« يوشۇۋا »

17

ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار

1يۈسۈپنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. (ماناسسەنىڭ چوڭ ئوغلى ماكىر گىلئادنىڭ ئاتىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى باتۇر جەڭچىلەردىن بولغاچقا، گىلئاد زېمىنى ۋە باشان زېمىنى ئۇلارغا بۇرۇنلا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى.) 2ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى باشقا زېمىنلار ماناسسەنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا جەمەتلەر بويىچە، يەنى ئابىئەزەر، خېلەق، ئاسرىئېل، شەكەم، خېفەر ۋە شىمىدا قاتارلىق جەمەتلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. بۇ جەمەتلەر يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەنىڭ ئەر ئەۋلادلىرى ئىدى.

3ئەمما خېفەرنىڭ ئوغلى، يەنى گىلئادنىڭ نەۋرىسى، ماكىرنىڭ چەۋرىسى، ماناسسەنىڭ ئەۋرىسى بولغان زىلوفخادنىڭ ئوغلى يوق، پەقەت قىزلىرىلا بار ئىدى. بۇ قىزلارنىڭ ئىسىملىرى ماخلاھ، نوئاھ، خوگلاھ، مىلكاھ ۋە تىرزاھ ئىدى. 4ئۇلار روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە، قەبىلىمىزدىكى ئەرلەرگە ئوخشاش بىزگىمۇ زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىشنى بۇيرۇغانىدى، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە، تاغىلىرىغا ئوخشاش ئۇلارغىمۇ يەر تەقسىم قىلىپ بەردى. 5شۇنداق قىلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى گىلئاد زېمىنى بىلەن باشان زېمىنىدىن باشقا، ماناسسە قەبىلىسىگە يەنە ئون پارچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. 6ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئايال ئەۋلادلىرىمۇ ئەر ئەۋلادلارغا ئوخشاش بىر پارچىدىن يەرگە ئىگە بولدى. گىلئاد زېمىنى ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ قالغان ئەر ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلدى.

7ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ پاسىلى، شىمالدا ئاشېر قەبىلىسىنىڭ پاسىلىغا تۇتۇشىپ، جەنۇبتا شەكەم شەھىرىگە يېقىن بولغان مىكمىتات شەھىرىگە سوزۇلۇپ، مىكمىتات شەھىرىدىن يەنىمۇ جەنۇبقا ئىلگىرىلەپ، ئېن-تاپپۇۋاخلار ياشاۋاتقان زېمىنغا تۇتىشاتتى. 8تاپپۇۋاخ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى زېمىنلار ماناسسە قەبىلىسىگە تەۋە بولدى، ئەمما ماناسسە قەبىلىسى زېمىنىدىكى تاپپۇۋاخ شەھىرى ئەفرايىم قەبىلىسىگە تەۋە ئىدى. 9ماناسسە قەبىلىسنىڭ جەنۇبىي پاسىلى قاناھ جىلغىسىغا تۇتىشاتتى. ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەھەرلىرى ئىچىدە ئەفرايىم قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان شەھەرلەرمۇ بار ئىدى. ئەمما ماناسسە قەبىلىسىنىڭ پاسىلى قاناھ جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىدىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرا دېڭىزغا تۇتىشاتتى. 10ئەفرايىم زېمىنى بولسا قاناھ جىلغىسىنىڭ جەنۇبىدا، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ زېمىنى بولسا دەريانىڭ شىمالىدا ئىدى. ئوتتۇرا دېڭىز بولسا ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي پاسىلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ زېمىنى شىمالدا ئاشېر قەبىلىسىنىڭ پاسىلىغا، غەربتە ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ پاسىلىغا تۇتىشاتتى.

11ماناسسە قەبىلىسىگە بېرىلگەن بەيتشان، يىبلىئام، دور، يەنى نافەتدور، ئېندور، تاناك ۋە مىگىددو قاتارلىق شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار ئىسساكار قەبىلىسى بىلەن ئاشېر قەبىلىسىنىڭ زېمىنى ئىچىدە ئىدى.

12ئەمما ماناسسە قەبىلىسى بۇ شەھەرلەرنى ئىگىلىيەلمىدى. شۇ زېمىنلاردا ياشاۋاتقان كەنئانلار داۋاملىق شۇ يەردە ياشاۋەردى. 13كېيىن ئىسرائىللار كۈچەيگەندىن كېيىن، ئۇلار كەنئانلارنى ئىشلەمچى قىلىپ ئىشلەتتى. ئەمما ئۇلارنى بۇ زېمىنلاردىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقارمىدى.

14يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى يوشۇۋانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ پەرۋەردىگار بىزگە بەرىكەت بەردى. بىزنىڭ ئادەملىرىمىز شۇنچە كۆپ تۇرسا، سەن نېمە ئۈچۈن بىزگە بىر پارچىلا زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىسەن؟ _ دەپ سورىدى.

15يوشۇۋا ئۇلارغا:

_ ئەگەر ئادەملىرىڭلار شۇنچە كۆپ بولسا، ئەفرايىم تاغلىق رايونى سىلەرگە يەتمىگەن بولسا، ئورمانلىقتا ياشاۋاتقان پەرىززىلەر ۋە رافاھلارنىڭ زېمىنىغا بېرىپ، ئورمانلارنى كېسىپ ئۆزۈڭلارغا جاي قىلىڭلار، _ دېدى.

16يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى جاۋاب قايتۇرۇپ:

_ ئەفرايىم تاغلىق رايونى بىزگە تارلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈزلەڭلىكتىكى بەيتشان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار ۋە يىزرىئەل جىلغىسىدا ياشاۋاتقان كەنئانلارنىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جەڭ ھارۋىلىرىمۇ بار، _ دېيىشتى.

17يوشۇۋا يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرگە مۇنداق دېدى:

_ سىلەر شۇنچە كۆپ ۋە كۈچلۈك ئىكەنسىلەر، سىلەرگە بىر ئۈلۈشتىن كۆپ زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلىشى كېرەك. 18تاغلىق رايونلارمۇ سىلەرگە تەۋە بولسۇن. ئۇ يەرلەر گەرچە ئورمانلىق بولسىمۇ، سىلەر ئورمانلارنى كېسىپ، شۇ جايلارنى ئۆزۈڭلارغا زېمىن قىلىڭلار. كەنئانلار كۈچلۈك ھەم ئۇلارنىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جەڭ ھارۋىلىرى بولسىمۇ، سىلەر ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىۋېتەلەيسىلەر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى