى تارتىۋالغۇچە جەڭ قىلايلى. 18باشقا قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ زېمىنلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلمىغۇچە، ھەرگىز ئۆيلىرىمىزگە قايتمايمىز. 19لېكىن بىز ئۇلار بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا زېمىن بۆلۈشمەيمىز. چۈنكى بىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى زېمىنلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىمىز.

20مۇسا مۇنداق دېدى:

_ ئەگەر سىلەر ۋەدەڭلاردا تۇرساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوراللىرىڭلارنى ئېلىپ جەڭگە چىقىڭلار. 21پۈتۈن قوشۇنۇڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، تاكى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرىنى يوقاتقۇچە، 22پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئاشۇ زېمىنلارنى بويسۇندۇرغۇچە جەڭ قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆيۈڭلارغا قايتساڭلار بولىدۇ. ئاندىن سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئادا قىلغان بولىسىلەر. بۇ زېمىننى پەرۋەردىگار سىلەرگە مەنسۇپ قىلىدۇ.

23ئەگەر سىلەر ۋەدەڭلاردا تۇرمىساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلغان بولىسىلەر، ئۇنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمايسىلەر. 24سىلەر ھازىر بېرىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن شەھەر بەرپا قىلىڭلار، چارۋا ماللىرىڭلار ئۈچۈن قوتان ياساڭلار. بەرگەن ۋەدەڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.

25گاد ۋە رۇبېننىڭ قەبىلىسىدىكىلەر مۇساغا مۇنداق دېدى:

_ بىز كەمىنە خىزمەتكارلىرى سىلىنىڭ بۇيرۇغانلىرى بويىچە ئىش كۆرىمىز. 26ئاياللىرىمىز، بالىلىرىمىز، چارۋا ماللىرىمىزنىڭ ھەممىسى گىلئادنىڭ شەھەرلىرىدە قالىدۇ. 27خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدىكى جەڭ قىلالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى سىلىنىڭ بۇيرۇغانلىرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈپ، جەڭ قىلىدۇ.

28شۇنىڭدىن كېيىن مۇسا روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە ئىسرائىلىيە قەبىلىلىرىدىكى جەمەت باشلىقلىرىغا مۇنداق دېدى:

29_ ئەگەر گاد بىلەن رۇبېن قەبىلىلىرىدىكى بارلىق جەڭ قىلالايدىغان ئەرلەر سىلەر بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ جەڭ قىلسا، سىلەر ئۇ زېمىننى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، گىلئاد زېمىنىنى ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار. 30ئەگەر گاد بىلەن رۇبېن قەبىلىلىرىدىكىلەر قوراللىرىنى قولىغا ئالمىسا، سىلەر بىلەن بىرلىكتە دەريادىن ئۆتۈپ جەڭ قىلمىسا، ئۇلارغا بۇ تەرەپتىن زېمىن بېرىلمىسۇن، ئۇلار چوقۇم باشقا قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە كەنئاندىن ئۆزىگە تېگىشلىك زېمىننى جەڭ قىلىپ ئېلىشى كېرەك.

31گاد بىلەن رۇبېن قەبىلىلىرىدىكىلەر ئىككىنچى قېتىم يەنە مۇنداق دېدى:

_ بىز كەمىنە خىزمەتكارلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش تۇتىمىز. 32بىز چوقۇم قوراللىرىمىزنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈپ، كەنئاندا جەڭ قىلىمىز. كېيىن بىز قايتىپ كېلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىن زېمىن ئالىمىز.

33شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئامورلار پادىشاھى سىخون بىلەن باشان پادىشاھى ئوگنىڭ پۈتۈن زېمىنلىرىنى ۋە ئەتراپتىكى يېزا-قىشلاقلارنى گاد، رۇبېن قەبىلىلىرىگە ۋە يۈسۈپنىڭ ئوغلىدىن بولغان ماناسسەنىڭ قەبىلىسىنىڭ يېرىمىغا تەقسىم قىلىپ بەردى. 34گاد قەبىلىسى دىبون، ئاتاروت، ئاروئېر، 35ئاتروت-شوفان، يازېر، يوگبوھا، 36بەيت-نىمراھ، بەيت-ھاران قاتارلىق مۇستەھكەم شەھەرلەرنى قايتىدىن بىنا قىلدى ۋە چارۋا ماللار ئۈچۈن قوتانلارنى ياسىدى. 37رۇبېننىڭ قەبىلىسى خەشبون، ئەلئالى، قىرياتائىم، 38نىبو، بائال-مىئون (بۇ ئىككى شەھەرنىڭ ئىسىملىرى كېيىن ئۆزگەرتىلدى) ۋە سىبماھ قاتارلىق شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى.

39ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرى گىلئادنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردىكى ئامورلارنى قوغلاپ چىقارغانىدى. 40مۇسا گىلئادنى ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەردى، ئۇ شۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى. 41ماناسسەنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان يائىر گىلئادنىڭ شەھەرلىرىنى بېسىۋېلىپ، بۇ شەھەرلەرگە «يائىرنىڭ شەھەرلىرى» دەپ نام قويدى. 42نوباخ ئىسىملىك كىشى قېنات شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنى بېسىۋېلىپ، ئۇ شەھەرنى ئۆز ئىسمى بىلەن «نوباخ» دەپ ئاتىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى