« نەخەمىيا »

12

روھانىيلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ تىزىملىكى

1شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل ۋە باش روھانىي يېشۇۋا بىلەن بىللە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

روھانىيلاردىن:

سىرايا، يەرەمىيا، ئەزرا،

2ئاماريا، ماللۇك، خاتتۇش،

3شىكانيا، رىخۇم، مىرېموت،

4ئىددو، گىننېتوي، ئابىيا،

5مىيامىن، مائاديا، بىلگاھ،

6شىمايا، يويارىب، يىدايا،

7ساللۇ، ئاموق، خىلقىيا ۋە يىدايالار ئىدى.

مانا بۇلار يېشۇۋا دەۋرىدىكى روھانىيلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرى ئىدى.

8لاۋىيلاردىن:

يېشۇۋا، بىننۇي، قادمىئېل، شېرېبىيا، يەھۇدا ۋە ماتتانيالار ئىدى. ماتتانيا خىزمەتداشلىرى بىلەن تەشەككۈر ناخشىلىرى ئېيتىشقا مەسئۇل ئىدى. 9ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرى باقبۇقيا ۋە ئۇننى ئىبادەتتە ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا تۇراتتى.

باش روھانىي يېشۇۋانىڭ ئەۋلادلىرى

10باش روھانىي يېشۇۋا يوياقىمنىڭ ئاتىسى، يوياقىم ئەلياشىبنىڭ ئاتىسى، ئەلياشىب يويادانىڭ ئاتىسى ئىدى. 11يويادا يوناتاننىڭ ئاتىسى، يوناتان ياددۇئانىڭ ئاتىسى ئىدى.

روھانىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى

12يوياقىم باش روھانىيلىق ۋەزىپە ئۆتۈۋاتقان مەزگىلدە، روھانىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى تۆۋەندىكىچە بولغان:

سىرايا جەمەتىدىن مىرايا

يەرەمىيا جەمەتىدىن ھانانيا

13ئەزرا جەمەتىدىن مىشۇللام

ئاماريا جەمەتىدىن يىھوخانان

14ماللۇكى جەمەتىدىن يوناتان

شىبانيا جەمەتىدىن يۈسۈپ

15خارىم جەمەتىدىن ئادنا

مىرايوت جەمەتىدىن خەلقاي

16ئىددو جەمەتىدىن زىكىرىيا

گىننىتون جەمەتىدىن مىشۇللام

17ئابىيا جەمەتىدىن زىكرى

مىنيامىن جەمەتىدىن بىر باشلىق بولغان*

موئاديا جەمەتىدىن پىلتاي

18بىلگاھ جەمەتىدىن شاممۇۋا

شىمايا جەمەتىدىن يىھوناتان

19يويارىب جەمەتىدىن ماتتىناي

يىدايا جەمەتىدىن ئۇززى

20ساللاي جەمەتىدىن قاللاي

ئاموق جەمەتىدىن ئېبەر

21خىلقىيا جەمەتىدىن خاشابيا

يىدايا جەمەتىدىن نىتانئېل

روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ جەمەت تەزكىرىسى

22ئەلياشىب، يويادا، يوخانان ۋە ياددۇئالار باش روھانىي بولغان مەزگىلدە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى رويخەتكە ئېلىنغان. پېرسىيە پادىشاھى دارىئوس ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىلدە روھانىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى رويخەتكە ئېلىنغان. 23لېكىن ئىبادەتخانا تەزكىرىسىدە رويخەتكە ئېلىنغان لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى پەقەت ئەلياشىبنىڭ نەۋرىسى يوخاناننىڭ دەۋرىگىچىلا ئىدى.

لاۋىيلارنىڭ خىزمەت تەقسىماتى

24لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرىدىن خاشابيا، شېرېبىيا، يېشۇۋا، بىننۇي ۋە قادمىئېللار بولۇپ، ئۇلار باشقا خىزمەتداشلار بىلەن بىللە ئىبادەتلەردە خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى داۋۇت پادىشاھنىڭ يوليورۇقى بويىچە بىر-بىرىگە روبىرو تۇرۇشۇپ، مەدھىيە ئېيتىشىشلىرىنى ئېيتىشىپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرەتتى. 25ئىبادەتخانا دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى ئامبارلارنى ساقلايدىغان دەرۋازىۋەنلەر ماتتانيا، باقبۇقيا، ئوبادىيا، مىشۇللام، تالمون ۋە ئاققۇبلار ئىدى. 26مانا بۇ كىشىلەر يوزاداقنىڭ نەۋرىسى يېشۇۋانىڭ ئوغلى باش روھانىي يوياقىمنىڭ مەزگىلىدە، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى نەخەمىيانىڭ ۋە روھانىي ھەم تەۋرات ئۇستازى ئەزرانىڭ زامانىدا ياشىغانىدى.

شەھەر سېپىللىرىنىڭ خۇداغا بېغىشلىنىشى

27يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ سېپىللىرى خۇداغا بېغىشلىنىدىغان چاغدا، لاۋىيلار تۇرغان جايلىرىدىن بېغىشلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا يېرۇسالېمغا تەكلىپ قىلىندى. ئۇلار مۇراسىمنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە مىننەتدارلىق بىلەن جاڭ، چىلتار ۋە لىرالارنى چېلىپ، نەغمە قىلىپ، ناخشا ئېيتىشىپ تەبرىكلىدى. 28مۇناجاتچىلار يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى جايلاردىن، جۈملىدىن نىتوفانىڭ يېزىلىرىدىن، 29بەيت-گىلگالدىن، گەبا ۋە ئازماۋەت قاتارلىق جايلاردىن كېلىپ يىغىلدى. چۈنكى مۇناجاتچىلار ئۆزلىرى ئۈچۈن يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلارنى قۇرۇپ چىققانىدى. 30روھانىيلار بىلەن لاۋىيلار ئۆزلىرىنى پاكلاپ، ئاندىن جامائەتنى پاكلىدى. كېيىن ئۇلار شەھەر دەرۋازىلىرى بىلەن سېپىللىرىنىمۇ پاكلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

31مەن يەھۇدىيە ئەمەلدارلىرىنى سېپىل ئۈستىگە يىغىپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە ئىككى چوڭ خور ئۆمەكنى بەلگىلىدىم. بىرى جەنۇبىي يۆنۈلۈشتىكى سېپىل ئۈستىدە قىغ دەرۋازىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. 32ھوشايا ۋە يەھۇدىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ يېرىمى مۇناجاتچىلارنىڭ كەينىدىن يۈرۈش قىلدى. 33يەنە ئازاريا، ئەزرا، مىشۇللام، 34يەھۇدا، بىنيامىن، شىمايا ۋە يەرەمىيالارمۇ ئەگىشىپ ماڭدى. 35ئاندىن بەزى روھانىيلار كاناي چېلىپ، ئاساف ئەۋلادىدىن زىكىرىيا بىلەن ماڭدى. زىكىرىيا يوناتاننىڭ ئوغلى، يوناتان شىمايانىڭ ئوغلى، شىمايا ماتتانيانىڭ ئوغلى، ماتتانيا مىكايانىڭ ئوغلى، مىكايا زاككۇرنىڭ ئوغلى، زاككۇر بولسا ئاساف ئەۋلادىدىن ئىدى. 36ئۇلارنىڭ كەينىدىن زىكىرىيانىڭ خىزمەتداشلىرى ماڭدى. ئۇلار شىمايا، ئازارئېل، مىلالاي، گىلالاي، مائاي، نىتانئېل، يەھۇدا ۋە خانانىلار بولۇپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى داۋۇت پادىشاھنىڭ مۇزىكا ئەسۋابلىرىغا ئوخشاش ئەسۋابلارنى چېلىپ ماڭدى. بۇ توپقا تەۋرات ئۇستازى ئەزرا يېتەكچىلىك قىلغانىدى. 37ئۇلار بۇلاق دەرۋازىسىغا كەلگەندە، پەلەمپەيلەردىن چىقىپ، «داۋۇت شەھىرى»نىڭ ئەتراپىدىكى سېپىلنىڭ ئەڭ ئۈستىگە يېتىپ كەلدى. ئاندىن ئۇلار داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىن ئۆتۈپ، شەرقتىكى بۇلاق دەرۋازىسىغا كەلدى.

38ئىككىنچى خور ئۆمەك مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىش ئۈچۈن باشقا يولنى چۆرىدەپ شىمالغا يۈرۈپ كەتتى. مەن ۋە جامائەتنىڭ قالغان يېرىمى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدۇق. ئۇلار سېپىل ئۈستىنى بويلاپ، تونۇرلار مۇنارىدىن ئۆتۈپ، كەڭ سېپىلگە يەتتى. 39ئاندىن ئۇلار ئەفرايىم دەرۋازىسىدىن ئۆتۈپ، كونا شەھەر دەرۋازىسىغا كەلدى. ئۇلار بېلىق دەرۋازىسى ۋە خانانئېل مۇنارىدىن ئۆتۈپ يۈز مۇنارىغا كەلدى. ئۇلار يەنە قوي دەرۋازىسىغا قاراپ داۋاملىق مېڭىپ، قاراۋۇل دەرۋازىسىدا توختىدى.

40مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان ئىككى خور ئۆمەك ئىبادەتخانىغا يېتىپ كېلىپ، ئۇ يەردىن ئورۇن ئالدى. مەنمۇ بىللە كەلگەن بىر توپ ئەمەلدارلار بىلەن ئۇ يەردىن ئورۇن ئالدىم. 41بىزنىڭ يېنىمىزدىن ئورۇن ئالغانلار كاناي چالغۇچى روھانىيلار بولۇپ، ئۇلار ئەلياقىم، مائاسېيا، مىنيامىن، مىكايا، ئەليوئېناي، زىكىرىيا ۋە خانانيالار ئىدى. 42ئۇ يەردە يەنە مائاسېيا، شىمايا، ئەلئازار، ئۇززى، يىھوخانان، مالكىيا ۋە ئېزېرلەر بار ئىدى. مۇناجاتچىلار يىزراخيانىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۈنلۈك ناخشا ئېيتتى. 43جامائەت ئۇ كۈنى نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى قىلدى ھەمدە شاد-خۇراملىققا چۆمدى. چۈنكى خۇدا ئۇلارغا زور خۇشاللىق ئاتا قىلغانىدى. ئاياللار ۋە بالىلارمۇ خۇشاللىققا چۆمگەنىدى. يېرۇسالېمدىكى شاد-خۇراملىق يىراق جايلارغا ئاڭلىناتتى.

ئىبادەتخانىنىڭ تەمىناتى

44ئۇ كۈنى بەزى ئەرلەر ھەدىيەلەر، تۇنجى ئالغان ھوسۇل ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ساقلىنىدىغان ئىبادەتخانا ئامبارلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەندى. ئۇلار روھانىيلار ۋە لاۋىيلار ئۈچۈن تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگەن بويىچە شەھەر سىرتىدىكى ئېتىزلاردىن ئۈلۈشنى يىغىۋېلىشقا مەسئۇل بولدى. يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلق روھانىيلار ۋە لاۋىيلار ھەم ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن خۇرسەن بولدى. 45چۈنكى ئۇلار پاكلاش مۇراسىمىدا خۇدانىڭ خىزمىتىنى ئۆتەپ كەلگەنىدى. مۇناجاتچىلار ۋە دەرۋازىۋەنلەرمۇ داۋۇت پادىشاھ ئوغلى سۇلايمانغا بۇيرۇغىنىدەك ئۆز خىزمەتلىرىنى قىلىشتى. 46بۇرۇن ئاساف ياشىغان داۋۇت پادىشاھ زامانىسىدا ئىبادەتخانا مۇناجاتچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى بولۇش ھەمدە مەدھىيە ناخشىلىرى ۋە خۇداغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ناخشىلىرىنىڭ بولۇشى ئادەت بولغانىدى. 47ئەمدى بولسا، زىرۇببابەل ۋە نەخەمىيا زامانىسىدا بارلىق ئىسرائىللار مۇناجاتچىلارغا، دەرۋازىۋەنلەرگە ۋە باشقا لاۋىيلارغا كۈندىلىك ئوزۇقلۇقنى تەمىنلەپ بەردى. لاۋىيلار بولسا روھانىيلارغا تاپقىنىنىڭ ئۈلۈشىنى بەردى.



*17ئەسلىدىكى ئىبرانىي قوليازمىلىرىدا بۇ يەردىكى ئىسىم چۈشۈپ قالغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى