« سەردارلار »

2

ئىسرائىللارنىڭ ئىتائەتسىزلىكى

1پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى* گىلگال شەھىرىدىن بوكىمغا كېلىپ ئىسرائىللارغا:

_ مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئەجدادلىرىڭلارغا ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا ئېلىپ باردىم. مەن سىلەرگە: «سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ھەرگىز بۇزمايمەن. 2سىلەر ھەرگىز يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن بىرەر كېلىشىم تۈزمەڭلار، ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاڭلار» دېگەنىدىم. بىراق سىلەر مېنىڭ دېگىنىمگە بويسۇنمىدىڭلار. بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟ 3مەن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەر بۇ زېمىنغا ئىچكىرىلەپ كىرگىنىڭلاردا، مەن ئەمدى ئۇ يەرنىڭ خەلقىنى قوغلاپ چىقارمايمەن. ئۇلار سىلەرنىڭ بېقىنىڭلارغا سانجىلىدىغان تىكەن بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى سىلەرنى ئازدۇرۇپ قىلتاققا چۈشۈرىدۇ، _ دېدى.

4پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندا، ئىسرائىللار ئۈن سېلىپ يىغلىشىپ كەتتى، 5شۇڭا ئۇلار بۇ يەرنى بوكىم* دەپ ئاتىدى ۋە بۇ يەردە پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلدى.

يوشۇۋانىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى

6يوشۇۋا ئىسرائىللارنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، ئىسرائىللار ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى. 7يوشۇۋا ھايات ۋاقتىدا ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا قىلىپ بەرگەن بارلىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئاقساقاللار بىر ئۆمۈر ئىسرائىللار بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. 8پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى _ نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا 110 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. 9يوشۇۋا ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنغا، يەنى گائاش تېغىنىڭ شىمالىدىكى ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ تىمنات-خەرەس شەھىرىگە دەپنە قىلىندى. 10شۇ دەۋرلەردە ئالەمدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنى ۋە ئۇنىڭ ئىسرائىللارغا قىلىپ بەرگەن بارلىق ئىشلىرىنى ئۇنتۇپ كەتتى.

ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈشى

11-13كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان ئىش قىلىپ، ئۆزلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان، ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا، يەنى شۇ ئەتراپتىكى قوۋملار چوقۇنىدىغان بائال ۋە ئاشتورەت دېگەن بۇتلارغا چوقۇنۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. 14شۇڭا، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا قەھر-غەزىپى قايناپ تېشىپ، ئۇلارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىغا، يەنى ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىگە تاشلاپ بېرىپ، ئۇلارغا قارشى تۇرالمايدىغان قىلىپ قويدى. 15ئۇلار ھەر قېتىم جەڭگە چىققاندا پەرۋەردىگار ئۆز قەسىمىدە ئېيتقىنىدەك، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئىنتايىن زور بالايئاپەتلەرگە دۇچار قىلدى.

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا سەردارلارنى تەيىنلىشى

16پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا سەردارلارنى تەيىنلەپ بەردى. 17لېكىن ئىسرائىللار بۇ سەردارلارغىمۇ ئىتائەت قىلماي، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ، باشقا ئىلاھلارغا خۇددى پاھىشىلەردەك سېتىلدى ۋە ئۇلارغا سەجدە قىلىشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يولىنى تۇتماي، تېزدىنلا بۇ يولدىن يۈز ئۆرۈدى. 18پەرۋەردىگار ھەر قېتىم ئۆزى تەيىنلىگەن سەردارلار بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇلار ھايات چاغلاردا خەلقنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتقۇزاتتى. پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئازاب چېكىپ، خورلۇق ئىچىدە قىلغان نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا رەھىم قىلاتتى. 19بىراق، سەردارلارنىڭ كۆزى يۇمۇلۇشى بىلەنلا ئۇلار ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ، چىرىك يولغا مېڭىپ، ئاتا-بوۋىلىرىدىن بەكرەك رەزىللىشىپ كېتەتتى. يات ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ، رەزىللىك ۋە جاھىللىقتىن ۋاز كەچمەيتتى.

20شۇڭا پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا يەنە غەزەپلىنىپ مۇنداق دېدى:

_ بۇ خەلق ئەجدادلىرىنىڭ رىئايە قىلىشىغا بۇيرۇغان ئەھدەمنى بۇزۇپ، ماڭا ئىتائەت قىلمىدى. 21-22مەن ئۇلارنىڭ مېنىڭ يولۇمدا ئۆز ئەجدادلىرىدەك ماڭىدىغان-ماڭمايدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتكەن ۋاقىتتا بۇ يەردە قېپقالغان قوۋملارنى قوغلاپ چىقارمايمەن.

23شۇ ۋەجىدىن پەرۋەردىگار ئۇ قوۋملارنى يوشۇۋانىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرمىگەنىدى. يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئۇلارنى تېزلا قوغلاپ چىقىرىۋەتمەي، داۋاملىق بۇ زېمىندا تۇرۇپ قېلىشىغا يول قويغانىدى.



*1پەرىشتىسى _ بۇ، خۇدانىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.

*5بوكىم _ ئىبرانىي تىلىدا «يىغا-زار» دېگەن مەنىدە.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى