« زەبۇر »

103

داۋۇت يازغان مۇناجات

1ئىگىمىزگە ھەمدۇسانا ئېيتقىن مېنىڭ ئەي قەلبىم،

تەرىپلىگىن ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىنى ئەي ۋۇجۇدۇم.

2ئىگىمىزگە ھەمدۇسانا ئېيتقىن مېنىڭ ئەي قەلبىم،

ئۇنتۇمىغىن خۇدانىڭ شەپقىتىنى ھەر دائىم.

3كەچۈرەر ئۇ بارلىق گۇناھلىرىڭنى،

ساقايتار ھەرقانداق كېسەللىرىڭنى.

4ئۇ قۇتقۇزار ئۆلۈمدىن ھاياتىڭنى،

ياغدۇرار ھەم مۇھەببىتى، رەھىمدىللىقىنى.

5ئۇ سېنى بەرىكىتىدە مەمنۇن قىلار ئۆمۈر بويى،

ياش چېغىڭدەك كۈچ-قۇۋۋىتىڭ ئۇرغۇپ تۇرار بۈركۈت كەبى.

6پەرۋەردىگار يۈرگۈزەر ھەققانىيەت،

ئېزىلگەن بارلىق مەزلۇملارغا ئادالەت.

7نامايان قىلدى خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە ئۆز يولىنى،

ئىسرائىل ئەۋلادلىرىغا كارامەتلىرىنى.

8خۇدا رەھىمدىل، شەپقەتلىكتۇر،

ئاسانلىقچە غەزىپى كەلمەس،

مېھىر-مۇھەببىتى چەكسىزدۇر.

9ئەيىبلىمەس ئۇ بىزنى ئۇزاققىچە،

غەزىپىمۇ ئەمەستۇر ئاداققىچە.

10ئۇ مۇئامىلە قىلمىغاندۇر بىزگە گۇناھلىرىمىزغا يارىشا،

جازالىمىغاندۇر بىزنى ئۇ قىلمىشلىرىمىزغا قارىتا.

11ئاسمان، زېمىندىن ئېگىز بولسا قانچىلىك،

خۇدانىڭ ئىخلاسمەنلەرگە بولغان مۇھەببىتى چەكسىزدۇر شۇنچىلىك.

12مەشرىق مەغرىبتىن يىراق بولسا قانچىلىك،

يىراقلاشتۇرغاندۇر گۇناھلىرىمىزنى ئۇ بىزدىن شۇنچىلىك.

13ئاتا ئۆز بالىلىرىغا كۆيسە قانچىلىك،

پەرۋەردىگار كۆيۈمچانلىق قىلار ئىخلاسمەنلىرىگە شۇنچىلىك.

14شۇنداق، ئۇ بىلەر بىزنىڭ نېمىدىن ياسالغانلىقىمىزنى،

ئېسىگە ئالار ئۇ بىزنىڭ تۇپراق ئىكەنلىكىمىزنى.

15مايسىدەك قىسقىدۇر ئىنساننىڭ ئۆمرى،

دالادا ئېچىلغان گۈلدۈر ئىنساننىڭ ئۆزى.

16ئەگەردە چىقسا شامال ئۇ گۈل توزار،

ھېچبىر ئىز قالدۇرماستىن غايىب بولار.

17-18ئەمما پەرۋەردىگار ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارغا،

ھەم ئۇنىڭ ئەھدىسىگە سادىق بولغانلارغا،

ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشنى ئېسىدە تۇتقانلارغا،

ئۇ كۆرسىتەر مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى ئاداققىچە،

ھەققانىيىتى داۋام ئېتەر ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە.

19پەرۋەردىگار ئورناتقاندۇر تەختىنى ئەرشكە،

ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلار ھەممىنىڭ ئۈستىدە.

20ئەي پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى،

سىلەردۇرسىلەر ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغۇچىلىرى،

ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى ئىجرا قىلغۇچىلىرى،

شۇڭا تەرىپلەپ كۈيلەڭلار پەرۋەردىگارنى.

21ئەي خۇدانىڭ ئەرشتىكىلىرى،

سىلەردۇرسىلەر ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئىجرا قىلىدىغان خىزمەتچىلىرى،

شۇڭا تەرىپلەپ كۈيلەڭلار پەرۋەردىگارنى.

22ئەي پەرۋەردىگار ياراتقانلار،

تەرىپلەڭلار پەرۋەردىگارنى ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن ھەممە جايدا،

ئەي مېنىڭ قەلبىم ئېيتقىن ھەمدۇسانا پەرۋەردىگارغا.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى