« سەردارلار »

16

1بىر كۈنى شىمشون فىلىستىيەدىكى گازاغا بېرىپ، ئۇ يەردە بىر پاھىشە ئايال بىلەن بىللە بولدى. 2گازالىقلار شىمشوننىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، شەھەرنى قورشاۋغا ئېلىپ، كېچىچە شەھەر دەرۋازىسىدا شىمشوننى ساقلاپ تىۋىش چىقارماي، بۆكتۈرمىدە ياتتى. ئۇلار كېچىچە كۈتۈپ، «تاڭ ئېتىشى بىلەنلا شىمشوننى ئۆلتۈرۈۋېتىمىز» دېيىشتى.

3لېكىن شىمشون يېرىم كېچە بولغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ قاناتلىرىنى كېشىكى بىلەنلا قومۇرۇپ، تاقاقلىرى بىلەن قوشۇپ مۈرىسىگە ئېلىپ، ھىبرون شەھىرىنىڭ ئالدىدىكى تۆپىلىكنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ كەتتى.

شىمشون بىلەن دىلەيلا

4كېيىن، شىمشون سورېق جىلغىسىدا ياشايدىغان دىلەيلا ئىسىملىك بىر ئايالغا ئاشىق بولۇپ قالدى. 5فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى ئۇ ئايالنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ سەن ئۇنى ئالداپ، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ سىرىنى ۋە بىزنىڭ ئۇنى قانداق قىلىپ باغلاپ بويسۇندۇرالايدىغانلىقىمىزنى بىلىپ بەرگىن. شۇنداق قىلساڭ ھەربىرىمىز ساڭا 1100 كۈمۈش تەڭگە بېرىمىز، _ دېدى.

6شۇنىڭ بىلەن دىلەيلا شىمشوندىن:

_ سىزنىڭ شۇنداق كۈچلۈك بولۇشىڭىزنىڭ سىرىنى ۋە قانداق قىلغاندا سىزنى باغلاپ بويسۇندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ماڭا دەپ بېرىڭ، _ دېدى. 7شىمشون ئۇنىڭغا:

_ ئەگەر كىشىلەر يەتتە تال تېخى قۇرۇمىغان يېڭى ئوقيا كىرىچى بىلەن مېنى باغلىسا، مەن ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالىمەن، _ دېدى.

8فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى دىلەيلاغا يەتتە تال تېخى قۇرۇمىغان يېڭى ئوقيانىڭ كىرىچىنى ئەكېلىپ بەردى. ئۇ ئايال بۇ ئوقيا كىرىچى بىلەن شىمشوننى باغلىدى. 9بۇ چاغدا ئادەملەر ئۇنىڭ ھۇجرىسىدا يوشۇرۇنۇپ كۈتۈپ تۇرغانىدى، دىلەيلا شىمشونغا قاراپ:

_ شىمشون! فىلىستىيەلىكلەر كەلدى! _ دەپ توۋلىدى. شىمشون شۇ ھامان ئوقيا كىرىچىنى خۇددى ئوتقا چۈشكەن كەندىر يىپىدەك ئۈزۈپ تاشلىدى. شۇنداق قىلىپ شىمشوننىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ سىرىنى ھېچكىم بىلەلمىدى. 10دىلەيلا ئۇنىڭغا:

_ سىز مېنى ئەخمەق قىلىپ، يالغان سۆزلەپسىز. ماڭا سىزنى قانداق قىلغاندا باغلىغىلى بولىدىغانلىقىنى دەپ بېرىڭ، _ دېدى.

11شىمشون ئۇنىڭغا:

_ ئەگەر كىشىلەر تېخى ئىشلىتىلمىگەن يېڭى ئارغامچا بىلەن مېنى قاتتىق باغلىسا، مەن ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالىمەن، _ دېدى.

12شۇنىڭ بىلەن دىلەيلا تېخى ئىشلىتىلمىگەن يېڭى ئارغامچا ئەكېلىپ شىمشوننى باغلاپ، ئۇنىڭغا:

_ شىمشون! فىلىستىيەلىكلەر كەلدى! _ دەپ توۋلىدى. بۇ چاغدا فىلىستىيەلىكلەر ئۇنىڭ ھۇجرىسىدا يوشۇرۇنۇپ كۈتۈپ تۇرۇشقانىدى.

شىمشون ئارغامچىلارنى خۇددى يىپنى ئۈزگەندەك ئۈزۈپ تاشلىدى. 13دىلەيلا يەنە شىمشونغا:

_ سىز تا ھازىرغىچە مېنى ئەخمەق قىلىپ، يالغان سۆزلەپ كەپسىز. ماڭا سىزنى قانداق قىلغاندا باغلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ، _ دېدى. شىمشون ئۇنىڭغا:

_ ئەگەر سەن مېنىڭ بېشىمدىكى يەتتە ئۆرۈم چېچىمنى دەستىگاھتىكى يىپقا قوشۇپ توقۇپ، شىنا بىلەن چىڭىتىپ قويساڭلا، مەن ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالىمەن، _ دېدى.

14شۇنىڭ بىلەن شىمشون ئۇخلاپ قالغاندا، دىلەيلا ئۇنىڭ بېشىدىكى يەتتە ئۆرۈم چاچنى دەستىگاھتىكى يىپقا قوشۇپ توقۇپ، ئۇنى شىنا بىلەن چىڭىتىپ قويدى. ئاندىن شىمشونغا:

_ شىمشون! فىلىستىيەلىكلەر كەلدى! _ دەپ توۋلىدى.

شىمشون ئويغىنىپ، دەستىگاھتا يىپقا قوشۇپ توقۇۋېتىلگەن چېچىنى، دەستىگاھ ۋە شىنانى يۇلۇپ ئېلىۋەتتى.

15دىلەيلا شىمشونغا:

_ سىرىڭىزنى مەندىن يوشۇرۇپ تۇرۇپ قانداقسىگە يەنە: «سېنى سۆيىمەن» دېيەلەيسىز؟ سىز مېنى ئۈچ قېتىم ئالدىدىڭىز، ماڭا سىزدىكى كۈچ-قۇدرەتنىڭ سىرىنى ئېيتىپ بەرمىدىڭىز، _ دېدى.

16دىلەيلا كۈندە كوتۇلداپ، غەلۋە قىلىپ، ئۇنى ئۆلگۈدەك بىزار قىلدى. 17ئاخىرى شىمشون ئۇنىڭغا ھەممىنى ئېيتىپ بەردى:

_ چۈنكى، مەن تۇغۇلغاندىن تارتىپلا پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتالغان بولغاچقا، ھازىرغىچە بېشىمنى تىغ بىلەن چۈشۈرۈپ باقمىغان. ئەگەر مېنىڭ بېشىم تىغ بىلەن چۈشۈرۈلسە، ۋۇجۇدۇمدىكى كۈچ-قۇۋۋەت مەندىن ئايرىلىدۇ-دە، ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالىمەن.

18شىمشون دىلەيلاغا سىرىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، دىلەيلا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرىگە:

_ ئەمدى كېلىڭلار، ئۇ سىرىنى ماڭا ئېيتىپ بەردى، _ دەپ خەۋەر يەتكۈزدى.

فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى كۈمۈش تەڭگىلەرنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى. 19دىلەيلا شىمشوننى تىزىغا ياتقۇزۇپ ئۇخلىتىپ قويدى ۋە ئادەم چاقىرىپ كېلىپ شىمشوننىڭ يەتتە ئۆرۈم چېچىنى تىغ بىلەن چۈشۈرگۈزۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن شىمشون كۈچ-قۇدرىتىدىن ئايرىلدى، دىلەيلا ئۇنى بويسۇندۇرۇشقا باشلىدى. 20ئۇ شىمشونغا:

_ شىمشون! فىلىستىيەلىكلەر كەلدى! _ دەپ توۋلىدى. شىمشون ئويغىنىپ، كۆڭلىدە: «مەن بۇرۇنقىدەك بىر سىلكىنىپلا بوشىنىمەن» دەپ ئويلىدى. ئەمما ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتى. 21فىلىستىيەلىكلەر ئۇنى تۇتۇپ، كۆزلىرىنى ئويۇۋېلىپ، گازاغا ئېلىپ كەلدى. ئۇنى تۇچ زەنجىر بىلەن كىشەنلەپ، زىندانغا تاشلاپ ئۇن تارتىشقا سالدى. 22ئەمما ئۇنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلگەن چېچى يەنە قايتا ئۆسۈشكە باشلىدى.

شىمشوننىڭ ئۆلۈمى

23فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى داگونغا ئاتاپ كاتتا قۇربانلىق ئۆتكۈزۈپ: «ئىلاھىمىز دۈشمىنىمىز شىمشوننى بىزگە تۇتۇپ بەردى» دەپ، تەنتەنە قىلىشتى. 24پۇقرالارمۇ شىمشوننى كۆرگەندىن كېيىن، ئىلاھىغا مەدھىيە ئوقۇپ: «بىزنىڭ ئىلاھىمىز زېمىنىمىزنى ۋەيران قىلىپ، كۆپ ئادەملىرىمىزنى ئۆلتۈرگەن دۈشمىنىمىزنى تۇتۇپ بەردى» دەپ تەنتەنە قىلىشتى. 25ئۇلار قاتتىق خۇشال بولۇشقان ھالدا:

_ شىمشوننى ئەكېلىپ بېرىڭلار، ئۇنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈپ كۆڭۈل ئاچىمىز، _ دەپ ۋارقىراشتى. شۇنىڭ بىلەن شىمشون زىنداندىن ئېلىپ كېلىندى. ئۇلار ئۇنىڭ تاماشىسىنى كۆرمەكچى بولۇپ، ئۇنى ئىبادەتخانىنىڭ تورۇسىنى تىرەپ تۇرغان ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغۇزۇپ قويدى. 26شىمشون ئۆزىنى يېتىلەپ كەلگەن يىگىتكە:

_ مېنى ئىبادەتخانىنى تىرەپ تۇرغان تۈۋرۈكنىڭ يېنىغا ئېلىپ بار، مەن ئۇنىڭغا يۆلىنىپ تۇراي، _ دېدى.

27بۇ چاغدا ئىبادەتخانىغا ئەرلەر ۋە ئاياللار لىق تولغان بولۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى ھەممىسى شۇ يەردە ئىدى. ئىمارەتنىڭ ئۈستىدىكى ئايۋاندىمۇ ئەر ۋە ئاياللاردىن بولۇپ ئۈچ مىڭچە ئادەم شىمشوننىڭ تاماشاسىنى كۆرۈۋاتاتتى. 28شىمشون پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئىگەم پەرۋەردىگار، مېنى ئېسىڭگە ئالغايسەن، ئەي خۇدا، ماڭا يەنە بىر قېتىم كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەيسەن، مەن ئويۇۋېلىنغان كۆزلىرىم ئۈچۈن فىلىستىيەلىكلەردىن ئىنتىقام ئېلىۋالاي.

29شۇنىڭ بىلەن شىمشون ئىبادەتخانا ئوتتۇرىسىدىكى تورۇسنى تىرەپ تۇرغان ئىككى تۈۋرۈكنىڭ بىرسىگە ئوڭ قولىنى، ئىككىنچىسىگە سول قولىنى تېرەپ تۇرۇپ، 30«مەن فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بىللە ئۆلەي!» دېدى-دە، پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈۋرۈكنى ئۆرۈپ تاشلىدى. ئىبادەتخانىنىڭ تورۇسى بەگلەر ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆلىدىغان چاغدا پۈتۈن ئۆمرىدە ئۆلتۈرگەندىنمۇ كۆپ ئادەملەرنى ئۆلتۈردى. 31ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ پۈتۈن جەمەتىدىكىلەر ئۇنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، زورئاھ شەھىرى بىلەن ئەشتائول شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاتىسى مانوۋاھنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىشتى. ئۇ ئىسرائىللارغا 20 يىل سەردار بولدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى