« ئەستىر »

7

ھاماننىڭ دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلۈشى

1-2شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ھامان بىلەن بىللە ئەستىرنىڭ زىياپىتىگە باردى. شاراب ئىچىلىۋاتقاندا، پادىشاھ ئەستىردىن يەنە:

_ ئەي، خانىش ئەستىر! ئىلتىماسىڭ نېمە؟ ئىلتىماسىڭ بەجا كەلتۈرۈلىدۇ. نېمە تەلىپىڭ بار؟ ھەتتا ئىمپېرىيىمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ، ئۇ ساڭا بېرىلىدۇ، _ دېدى.

3ئەستىر:

_ ئەگەر مەن ئالىيلىرىنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر بولسام، ئالىيلىرى خالىسىلا، ئىلتىماسىم ئۈچۈن جېنىمنى قۇتۇلدۇرغايلا. تەلىپىم ئۈچۈن خەلقىمنىڭ ھاياتىنى ساقلىغايلا. 4مەن ۋە خەلقىم قىرىلىپ، ئۆلتۈرۈلۈپ، يوق قىلىنىشقا سېتىلىپ كەتتۇق. ئەگەر بىز پەقەت قۇل ۋە دېدەكلىككە سېتىلىپ كەتكەن بولساق، مەن سۈكۈت قىلار ئىدىم چۈنكى بىزنىڭ كۈلپەت تارتىشىمىز پادىشاھقا ئېلىپ كېلىدىغان كۆڭۈلسىزلىككە سېلىشتۇرغاندا ھېچ گەپ ئەمەس، _ دەپ جاۋاب بەردى.

5ئۇ ۋاقىتتا پادىشاھ ئاخاشۋېروش خانىش ئەستىردىن:

_ ئۇ كىم ئىكەن؟ بۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان كىشى قەيەردە ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى.

6_ بىزنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىمىز دەل بۇ رەزىل ھاماننىڭ ئۆزى! _ دەپ جاۋاب بەردى ئەستىر.

ھامان پادىشاھ ۋە خانىش ئالدىدا تىترەپ كەتتى. 7پادىشاھ غەزەپ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، زىياپەتخانىدىن ئوردا گۈلزارلىقىغا چىقىپ كەتتى. ھامان پادىشاھنىڭ ئۆزىنى بوش قويىۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، خانىش ئەستىردىن بىر قوشۇق قېنىنى تىلەش ئۈچۈن قالدى. 8پادىشاھ ئوردا گۈلزارلىقىدىن زىياپەتخانىغا قايتىپ كىرگىنىدە، ھامان خانىش ئەستىر يانپاشلاپ ياتقان ئۇزۇن ئورۇندۇققا ئۆزىنى تاشلاپ ياتاتتى. پادىشاھ:

_ مەن تۇرۇقلۇق، ئۇ مېنىڭ ئوردامدا خانىشقا ئەدەپسىزلىك قىلىۋاتامدۇ نېمە؟ _ دەپ ۋارقىرىدى. پادىشاھ شۇنداق دېيىشى بىلەنلا ھەرەمئاغىلىرى ھاماننىڭ باش-كۆزىنى چۈمكەپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تەييار بولدى. 9پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ھەرەمئاغىلىرىدىن خاربونا ئىسىملىك بىرسى:

_ ھامان ئالىيلىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان موردىكاينى ئېسىش ئۈچۈن ئوتتۇز يەتتە گەز ئېگىزلىكتە ياساتقان دار ئۇنىڭ ھويلىسىدا تۇرىدۇ! _ دېدى.

_ ئۇنىڭغا ھاماننىڭ ئۆزىنى ئېسىڭلار! _ دەپ ئەمر قىلدى پادىشاھ. 10شۇنىڭ بىلەن موردىكاينى ئاسماقچى بولغان دارغا ھاماننىڭ ئۆزى ئېسىلدى. شۇندىلا پادىشاھنىڭ غەزىپى بېسىلدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى