« ناھۇم »

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

«ناھۇم» نىنەۋى شەھىرىنىڭ جازالىنىشى بايان قىلىنغان ۋەھىيدۇر. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىردە ئاسسۇرىيە خەلقى پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغان ئىشلارنى قىلغاچقا، خۇدا ئۇلارنى جازالىماقچى بولدى. خۇدا ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئاسسۇرىيەنىڭ نىنەۋى شەھىرىگە يۇنۇس پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى. نىنەۋىلىكلەر بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى ئاڭلاپ، خۇدانىڭ ئالدىدا توۋا قىلىپ، يامان يوللىرىدىن ياندى. شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئۇلارنى جازالىمىدى.

لېكىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاسسۇرلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ رەزىل يوللىرىغا قايتىشتى. ئۇلار مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 721-يىلى شىمالدىكى پادىشاھلىق ئىسرائىلىيەنى ۋەيران قىلدى ھەمدە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 701-يىلى جەنۇبتىكى پادىشاھلىق يەھۇدىيەگىمۇ تاجاۋۇز قىلدى. كېيىن پەرۋەردىگار خۇدادىن ناھۇم پەيغەمبەرگە پات ئارىدا نىنەۋىنى گۇمران قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەھىي كەلدى. خۇدانىڭ ۋەھىيسىدە ئېيتىلغاندەك، نىنەۋى شەھىرى بابىللىقلار ۋە مىدىيالىقلار تەرىپىدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 612-يىلى ۋەيران قىلىندى. بۇ ۋەھىي نىنەۋىنىڭ خاراب بولۇشىدىن سەل ئىلگىرىلا يەتكۈزۈلگەنىدى.

«ناھۇم»نىڭ 3-بابىنىڭ 8-ئايىتىدىن 10-ئايىتىگىچە تەسۋىرلەنگەن مىسىردىكى نوئامون شەھىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 663-يىلى يۈز بەرگەنىدى.

ناھۇم دېگەن ئىسىم «تەسەللى بەرگۈچى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، نىنەۋىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىدىن ئىبارەت بۇ ۋەھىي ئەينى چاغدا خۇدانىڭ ئۆز خەلقى يەھۇدىيلارغا بەرگەن تەسەللىسى ئىدى.

تېزىس:

  1. پەرۋەردىگارنىڭ نىنەۋىگە غەزەپلىنىشى (1-باب)
  2. نىنەۋىنىڭ ۋەيران بولۇشىنىڭ تەسۋىرلىنىشى (2-، 3-بابلار)

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى