« ئەزرا »

10

توۋا قىلىش

1ئەزرا ئىبادەتخانا ئالدىدا يۈزىنى يەرگە يېقىپ، يىغا-زار بىلەن دۇئا قىلىپ، گۇناھلار ئۈچۈن توۋا قىلىۋاتقىنىدا، زور بىر توپ ئىسرائىللار، جۈملىدىن ئەر-ئايال ۋە بالىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ھەسرەتلىك يىغلاشتى. 2ئېلام جەمەتىدىن يىخىئېلنىڭ ئوغلى شېكانيا ئەزراغا:

_ بىز يەرلىكلەردىن بولغان يات خەلقلەردىن خوتۇن ئېلىپ، خۇدايىمىزغا ساداقەتسىزلىك قىلدۇق. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئىسرائىلىيەدە يەنە ئۈمىد بار. 3شۇڭا بىز بۇ خوتۇنلار ۋە ئۇلاردىن بولغان بالىلاردىن ۋاز كېچىمىز دەپ، خۇدايىمىزغا قەسەم بېرىشىمىز كېرەك. بىز سېنىڭ ۋە خۇدايىمىزنىڭ ئەمرىگە بويسۇنىدىغان كىشىلەرنىڭ نەسىھەتلىرى بويىچە مېڭىپ، بۇنى خۇدانىڭ قانۇنىغا بىنائەن ئورۇندايمىز. 4ئورنۇڭدىن تۇر! سەن بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشتا ھوقۇقلۇق، بىز سېنى قوللايمىز. سەن جۈرئەتچان بولۇپ، بۇ ئىشنى ئىشقا ئاشۇر! _ دېدى.

5شۇنىڭ بىلەن ئەزرا ئورنىدىن تۇرۇپ، روھانىي باشلىقلار، لاۋىيلار ۋە قالغان بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى بۇ تەكلىپ بويىچە ئىش كۆرۈشكە قەسەم قىلدۇردى. ئۇلار شۇ بويىچە ئىش كۆردى. 6ئاندىن ئەزرا ئىبادەتخانا ئالدىدىن ئايرىلىپ، ئەلياشىبنىڭ ئوغلى يىھوخاناننىڭ ھۇجرىسىغا كىردى. ئۇ ئۇ يەردە قايتىپ كەلگەن سۈرگۈنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكى ئۈچۈن بىر كېچە يېمەي-ئىچمەي ھەسرەت چەكتى.

7كېيىن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىغا سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېرۇسالېمغا جەم بولۇشى توغرىسىدا مۇنداق ئەمر چۈشۈرۈلدى: 8«كىمكى ئۈچ كۈن ئىچىدە يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلمىسە، ئەمەلدار ۋە ئاقساقاللارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ، جامائەتنىڭ ئەزاسى بولالمايدۇ.»

9ئۈچ كۈن ئىچىدە بارلىق يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر يېرۇسالېمغا جەم بولدى. 9-ئاينىڭ 20-كۈنى* ، بارلىق خەلق ئىبادەتخانا ئالدىدىكى مەيداندىن ئورۇن ئالدى. قاتتىق يامغۇر ۋە بۇ ئىشنىڭ جىددىيلىكى سەۋەبىدىن ھەممە ئادەمنى تىترەك باستى. 10ئاندىن ئەزرا روھانىي ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارغا:

_ سىلەر ساداقەتسىزلىك قىلىپ، يات خەلقلەردىن خوتۇن ئېلىپ، ئىسرائىللارنى تېخىمۇ ئېغىر گۇناھقا پاتقۇزدۇڭلار. 11ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا گۇناھىڭلار ئۈچۈن توۋا قىلىپ، ئۇنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش كۆرۈڭلار. زېمىنىمىزدا تۇرىدىغان يەرلىك خەلقلەر ۋە ياتتىن ئالغان خوتۇنلىرىڭلاردىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈڭلار! _ دېدى.

12جامائەت يۇقىرى ئاۋازدا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ توغرا ئېيتتىڭىز، دېگىنىڭىزنى بەجا كەلتۈرىمىز! 13لېكىن ئادەم كۆپ ھەم يامغۇر پەسلى، بىز سىرتتا ئۇزۇن تۇرالمايمىز. بۇ بىر-ئىككى كۈندە پۈتىدىغان ئىش ئەمەس. چۈنكى بۇ گۇناھقا پاتقان ئادەملەر ناھايىتى كۆپ. 14ئەمەلدارلىرىمىز بىزگە ۋەكىل بولسۇن. يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان كىشىلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۆز شەھىرىنىڭ ئاقساقال ۋە سوراقچىلىرى بىلەن بىللە بۇ يەرگە كەلسۇن. شۇنداق قىلغاندا خۇدايىمىزنىڭ بۇ ئىشقا بولغان غەزىپى پەسىيىپ قالار.

15پەقەت ئاسائېلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن تىقۋاھنىڭ ئوغلى ياخزىيا بۇنىڭغا قارشى چىقتى. ئۇلارنى مىشۇللام بىلەن لاۋىيلاردىن شاببىتاي قوللىدى. 16قالغانلار بۇ مەسلىھەتنى قوبۇل قىلدى. شۇڭا ئەزرا روھانىي ھەر جەمەت باشلىقلىرى ئارىسىدىن كىشىلەرنى تاللاپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى خاتىرىلىۋالدى. 10-ئاينىڭ 1-كۈنى* بۇ كىشىلەر جەم بولۇپ تەكشۈرۈشنى باشلىدى. 17ئۇلار 1-ئاينىڭ 1-كۈنى* يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئېنىقلاپ بولدى.

يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان كىشىلەر

18يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان روھانىيلار جەمەتىنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە:

يوزاداقنىڭ ئوغلى يېشۇۋا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ جەمەتىدىن: مائاسېيا، ئەلىئەزەر، يارىب ۋە گىداليا. 19ئۇلار خوتۇنلىرىنى قويۇپ بېرىشكە قەسەم قىلىپ، گۇناھى ئۈچۈن ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر قوچقارنى ھەدىيە قىلدى.

20ئىممېر جەمەتىدىن خانانى ۋە زىباديا

21خارىم جەمەتىدىن مائاسېيا، ئىلياس، شىمايا، يىخىئېل ۋە ئۇززىيا

22پاشخۇر جەمەتىدىن ئەليوئېناي، مائاسېيا، ئىسمائىل، نىتانئېل، يوزاباد ۋە ئەلئاسا

23لاۋىيلاردىن يوزاباد، شىمئى، قېلايا (قىلىتا دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، پىتاخيا، يەھۇدا ۋە ئەلىئەزەر

24ئىبادەتخانا مۇناجاتچىلىرىدىن ئەلياشىب

ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرىدىن شاللۇم، تەلەم ۋە ئۇرى

25باشقا ئىسرائىللاردىن:

پارئوش جەمەتىدىن رامىيا، يىزىيا، مالكىيا، مىيامىن، ئەلئازار، مالكىيا ۋە بىنايا

26ئېلام جەمەتىدىن ماتتانيا، زىكىرىيا، يىخىئېل، ئابدى، يىرېموت ۋە ئىلياس

27زاتتۇ جەمەتىدىن ئەليوئېناي، ئەلياشىب، ماتتانيا، يىرېموت، زاباد ۋە ئازىزا

28بېباي جەمەتىدىن يىھوخانان، خانانيا، زابباي، ئاتلاي

29بانى جەمەتىدىن مىشۇللام، ماللۇك، ئادايا، ياشۇب، شىئال، يىراموت

30پاخات-موئاب جەمەتىدىن ئادنا، كىلال، بىنايا، مائاسېيا، ماتتانيا، بىزالئېل، بىننۇي ۋە ماناسسە

31خارىم جەمەتىدىن ئەلىئەزەر، يىششىيا، مالكىيا، شىمايا، شىمون، 32بىنيامىن، ماللۇك ۋە شىماريا

33خاشۇم جەمەتىدىن ماتتىناي، ماتتاتتا، زاباد، ئەلىفەلەت، يىرېماي، ماناسسە ۋە شىمئى

34بانى جەمەتىدىن مائاداي، ئامرام ۋە ئۇئېل، 35بىنايا، بېدياھ، كىلۇھى، 36ۋانياھ، مىرېموت، ئەلياشىب، 37ماتتانيا، ماتتىناي ۋە يائاساي

38بىننۇي جەمەتىدىن شىمئى، 39شەلەميا، ناتان، ئادايا، 40ماكنادبا، شاشاي، شاراي، 41ئازارئېل، شەلەميا، شىماريا، 42شاللۇم، ئاماريا ۋە يۈسۈپ

43نىبو جەمەتىدىن يىئىئېل، ماتتىتيا، زاباد، زىبىنا، يادداي، يوئېل ۋە بىنايا.

44مانا بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان، بەزىلىرى بۇ خوتۇنلاردىن بالىمۇ تاپقان.



*9ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە 12-ئاينىڭ 19-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*16ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە 12-ئاينىڭ 29-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*17ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 27-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى