« چۆلدە »

5

ناپاك كىشىلەرنىڭ قارارگاھتىن چىقىرىۋېتىلىشى

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئېغىر تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، جىنسىي ئەزاسىدىن ئاجراتما چىققانلار، جەسەتنى تۇتۇپ ناپاك بولغانلار، 3مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھەممىسى قارارگاھتىن چىقىرىۋېتىلسۇن. ئاراڭلاردىكى مەن تۇرىدىغان بۇ قارارگاھ ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ناپاك بولمىسۇن.»

4ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرىگە بىنائەن بۇنداق كىشىلەرنى قارارگاھتىن چىقىرىۋەتتى.

زىيان ئۈچۈن تۆلەم تۆلەش

5پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

6_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، كىشىلەرگە ئادالەتسىزلىك قىلسا، ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ. ئۇ ئادەم گۇناھكار بولىدۇ. 7ئۇنداق ئادەم گۇناھىنى بوينىغا ئېلىپ، زىيان سالغان كىشىگە زىياننى تۆلەپ بەرسۇن. بۇنىڭ سىرتىدا يەنە زىياننىڭ بەشتىن بىر ئۈلۈشىنى قوشۇپ تۆلىشى كېرەك. 8ئەگەر تۆلەم ئالغۇچى ۋاپات بولۇپ كېتىپ، يېقىن تۇغقىنى بولمىسا، ئۇ تۆلەمنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، روھانىيغا بەرسۇن. زىيان سالغۇچى گۇناھىنى ساقىت قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىدىغان قوچقاردىن سىرت، تۆلەمنىمۇ قوشۇپ بەرسۇن.

9ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئاتاپ، روھانىيلارغا بېرىدىغان بارلىق ھەدىيەلىرى روھانىيلارنىڭ ئۆزلىرىگە مەنسۇپ بولىدۇ. 10ھەربىر روھانىي ئۆزىگە ئېلىپ كېلىنگەن ھەدىيەلەرنى ئۆزى قوبۇل قىلسۇن.»

ئايالنىڭ سادىقلىقىنى تەكشۈرۈش

11پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

12_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئەگەر بىر ئايال يولدىن چىقىپ، ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلىپ، 13مەلۇم بىر ئەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە ھەمدە بۇ ئىشنى ئېرىدىن سىر تۇتسا، گەرچە ئۇ ئايال بۇلغانغان بولسىمۇ لېكىن بايقالمىغان بولسا، ھەمدە گۇۋاھچىسىمۇ بولمىسا، 14ئەرنىڭ كۈندەشلىكى تۇتۇپ بۇزۇقچىلىق قىلغان ئايالىنى كۈنلىسە، ياكى ئايالى بۇزۇقچىلىق قىلمىغان تەقدىردىمۇ ئايالىنى كۈنلىسە، 15ئەر ئايالىنى روھانىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارسۇن. ئۇ يەنە ئايالى ئۈچۈن بىر كىلو ئارپا ئۇنىنى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە ئېلىپ بارسۇن. بۇ كۈندەشلىكنى ھەم گۇناھنى ئاشكارىلايدىغان ھەدىيە بولغاچقا، ئۇنىڭغا زەيتۇن يېغى قۇيمىسۇن، ئىسرىقنىمۇ سالمىسۇن.

16روھانىي ئۇ ئايالنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا، يەنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كېلىپ، تۇرغۇزسۇن. 17ئاندىن ساپال قاچىغا ئازراق مۇقەددەس سۇ ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت چېدىرىنىڭ يېرىدىن ئازراق توپا ئېلىپ سالسۇن. 18روھانىي مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇ ئايالنىڭ چېچىنى چۇۋۇپ، كۈندەشلىكنى ھەم گۇناھنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىنگەن ھەدىيەنى ئايالنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويسۇن، شۇنداقلا روھانىي لەنەت ئېلىپ كېلىدىغان زەرداب سۈيىنى قولىغا ئېلىپ تۇرسۇن.

19روھانىي ئۇ ئايالغا قەسەم ئىچكۈزۈپ، مۇنداق دېسۇن: ‹ئەگەر سەن بىرەر ئەر بىلەن ياتمىغان بولساڭ، ئېرىڭنىڭ ئەمرىدە تۇرۇپ بۇزۇقچىلىق قىلمىغان بولساڭ، لەنەت ياغدۇرىدىغان بۇ زەرداب سۇنىڭ زەھەرلىشىدىن خالاس بولىسەن. 20ئەگەر سەن ئېرىڭنىڭ ئەمرىدە تۇرۇپ، يولدىن چىقىپ، باشقا ئەر بىلەن زىنا قىلىپ، ئۆزۈڭنى بۇلغىغان بولساڭ، 21(ئۇ ۋاقىتتا روھانىي ئايالغا قەسەم ئىچكۈزىدۇ) پەرۋەردىگار بالىياتقۇڭنى چۈشۈرۈۋېتىپ، قورسىقىڭنى كۆپتۈرۈپ، سېنى خەلقىڭ ئالدىدا لەنەتكە قالغانلارنىڭ مىسالى قىلسۇن. 22بۇ سۇ ئىچىڭگە كىرىپ، ساڭا لەنەت ئېلىپ كەلسۇن ھەمدە قورسىقىڭنى كۆپتۈرۈپ، بالىياتقۇڭنى چۈشۈرۈۋەتسۇن.› كېيىن ئۇ ئايال ‹ئامىن، ئامىن› دېسۇن.

23روھانىي بۇ لەنەت سۆزلىرىنى تېرىگە يازسۇن، ئاندىن ئۇنى زەرداب سۈيىدە يۇسۇن. 24روھانىي ئۇ ئايالغا لەنەت ئېلىپ كېلىدىغان بۇ زەرداب سۈيىنى ئىچكۈزسۇن. سۇ ئايالنىڭ قورسىقىغا كىرگەندە، ئەگەر ئايال گۇناھكار بولسا، سۇ ئۇنىڭغا ئېغىر ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ. 25روھانىي ئايالنىڭ قولىدىكى كۈندەشلىكنى ئاشكارىلايدىغان ھەدىيەنى ئېلىپ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئېگىز كۆتۈرۈپ، قۇربانلىق سۇپىسىغا ئېلىپ كەلسۇن. 26روھانىي ئاشلىق ھەدىيەسىدىن بىر سىقىم ئېلىپ، ئۇنى خاتىرە ھەدىيەسى سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. كېيىن زەرداب سۈيىنى ئايالغا ئىچكۈزسۇن. 27روھانىي بۇ سۇنى ئىچكۈزگەندە، ئەگەر ئۇ ئايال ھەقىقەتەن ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلغان بولسا، لەنەت ئېلىپ كېلىدىغان بۇ سۇ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇنى جەبىر-زۇلۇمغا سالىدۇ. قورسىقى كۆپۈپ، بالىياتقۇسى چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇ ئايال خەلقىنىڭ ئالدىدا لەنەتكە قالغانلارنىڭ مىسالى بولىدۇ. 28ئەگەر ئۇ ئايال بۇزۇقچىلىق قىلمىغان بولۇپ، پاك بولسا، ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمايدۇ ھەمدە پەرزەنت كۆرەلەيدۇ.

29-30مانا بۇ، بىر ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئەمرىدە تۇرۇقلۇق يولدىن چىقىپ، بۇزۇقچىلىق قىلغان ياكى ئېرىنىڭ كۈندەشلىكى تۇتۇپ، ئايالىنى كۈنلىگەن چاغدىكى گۇمانلىق ئىشلارنى ھەل قىلىشتا ئاساسلىنىدىغان قانۇندۇر. شۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە، ئەر ئايالىنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلسۇن. روھانىي بۇ قانۇننى تولۇق ئىجرا قىلسۇن. 31مۇنداق بولغاندا ئەر گۇناھتىن خالىي بولىدۇ. ئايال گۇناھكار بولسا، خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى