« ئەستىر »

3

ھاماننىڭ يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىنى يوقىتىش سۇيىقەستى

1بۇ ئىشلاردىن كېيىن پادىشاھ ئاخاشۋېروش ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھاماننىڭ ئەمىلىنى بارلىق ئەمەلدارلارنىڭكىدىن يۇقىرى ئۆستۈردى. مەرتىۋە جەھەتتە ھامان پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ كەينىدىلا تۇراتتى. 2ئوردىدىكى پۈتۈن ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ بۇيرۇغىنىدەك ھاماننىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلىشاتتى. پەقەت موردىكايلا ئېگىلمەيتتى ھەم تەزىم قىلمايتتى. 3بۇنى كۆرگەن ئوردىدىكى باشقا ئەمەلدارلار ئۇنىڭدىن:

_ پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنمىغىنىڭىز نېمىسى؟ _ دەپ سورىدى. 4ئۇلار موردىكايغا بۇ گەپنى ھەر كۈنى دېسىمۇ، ئەمما موردىكاي ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. موردىكاي ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ:

_ مەن يەھۇدىي، ھامانغا تەزىم قىلمايمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھاماننىڭ موردىكاينىڭ بۇ ئىشىغا يول قويىدىغان-قويمايدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بۇ گەپنى ئۇنىڭغا دەپ قويدى.

5ھامان موردىكاينىڭ ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن غەزەپلەندى. 6ئۇ يەنە موردىكاينىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى بىلىشى بىلەن، يالغۇز موردىكاينىڭ ئۆزىنىلا جازالاش ئازلىق قىلىدىكەن دەپ قارىدى. شۇڭا ئۇ ئاخاشۋېروش ئىمپېرىيىسىدىكى پۈتۈن يەھۇدىيلارنى يەنى موردىكاينىڭ ئۆز خەلقىنى قىرىپ تاشلاشنى پىلانلىدى.

7ئاخاشۋېروش ئىمپېرىيىسىنىڭ ئون ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئايدا يەنى نىسان ئېيىدا * بۇ پىلاننىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىغا بىر كۈننىڭ بەلگىلىنىشى ئۈچۈن، ھاماننىڭ ئالدىدا «پۇر» (چەك) تارتىلدى. پۇردا ئون ئىككىنچى ئاينىڭ يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى* ، تەخمىنەن بىر يىلدىن كېيىنكى ۋاقىت چىقتى. 8ئاندىن ھامان پادىشاھ ئاخاشۋېروشقا:

_ ئىمپېرىيىلىرىنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىگە چېچىلىپ كەتكەن شۇنداقلا ئۆم ياشايدىغان بىر خەلق بار. ئۇلارنىڭ قانۇنلىرى باشقا خەلقلەرنىڭ قانۇنلىرىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئىمپېرىيىمىزنىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنمايدۇ. ئۇلارنىڭ ياشىشىغا يول قويۇش ئىمپېرىيىمىزنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىسىزدۇر. 9ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، ئۇلارنى يوقىتىش ئۈچۈن مەكتۇپ يازدۇرغايلا. مەن ئىمپېرىيىمىزنىڭ مەمۇرىي خىراجىتى ئۈچۈن خەزىنىگە ئۈچ يۈز ئاتمىش مىڭ كىلو كۈمۈش تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمەن، _ دەپ مەلۇم قىلدى. 10شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكىنى يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى بولغان ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھامانغا بەردى. 11پادىشاھ ئۇنىڭغا:

_ بۇ كۈمۈشلەر ئۆزۈڭگە قالسۇن. ئۇ خەلقنى قانداق قىلىمەن دېسەڭ، شۇنداق قىل! _ دېدى. 12شۇڭا بىرىنچى ئاينىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى* ھامان پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىلىرىنى يىغىپ، ئىمپېرىيىنىڭ ھەممە ئۆلكىلەردىكى رەئىسلىرى، بەگلىرى ۋە ئالىي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا مەكتۇپ يازدۇردى. مەكتۇپلار ھەربىر ئۆلكە خەلقىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا بولۇپ، ئۇلار پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىلدى. شۇنداقلا ئۇلارغا پادىشاھنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكى بېسىلدى. 13مەكتۇپلار چاپارمەنلەر ئارقىلىق پادىشاھنىڭ قول ئاستىدىكى ھەممە ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلدى. مەكتۇپلاردا: «ئون ئىككىنچى ئاينىڭ يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى* يەھۇدىيلارنىڭ قېرى-ياش، ئەر-ئايال، بالا-چاقىلىرىنىڭ ھەممىسى بىر كۈن ئىچىدە قىرىلسۇن، ئۆلتۈرۈلسۇن، يوق قىلىنسۇن، مال-مۈلۈكلىرى تالان-تاراج قىلىنسۇن» دەپ يېزىلغانىدى. 14ھەممە ئادەمنىڭ شۇ كۈنى تەييار بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن، مەكتۇپنىڭ كۆچۈرمە نۇسخىسى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە پەرمان بولۇپ، ھەممە پۇقرالارغا ئالدىن ئېلان قىلىنماقچى بولدى. 15پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بىنائەن، مەزكۇر پەرمان سۇزا قەلئەسىدە ئېلان قىلىندى. چاپارمەنلەر پەرماننى دەرھال ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە ئېلىپ بېرىشتى. بۇ ۋاقىتتا پادىشاھ بىلەن ھامان بۇنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن شاراب ئىچىشكە ئولتۇردى. سۇزا قەلئەسى بولسا بىسەرەمجانلىقتا قالدى.



*7مىلادىيە كالېندارى بويىچە تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 472- يىلنىڭ تۆتىنچى ئېيىغا توغرا كېلىدۇ.

*7مىلادىيە كالېندارى بويىچە ئۈچىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىگە توغرا كېلىدۇ

*12مىلادىيە كالېندارى بويىچە تۆتىنچى ئاينىڭ ئون يەتتىنچى كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*13مىلادىيە كالېندارى بويىچە ئۈچىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى