« سەردارلار »

20

ئىسرائىللارنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىگە جازا يۈرۈش قىلىشى

1شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىللار، شىمالدىكى داندىن تارتىپ، جەنۇبتىكى بەئەرشەبا ۋە شەرقتىكى گىلئادغىچە بولغان زېمىنلاردىن كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بىر گەۋدە بولۇپ، مىزپاھ شەھىرىگە توپلاندى. 2ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە 400,000 ئادەم قىلىچ بىلەن قوراللىنىپ، رەتمۇرەت تىزىلىپ خۇدانىڭ جامائىتى بولۇپ ھازىر بولدى 3(باشقا قەبىلىلەرنىڭمۇ مىزپاھقا توپلانغانلىقىنىڭ خەۋىرى دەرھال بىنيامىن قەبىلىسىگە يېتىپ باردى).

ئىسرائىللار ھېلىقى لاۋىيدىن:

_ بىزگە بۇ پەسكەش ئىشنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگىن، _ دەپ سورىدى.

4توقىلى ئۆلتۈرۈلگەن ھېلىقى لاۋىي مۇنداق دېدى:

_ مەن توقىلىم بىلەن بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە بولغان گىبئاھقا كەلدۇق ۋە كېچىدە شۇ يەردە قونۇپ قالماقچى بولدۇق. 5كېچىدە گىبئاھلىقلارنىڭ ئاقساقاللىرى كېلىپ، مەن چۈشكەن ئۆينى قورشىۋېلىپ مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. ئۇلار مېنىڭ خوتۇنۇمغا پەسكەشلىك قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولدى. 6شۇنىڭ بىلەن مەن توقىلىمنى پارچىلاپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ مىراسى بولغان ھەربىر زېمىنغا ئەۋەتتىم. چۈنكى گىبئاھلىقلار ئىسرائىللار ئارىسىدا شۇنداق نومۇسسىز ۋە ئىپلاس ئىشتىن بىرنى قىلدى. 7ئىسرائىل خەلقى بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار بىر نېمە دەڭلار.

8شۇنىڭ بىلەن خەلق بىردەك:

_ ئارىمىزدىن ھېچكىم ئۆز چېدىرىغا قايتمىسۇن، ھېچكىم ئۆز ئۆيىگە يانمىسۇن. 9چەك تاشلاپ گىبئاھقا قارشى قانداق ئۇرۇش قىلىشنى بېكىتەيلى. 10بىز ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىكى ھەر يۈز ئادەمدىن ئوننى، مىڭدىن يۈزنى، ياكى ئون مىڭدىن مىڭنى تاللاپ، قوشۇننى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەشكە قويىمىز. قوشۇنىمىز بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبئاھقا يېتىپ بارغاندا، گىبئاھلىقلارنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدا قىلغان نومۇسسىزلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى جازالايمىز، _ دېيىشتى.

11شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار بىر گەۋدە بولۇپ، بىرلىكتە گىبئاھقا قوشۇن تارتىشتى.

12ئىسرائىل قەبىلىلىرى بىنيامىن قەبىلىسىگە ئادەم ئەۋەتىپ:

_ سىلەر قانداقسىگە مۇشۇنداق قەبىھ ئىش قىلدىڭلار؟ 13سىلەر ھازىر گىبئاھتىكى ھېلىقى ئۆكتەملەرنى بىزگە چىقىرىپ بېرىڭلار. بىز ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللار ئارىسىدىن رەزىللىكنى يوقىتايلى، _ دېدى.

بىنيامىنلار ئىسرائىل قېرىنداشلىرىنىڭ سۆزىگە كۆنمەي، 14ئەكسىچە، ئۇلار ئۆز شەھەرلىرىدىن كېلىپ، گىبئاھقا يىغىلىپ، ئىسرائىل خەلقى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييار بولۇشتى. 15گىبئاھقا توپلانغان بىنيامىنلاردىن 26,000 قىلىچلىق لەشكەر ۋە گىبئاھلىقلاردىن خىللانغان 700 لەشكەر سەپكە تىزىلغانىدى. 16لەشكەرلەر ئارىسىدا يەنە تاللانغان 700 ئادەم بار بولۇپ، ئۇلار سولخاي ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرى سالغا بىلەن تاش ئاتسا نىشانغا تەگمەي قالمايتتى. 17ئىسرائىللارنىڭ بىنيامىنلارنى ھېسابلىمىغاندا، جەڭ قىلىشقا ماھىر 400,000 قىلىچلىق لەشكىرى بار ئىدى.

18ئىسرائىل خەلقى بەيتەلگە بېرىپ پەرۋەردىگاردىن:

_ بىزدىن بىنيامىنلار بىلەن جەڭ قىلىشقا قايسى قەبىلە ئاۋۋال چىقسۇن؟ _ دەپ سورىدى.

پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ:

_ يەھۇدا قەبىلىسى ئاۋۋال چىقسۇن، _ دېدى.

19ئىسرائىللار سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، گىبئاھقا يېقىن جايدا بارگاھ قۇرۇشتى. 20ئىسرائىللار بىنيامىنلار بىلەن جەڭ قىلىشقا تەييار بولۇپ، گىبئاھ شەھىرىنىڭ ئالدىدا جەڭ سېپى تۈزۈشتى. 21بىنيامىنلار گىبئاھتىن چىقىپ 22 مىڭ ئىسرائىلنى ئۆلتۈردى. 22ئىككىنچى كۈنى ئىسرائىللار بىر-بىرىگە مەدەت بېرىپ، ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكىدەك جەڭگىۋار ھالەتتە ئۇرۇش سېپىنى قايتىدىن تۈزۈشتى. 23ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا كەچ كىرگۈچە نالە-زار قىلىپ، ئۇنىڭدىن:

_ بىز يەنە قېرىنداشلىرىمىز بىنيامىنلار بىلەن جەڭ قىلساق بولامدۇ؟ _ دەپ سوراشقانىدى.

پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ:

_ بېرىڭلار، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، _ دېدى.

24شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى كۈنى ئىسرائىللار بىنيامىنلارغا ھۇجۇم قىلدى. 25ئۇ كۈنى بىنيامىنلارمۇ گىبئاھتىن چىقىپ، ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلدى. ئۇلار ئىسرائىللاردىن 18 مىڭ قىلىچلىق لەشكەرنى ئۆلتۈردى. 26شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قوشۇنى بەيتەلگە بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرۇپ نالە-زار قىلدى ۋە كەچكىچە روزا تۇتۇشتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىشتى 27(ئۇ چاغلاردا خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى شۇ يەردە ئىدى. 28ھارۇننىڭ نەۋرىسى، يەنى ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس شۇ چاغدا روھانىي ئىدى).

ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن:

_ بىز يەنە بىر قېتىم قېرىنداشلىرىمىز بىنيامىنلار بىلەن ئۇرۇش قىلايلىمۇ ياكى ئۇرۇشنى توختىتايلىمۇ؟ _ دەپ سوراشتى.

پەرۋەردىگار ئۇلارغا:

_ بېرىڭلار، مەن ئەتە ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن، _ دېدى.

29شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار گىبئاھنىڭ ئەتراپىغا بۆكتۈرمە قويدى. 30ئۈچىنچى كۈنى، ئىسرائىللار ئالدىنقى ئىككى كۈنگە ئوخشاش گىبئاھنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزۈشتى. 31ئۇلار بىنيامىنلارنى شەھەردىن ئالداپ چىقىرىشتى. بىنيامىنلار ئاۋۋالقىغا ئوخشاش، بەيتەلگە بارىدىغان يول بىلەن گىبئاھقا بارىدىغان يولدا ۋە دالادا جەڭ باشلاپ، ئىسرائىللاردىن 30دەك ئادەمنى ئۆلتۈردى.

32بىنيامىنلار:

_ ئۇلارنى ئاۋۋالقىدەكلا مەغلۇپ قىلىمىز، _ دېيىشتى.

ئىسرائىللار:

_ بىز قېچىپ، ئۇلارنى ئالداپ شەھەردىن يولغا باشلاپ چىقايلى، _ دېيىشتى.

33شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئىسرائىللار ئۆز ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ، بائال-تامار دېگەن يەردە سەپ تۈزۈشۈۋاتقاندا، گىبئاھنىڭ سېپىل سوقۇلمىغان يېرىدە بۆكتۈرمىدە يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئىسرائىللارمۇ ئورۇنلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىشتى. 34ئىسرائىللاردىن خىللانغان 10 مىڭ لەشكەر گىبئاھقا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلدى. بىنيامىنلار ئۆزلىرىگە بالا-قازانىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي قالدى. 35پەرۋەردىگار بىنيامىنلارنى ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا يوقاتتى، يەنى ئىسرائىللار شۇ كۈنى بىنيامىنلاردىن 25,100 قىلىچلىق لەشكەرنى ئۆلتۈردى. 36شۇنداق قىلىپ بىنيامىنلار ئۆزلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلىپ يەتتى.

بۇ جەرياندا يەنە مۇنداق ئىشلار يۈز بەردى: ئىسرائىللار گىبئاھ ئەتراپىغا بۆكتۈرمىگە قويغان ئادەملىرىگە ئىشەنچ قىلىپ، بىنيامىنلارنى ئالداپ، تۇرغان يېرىدىن چېكىنىشتى. 37شۇنىڭ بىلەن بۆكتۈرمىدىكىلەر گىبئاھقا بۆسۈپ كىردى. ئۇلار كىرگەندىن كېيىن، پۈتۈن شەھەردىكىلەرنى قىلىچ بىلەن قەتل قىلدى. 38ئىسرائىللار بۆكتۈرمىدىكىلەر بىلەن شەھەرگە ئوت قويۇپ، ئىس-تۈتەك پەيدا قىلىپ، بەلگە بېرىشنى كېلىشىۋالغانىدى. 39ئۇلار بۇ بەلگىنى كۆرگەندىن كېيىن، چېكىنىشتىن توختاپ، ئارقىغا يېنىپ جەڭ قىلىشى كېرەك ئىدى.

ئىسرائىللار قاچقان قىياپەتكە كىرىۋالغان چاغدا، بىنيامىنلار ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ 30دەك ئادىمىنى ئۆلتۈرگەنىدى.

بىنيامىنلار:

_ ئۇلارنى جەزمەن باشتىكىدەك مەغلۇپ قىلىمىز! _ دېيىشتى.

40بىنيامىنلار ئارقىسىغا قاراپ پۈتۈن شەھەردىن قويۇق ئىس-تۈتەكنىڭ پەلەككە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردى. 41بۇ چاغدا ئىسرائىللار كەينىگە يېنىپ بىنيامىنلارغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار بۇنى كۆرۈپ، بېشىغا بالا-قازا كەلگەنلىكىنى بىلىپ، ئالاقزادە بولۇشتى. 42شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىللاردىن قېچىپ چۆلگە قاراپ چېكىنىشكە باشلىدى، بىراق ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمىدى. چۈنكى ئىسرائىللار ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن چىقىپ ئۇلارنى قىرغىن قىلدى. 43ئىسرائىللار بىنيامىنلارنى قورشاپ، ئۇلارنى توختىماستىن قوغلاپ گىبئاھنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدە يوقاتتى. 44شۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلارنىڭ 18 مىڭ پالۋىنىنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. 45قالغان ئادەملەر چۆلدىكى رىممون قىيا تېشى تەرەپكە قاراپ قاچتى. يول بويى ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ يەنە بەش مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈردى. كېيىن ئۇلار گىدئومغىچە قوغلاپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ يەنە ئىككى مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈردى.

46شۇ كۈنى بىنيامىنلارنىڭ 25 مىڭ قىلىچلىق پالۋىنىنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. 47قالغان 600 ئادەم چۆلدىكى رىممون قىيا تېشىنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىپ، ئۇ يەردە تۆت ئاي تۇردى. 48ئىسرائىللار بىنيامىنلارنىڭ شەھەرلىرىگە قايتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئادەملىرى ۋە مال-چارۋىلىرىنى قىلىچ بىلەن قىرىپ، شەھەرلەرنى ۋە ئۇچرىغان باشقا نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى