« ئەستىر »

4

موردىكاينىڭ ئەستىردىن ياردەم سورىشى

1موردىكاي بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئىنتايىن قايغۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، چىگە رەختكە يۆگىنىپ، بېشىغا كۈل چېچىپ، سۇزا قەلئەسىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ناھايىتى قاتتىق ئاھۇپەرياد كۆتۈردى. 2ئۇ ئوردا دەرۋازىسىغا كېلىپ، توختاپ قالدى. چۈنكى بەلگىلىمە بويىچە چىگە رەختكە يۆگەنگەن كىشىلەر ئوردىغا كىرگۈزۈلمەيتتى. 3پادىشاھنىڭ پەرمانى قايسى ئۆلكىگە يېتىپ كەلسە، ئۇ يەردىكى يەھۇدىيلار قايغۇرۇپ، نالە-پەرياد ئۇرۇشتى. ئۇلار روزا تۇتۇپ، كۆز يېشى قىلىپ، ھازا تۇتۇشتى، نۇرغۇن كىشىلەر چىگە رەختكە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ يېتىشتى.

4ئەستىرنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان كېنىزەكلەر بىلەن ھەرەمئاغىلىرى موردىكاي ھەققىدە ئەستىرگە خەۋەر يەتكۈزگەندە، ئۇ ئىنتايىن بىئارام بولۇپ، موردىكايغا كىيىم-كېچەكلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ماتانى تاشلىۋېتىشىنى تەلەپ قىلدى. لېكىن موردىكاي قوبۇل قىلمىدى. 5ئەستىرنىڭ خىزمىتىگە تەيىنلەنگەن پادىشاھنىڭ ھاتاك ئىسىملىك بىر ھەرەمئاغىسى بار ئىدى. ئەستىر ئۇنى چاقىرتىپ، موردىكاينىڭ يېنىغا بېرىپ، زادى نېمە ئىشنىڭ ئۇنى قىيناۋاتقانلىقىنى ۋە نېمىشقا ئۇنداق بولغانلىقىنى بىلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. 6شۇنىڭ بىلەن ھاتاك ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا موردىكاي بىلەن كۆرۈشتى. 7موردىكاي يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئۇنىڭغا بىر-بىرلەپ ئېيتىپ بەردى شۇنداقلا ھاماننىڭ يەھۇدىيلارنى يوقىتىش ئۈچۈن دۆلەت خەزىنىسىگە قانچىلىك پۇل ئىئانە قىلىشنى ۋەدە قىلغانلىقىنى دېدى. 8موردىكاي ئۇنىڭغا يەنە سۇزادا ئېلان قىلىنغان، يەھۇدىيلارنى يوقىتىش توغرىىسىدىكى پەرمانىدىن بىر نۇسخا بەردى. موردىكاي ئۇنىڭ بۇ پەرماننى ئەستىرگە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى ھەمدە ئەستىرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ پادىشاھقا يېلىنىپ، ئۆز خەلقىنىڭ بىر قوشۇق قېنىنى تىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

9ھاتاك قايتىپ موردىكاينىڭ تەلىپىنى ئەستىرگە يەتكۈزدى. 10ئەستىر:

_ موردىكايغا مۇنۇ گەپلەرنى يەتكۈز، _ دەپ ھاتاكنى يەنە ئەۋەتتى.

11_ پادىشاھ ئوردىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقانلار ۋە پادىشاھنىڭ قول ئاستىدىكى خەلقلىرى شۇنى بىلىدۇكى: ئەر ياكى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قايسى بىر كىشى چاقىرىلماي، ئىچكىرىكى ھويلىغا _ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرسە، قانۇن بويىچە ئۆلتۈرۈلىدۇ. پەقەت پادىشاھ ئۇنىڭغا قولىدىكى ئالتۇن سەلتەنەت ھاسىسىنى ئۇزىتىپ قالسا، ئۇ تىرىك قالىدۇ. مېنى بولسا پادىشاھ چاقىرمىغىلى بىر ئاي بولدى.

12ئەستىرنىڭ بۇ گەپلىرى موردىكايغا يەتكۈزۈلدى. 13موردىكاي ئەستىرگە مۇنداق جاۋاب ئەۋەتتى:

_ يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلىدىغان يەردە سەن «ھەرگىزمۇ ئوردىدا ياشىغانلىقىم ئۈچۈن ئامان قالىمەن» دەپ ئويلىمىغىن. 14ئەگەر مۇشۇ ۋاقىتتا سەن سۈكۈت قىلساڭ، يەھۇدىيلارغا باشقا جايدىن ياردەم كېلىدۇ، ئۇلار قۇتۇلۇپ قالىدۇ، لېكىن سەن پۈتۈن جەمەتىڭ بىلەن قوشۇلۇپ ئۆلىسەن. كىم بىلىدۇ، بەلكىم سەن مۇشۇ ۋاقىتلار ئۈچۈن خانىشلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەندۇرسەن؟

15ئەستىر كېيىن موردىكايغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:

16_ سىز بېرىپ، سۇزا قەلئەسىدىكى بارلىق يەھۇدىيلارنى يىغىڭ، سىلەر مەن ئۈچۈن روزا تۇتۇڭلار، ئۈچ كېچە-كۈندۈز ھېچ نەرسە يېمەڭلار، ھېچ نەرسە ئىچمەڭلار. مەنمۇ كېنىزەكلىرىم بىلەن شۇنداق قىلىمەن. ئاندىن مەن قانۇنغا خىلاپ بولسىمۇ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلسەممۇ مەيلى.

17شۇنداق قىلىپ موردىكاي كەتتى ۋە ئەستىرنىڭ تاپىلىغىنىدەك قىلدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى