« سەردارلار »

19

لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئادەم ۋە ئۇنىڭ توقىلى

1ئۇ زامانلاردا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى يوق بولۇپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ چەت بىر يېرىدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئادەم ياشايتتى. ئۇ يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەم شەھىرىدە ياشايدىغان بىر ئايالنى ئۆزىگە توقاللىققا ئالدى. 2بىراق، ئۇنىڭ توقىلى بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئېرىنى تاشلاپ، يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەم شەھىرىدە ياشايدىغان ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىۋېلىپ، ئۇ يەردە تۆت ئاي تۇردى. 3بۇ لاۋىي بىر چاكار بىلەن ئىككى ئېشەكنى ئېلىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن بېرىپ، ياخشى گەپلەر بىلەن ئۇنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى. ئۇ يېتىپ كەلگەندە، توقىلى ئۇنى ئاتىسىنىڭ يېنىغا باشلاپ كىردى. ئاتىسى ئۇنى كۆرگەندە ئۇنى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالدى. 4قېيىنئاتىسى ئۇنى ئۈچ كۈن تۇتۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئۆيدە يەپ-ئىچىپ، تۇرۇپ قالدى. 5تۆتىنچى كۈنى بولغاندا، ئۇلار ئەتىگەن تۇرۇپ ماڭماقچى بولدى. قېيىنئاتىسى كۈيۈ ئوغلىغا:

_ ئازراق ناشتا قىلىپ، قورسىقىڭلارنى تويدۇرۇپ مېڭىڭلار، _ دېدى.

6شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى ئولتۇرۇپ غىزالاندى. قېيىنئاتىسى لاۋىيغا يەنە:

_ بۈگۈن تۇرۇپ قېلىپ، مۇشۇ يەردە كۆڭلۈڭلەرنى خۇش قىلغىن، _ دېدى.

7لاۋىي ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىشقا تەمشىلىۋىدى، قېيىنئاتىسى ئۇنى زورلاپ تۇتۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ يەنە بىر كېچە قونۇپ قالدى. 8بەشىنچى كۈنىگە كەلگەندە، ئۇ ئەتىگەن تۇرۇپ ماڭماقچى بولدى. قېيىنئاتىسى:

_ تاماق يەپ چۈشتىن كېيىن مېڭىڭلار، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاماققا تۇرۇپ قالدى. 9لاۋىي توقىلىنى ئېلىپ چاكىرى بىلەن مېڭىشقا تەمشەلگەندە، قېيىنئاتىسى ئۇنىڭغا يەنە:

_ قاراڭلار، كەچ بولاي دەپ قالدى، كۈنمۇ ئولتۇراي دېدى، بۈگۈن قونۇپ قېلىڭلار. مۇشۇ يەردە كۆڭۈل ئىچىپ، ئەتە ئەتىگەن سەھەر تۇرۇپ، يولغا چىقىڭلار، _ دېدى.

10بۇ قېتىم ئۇ ئۇنىماي، توقىلىنى ئېلىپ ئىككى ئېشىكى بىلەن يولغا چىقتى. ئۇلار مېڭىپ يىبۇس، يەنى يېرۇسالېمغا يېقىن كېلىپ قالدى. 11بۇ ۋاقىت كۈن ئولتۇراي دېگەن ۋاقىت ئىدى. چاكىرى ئۇنىڭغا:

_ بىز بۈگۈن مۇشۇ يىبۇسلارنىڭ شەھىرىگە كىرىپ قونايلى، _ دېدى.

12خوجايىنى ئۇنىڭغا:

_ بىز ئىسرائىللارغا تەۋە بولمىغان ياتلارنىڭ شەھىرىدە قونمايمىز. بىز گىبئاھ شەھىرىگە بېرىپ قونايلى، _ دېدى. 13ئۇ چاكىرىغا يەنە:

_ بىز گىبئاھ ياكى راماھ شەھەرلىرىنىڭ بىرىگە بېرىپ كېچىنى ئۆتكۈزەيلى، _ دېدى.

14شۇنداق قىلىپ ئۇلار يەنە يولىنى داۋام قىلدى. ئۇلار بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە بولغان گىبئاھ شەھىرىگە يېقىن قالغاندا كۈنمۇ ئولتۇردى. 15ئۇلار بۇ شەھەردە قونۇش ئۈچۈن، شەھەر بازىرىغا باردى، لېكىن ھېچكىم ئۇلارنى ئۆيىگە كىرگۈزمىدى. 16شۇ چاغدا بىر بوۋاي ئېتىزدىن قايتىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ بوۋاي ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىن كېلىپ، گىبئاھ شەھىرىدە تۇرۇپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقىلار بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر ئىدى. 17بوۋاي بۇ يولۇچىلارنىڭ بازاردا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلاردىن:

_ نەگە ماڭدىڭلار؟ قەيەردىن بولىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى.

18لاۋىي جاۋاب بېرىپ:

_ بىز يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمدىن ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ چەت بىر يېرىگە كېتىپ بارىمىز. بىز شۇ يەرلىك. مەن يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمگە بېرىپ ئۆيگە قايتىۋاتقانىدىم. ئەمما ھېچكىم بىزنى ئۆيىگە كىرگۈزمىدى. 19بىزنىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىمىز ۋە ئېشىكىمىزگە بېرىدىغان يەم-خەشىكىمىز بار. كەمىنىلىرى بىلەن توقىلىم ۋە چاكىرىمنىڭمۇ يەتكۈدەك نېنى ۋە شارابى بار، بىزگە ھېچ نەرسە كېرەك ئەمەس، _ دېدى.

20بوۋاي:

_ سىرتتا قونماڭلار! ئۆيگە مەرھەمەت، مەن ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالاي، _ دېدى.

21شۇنىڭ بىلەن بوۋاي ئۇلارنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئېشىكىگە يەم بەردى. ئۇلار پۇتلىرىنى يۇيغاندىن كېيىن، بىرلىكتە غىزالاندى.

22ئۇلار خۇشال-خۇرام ئولتۇرغاندا شەھەردىكى ئۆكتەملەر بوۋاينىڭ ئۆيىنى قورشىۋېلىپ، دەرۋازىنى توختىماي قاقتى. ئۇلار ئۆي ئىگىسى بوۋايغا:

_ ئۆيۈڭدىكى ئەرنى چىقىرىپ بەر، بىز ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمىز، _ دەپ ۋارقىراشتى.

23بوۋاي چىقىپ ئۇلارغا:

_ بۇرادەرلەر، بۇنداق پەسكەشلىك قىلساڭلار بولمايدۇ. بۇ مېھمان مېنىڭ ئۆيۈمگە چۈشكەن ئىكەن، بۇنداق نومۇسلۇق ئىشنى قىلىشقا يول قويمايمەن. 24مېنىڭ تېخى يۇزى ئېچىلمىغان قىزىم بار، يەنە ئۇ ئادەمنىڭ توقىلىمۇ بار. ئۇلارنى ئېلىپ چىقىپ بېرەي، سىلەر ئۇلارنى قانداق ئاياغ ئاستى قىلساڭلار مەيلى. ئۇلارنى نېمە قىلساڭلار قىلىڭلار. بىراق بۇ ئەر بىلەن ئۇنداق نومۇسلۇق ئىشنى قىلماڭلار، _ دېدى.

25بىراق ئۇلار بوۋاينىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدى. شۇنداقتىمۇ ھېلىقى لاۋىي توقىلىنى ئۇلارغا ئېلىپ چىقىپ بەردى. ئۇلار كېچىچە ئۇ ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلىپ، دەپسەندە قىلدى. تاڭ سۈزۈلەي دېگەندە ئاندىن ئۇ ئايالنى قويۇپ بەردى. 26ئۇ ئايال تاڭ ئاتقاندا ئۆزلىرىنى قوندۇرۇپ قالغان بوۋاينىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ، شۇ يەردە يىقىلىپ قېلىپ، سەھەرگىچە شۇ يەردە ياتتى.

27ئەتىگەندە ئۇنىڭ ئېرى يولغا چىقماقچى بولۇپ دەرۋازىنى ئېچىپ، توقىلىنىڭ دەرۋازا ئالدىدا يېتىپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىككى قولىنىڭ بوسۇغا ئۈستىدە تۇرغانلىقىنى كۆردى. 28ئۇ توقىلىغا:

_ ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭايلى، _ دېدى. ئەمما خوتۇنىدىن سادا چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەر توقىلىنى ئېشەككە ئارتىپ يولغا چىقتى. 29ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قولىغا پىچاقنى ئېلىپ، توقىلىنى چاناپ ئون ئىككى پارچە قىلىپ پارچىلاپ، ئۇنى ئىسرائىللار زېمىنىنىڭ ھەممە يېرىگە ئەۋەتىپ، ئىبرەت قىلدى. 30بۇنى كۆرگەنلەر:

_ ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن بېرى مۇنداق ئىش ئەزەلدىن يۈز بېرىپ باقمىغان، ھېچكىم بۇنداق ئىشنى كۆرمىگەن. ئەمدى بۇ ئىشنى ياخشى ئويلىشىپ، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى مەسلىھەتلىشەيلى، _ دېيىشتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى