« زەبۇر »

116

1مەن سۆيىمەن پەرۋەردىگارنى،

چۈنكى ئۇ ئاڭلار نىدايىمنى،

ئاڭلار مېنىڭ ئۆتۈنۈشۈمنى.

2قۇلاق سالغاچ ئۇ ماڭا،

ئۆمۈرۋايەت نىدا قىلىمەن ئۇنىڭغا.

3ئۆلۈم ئاسارەتلىرى چىرمىدى مېنى،

گۆرىستان ۋەھىمىسى قاپسىدى مېنى،

قايغۇ، ھەسرەت ئىلكىگە ئالدى مېنى.

4نىدا قىلدىم تىلغا ئېلىپ پەرۋەردىگار نامىنى،

«قۇتقۇزغىن دەپ پەرۋەردىگار جېنىمنى.»

5پەرۋەردىگار شەپقەتلىك، ھەققانىيدۇر،

ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىز رەھىمدىلدۇر.

6پەرۋەردىگار پاناھىدا ساقلايدۇ پاناھسىزنى،

ئۇ بېشىمغا كۈن چۈشكەندە قۇتقۇزدى مېنى.

7ھەي قەلبىم، قايتقىن ئەمدى ئارامگاھىڭغا،

چۈنكى پەرۋەردىگار ئىلتىپات ئەيلىدى ماڭا.

8ئى خۇدا، ساقلىدىڭ ئۆلۈمدىن جېنىمنى،

يىغا-زار قىلىشتىن كۆزلىرىمنى،

پۇتلىشىپ كېتىشتىن پۇتلىرىمنى.

9ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۈچۈن ياشايمەن پانىي ئالەمدە.

10شۇنچە خار بولساممۇ يەنىلا،

ئىشەنچ باغلىدىم مەن ساڭا.

11لېكىن دېدىم مەن تەشۋىش ئارا:

«يالغانچىدۇر ھەممە ئىنسانلار.»

12پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتىغا،

قانداق جاۋاب قىلاي ئۇنىڭغا؟

13نىجاتلىق قەدىھىنى سۇندۇم خۇداغا،

شۈكۈر ئېيتىپ ئۇنىڭ نامىغا.

14پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئالدىدا،

قەسىمىمنى قىلىمەن ئادا.

15ئۆلۈپ كەتسە تەقۋادار بەندىلىرى،

پەرۋەردىگار ئەتىۋارلار ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى.

16ئى پەرۋەردىگار، مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن،

بەرھەق، سېنىڭ پېقىر قۇلۇڭدۇرمەن.*

ئازاد قىلدىڭ مېنى ئۆزۈڭ ئاسارەتتىن.

17شۈكۈر قۇربانلىقى سۇنىمەن ساڭا،

شۈكۈر ئېيتىمەن نامىڭغا، ئى خۇدا.

18پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئالدىدا،

قەسىمىمنى قىلىمەن ئادا.

19ئىبادەتخانىنىڭ ھويلا-ئاراملىرىدا،

ئەي يېرۇسالېم، تۇرۇپ سېنىڭ ئوتتۇراڭدا،

قەسىمىمنى قىلىمەن ئادا.

ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا.



*16بۇ مىسرا ئىبرانىيچىدە: «مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن، دېدىكىڭنىڭ ئوغلىدۇرمەن» دەپ ئېلىنغان. ئىبرانىي تىلىدا بۇ ئوخشىتىش «ئەڭ تۆۋەن، قۇلدىنمۇ تۆۋەن» دېگەن مەنىنى ئىپادىلىگەچكە، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى بىلەن ئەمەس، ئۇنى «پېقىر» دەپ ئالدۇق.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى