« زەبۇر »

18

بۇ پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. پەرۋەردىگار داۋۇتنى بارلىق دۈشمەنلىرى ۋە پادىشاھ سائۇلنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان كۈنى داۋۇت بۇ مۇناجاتنى پەرۋەردىگارغا ئوقۇغان.

1كۈچ-مادارىم پەرۋەردىگار سۆيىمەن سېنى.

2قورام تېشىم، قورغىنىم، نىجاتكارىم پەرۋەردىگاردۇر،

ماڭا پاناھ بولىدىغان گىگانت تېغىم، باشپاناھىم،

قالقىنىم، يېڭىلمەس قۇتقۇزغۇچىم خۇدايىمدۇر.

3ئىلتىجا قىلسام مەدھىيەلەر ئىگىسى پەرۋەردىگارغا،

دۈشمەنلىرىم قوللىرىدىن قۇتقۇزىلارمەن شۇندىلا.

4ئۆلۈم ئاسارەتلىرى چىرمىدى مېنى،

ھالاكەت دولقۇنلىرى چۈمكىدى مېنى.

5گۆرىستان تانىلىرىدا باغلاندىم،

ئۆلۈم تۇزاقلىرىغا دۇچ كەلدىم.

6ئېغىر كۈلپەت ئارا ئىلتىجا قىلدىم پەرۋەردىگارغا،

ياردەم تەلەپ قىلدىم پەرياد كۆتۈرۈپ خۇدايىمغا.

ئاۋازىمنى ئاڭلىدى پەرۋەردىگار دەرگاھىدا،

ئاھۇزارىم يېتىپ باردى ئۇنىڭ قۇلىقىغا.

7شۇ چاغ زېمىن سىلكىنىپ، يەر تەۋرىدى،

تاغلارنىڭ ئۇلى تىترەپ، مىدىرلىدى،

چۈنكى خۇدا دەرغەزەپكە كەلگەنىدى.

8چىقتى خۇدانىڭ بۇرنىدىن ئىس-تۈتەكلەر،

ئېتىلدى خۇدانىڭ ئاغزىدىن ئوت-لاۋىلار،

لاۋۇلداپ كۈيەتتى ھەتتا قىپقىزىل چوغلار.

9كۆكنى يېرىپ يەر تامان چۈشكەندە خۇدا،

تۇراتتى قارا بۇلۇتلار ئايىغىنىڭ ئاستىدا.

10ئۇ مىنىپ ئۇچتى بىر «كېرۇب»قا،*

پەرۋاز قىلدى شامالنىڭ قاناتلىرىدا.

11يېپىنچا قىلغانىدى ئۇ قاراڭغۇلۇقنى،

قويۇق، قارا بۇلۇتلار قورشاپ تۇراتتى ئۇنى.

12يورۇتقانىدى ئالدىنى پارلاق نۇرى،

ياغدۇرۇپ مۆلدۈر ۋە قىپقىزىل چوغلارنى،

پارچىلىدى قاپقارا بۇلۇتلارنى.

13پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى گۈلدۈرلەپ ئاسماندا

ياڭرىتىپ ئاۋازىنى ئۇلۇغ خۇدا،

ياغدۇردى مۆلدۈر ۋە قىپقىزىل چوغلار.

14تارقىتىۋەتتى خۇدا دۈشمەنلىرىنى، ياغدۇرۇپ ئوقلىرىنى،

چاقماقلار چاقتۇرۇپ تىرىپىرەن قىلىپ ئۇلارنى.

15ئى پەرۋەردىگار، تەنبىھىڭدىن،

قەھرلىك تىنىقىڭنىڭ زەربىسىدىن،

كۆرۈنۈپ قالدى دېڭىزنىڭ تېگى،

ئېچىلىپ قالدى زېمىننىڭ ئۇلى.

16پەرۋەردىگار كۆكتىن سۇنۇپ قولىنى،

چوڭقۇر سۇلاردىن تارتىپ ئالدى مېنى.

17قۇتقۇزدى مېنى ۋەھشىي دۈشمىنىمدىن،

ماڭا ئۆچ بولغانلاردىن،

چۈنكى ئۇلار كۈچلۈك ئىدى مەندىن.

18ئاپەتلىك كۈنلىرىمدە ھۇجۇم قىلدى ئۇلار ماڭا،

پەرۋەردىگار يار-يۆلىكىم بولدى ئەمما.

19ئۇ مەندىن خۇرسەن بولغاچ نىجاتلىق بەردى ماڭا،

ئېلىپ چىقتى مېنى ھەم بىخەتەر جايغا.

20ھەققانىيلىقىم ئۈچۈن ياخشىلىق قىلدى خۇدا،

قولۇمنىڭ پاكلىقىدىن ئىنئام بەردى ماڭا.

21چۈنكى مېڭىپ كەلدىم پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا،

رەزىللىك قىلىپ، ئاسىيلىق قىلمىدىم خۇدايىمغا.

22كۆز ئالدىمدا بولدى دائىم ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى،

بىر ياققا قايرىپ قويمىدىم ھەم ئۇنىڭ پەرمانلىرىنى.

23ئۇنىڭ ئالدىدا غۇبارسىز بولدۇم،

ئۆزۈمنى گۇناھ قىلىشتىن ساقلىدىم.

24قولۇم پاك، ئۆزۈم ھەققانىي بولغاچقا،

پەرۋەردىگار ئىنئام بەردى ماڭا.

25ۋاپادارلارغا كۆرسىتىسەن ۋاپادارلىقىڭنى،

ھەققانىي ئادەملەرگە ھەققانىيلىقىڭنى.

26پاكلىقىڭنى كۆرسىتىسەن پاك ئادەملەرگە،

لايىقىدا جاۋاب قايتۇرىسەن نىيىتى ئەگرىلەرگە.

27قۇتقۇزىسەن چارىسىزلارنى،

يەرگە ئۇرىسەن ھاكاۋۇرلارنى.

28پەرۋەردىگار، ھاياتلىق چىرىغىمنى ياققۇچىسەن،

ئىلاھىم، زۇلمىتىمنى يورۇقلۇققا ئايلاندۇرىسەن.

29ساڭا تايىنىپ، دۈشمەن قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلالايمەن،

ئى ئىگەم، ياردىمىڭدە سېپىللاردىن بۆسۈپ ئۆتەلەيمەن.

30خۇدانىڭ يولى مۇكەممەل يولدۇر،

ئۇنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى ھەقىقەتتۇر.

پاناھ ئىزدىگۈچىلەرگە خۇدا بىر قالقاندۇر.

31«مەڭگۈ بار بولغۇچى»دىن باشقا كىمدۇر خۇدا؟!

ئىگىمىزدىن باشقا كىم بولار قورام تاشتەك باشپاناھ؟

32خۇدادۇر بېلىمنى قۇدرىتىدە باغلىغۇچى،

يولۇمنى ئەيىب-نۇقسانسىز قىلغۇچى.

33كېيىكنىڭكىدەك يۈگۈرۈك قىلىپ ئۇ پۇتلىرىمنى،

ئېگىز تاغلاردا ھەم مەزمۇت تۇرغۇزدى مېنى.

34قوللىرىمنى ئۆگەتتى ئۇ جەڭ قىلىشقا،

بىلەكلىرىمنى تۇچ ئوقيانى تارتىشقا.

35ئى ئىگەم، بەردىڭ ماڭا نىجاتلىق قالقىنىڭنى،

ئوڭ قولۇڭ يۆلەپ، مۇلايىملىقىڭ يۈكسەك قىلدى مېنى.

36بىخەتەر قىلغاچ سەن باسقان ھەربىر قەدىمىمنى،

تېيىلماستىن مېڭىپ يۈرىمەن يوللىرىمنى.

37قوغلاپ يۈرۈپ تۇتۇۋالدىم دۈشمەنلىرىمنى،

قايتمىدىم كەينىمگە يوقاتماستىن ئۇلارنى.

38مەن ئۇلارنى يانجىۋەتتىم، تۇرالماس قايتا،

يىقىلدى ئۇلار پۇتلىرىمنىڭ ئاستىغا.

39جەڭگە باغلىدىڭ كۈچ-قۇدرەت بىلەن بېلىمنى،

باش ئەگدۈردۈڭ پۇتلىرىمغا ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى.

40چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدىڭ رەقىبلىرىمنى،

يوقاتتىم ماڭا ئۆچ بولغانلارنى.

41ئۇلار پەرياد كۆتەرسىمۇ چىقمىدى قۇتقۇزىدىغانلار،

نالە قىلىپ يالۋۇرسىمۇ جاۋاب بەرمىدى پەرۋەردىگار.

42ئېزىۋەتتىم ئۇلارنى شامالدا ئۇچقان توزاندەك،

چەيلىۋەتتىم ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقتەك.

43خەلق بىلەن قارشىلىششتىن مۇستەسنا قىلدىڭ مېنى.

باش قىلغانىدىڭ مېنى يات ئەللەرگە،

قىلماقتا ئۇلار مېنىڭ خىزمىتىمنى.

44ئاۋازىمنى ئاڭلاش بىلەن بويسۇنار ئۇلار ماڭا،

تەسلىم بولىدۇ يات ئەللەر شۈمشىيىپ ئالدىمدا.

45جاسارىتىنى يوقاتقان يات ئەللەر،

تىترىگەن ھالدا قورغانلىرىدىن چىقىشار.

46ھاياتتۇر پەرۋەردىگار!

ئۇ قورام تېشىمغا ئېيتىلسۇن ھەمدۇسانا،

ئۇلۇغلانسۇن نىجاتكارىم بولغان خۇدا!

47خۇدادۇر قىساس ئېلىپ بەرگۈچى ماڭا،

بويسۇندۇرغۇچىدۇر خەلقلەرنى قول ئاستىمغا.

48قۇتقۇزدۇڭ مېنى دۈشمەنلىرىمدىن،

ئۈستۈن قىلدىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن،

قۇتۇلدۇردۇڭ ھەم زوراۋانلاردىن.

49ئى پەرۋەردىگار، ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن ياتلار ئالدىدا،

مەدھىيە كۈيى ئوقۇيمەن نامىڭغا.

50پەرۋەردىگار ئېرىشتۈرەر ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھنى ئۇلۇغ غەلىبىگە،

ئۇ بېغىشلار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى ئۆزى تاللىغان پادىشاھقا _

تا ئەبەد داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا.



*10كېرۇب _ پەرىشتىگە ئوخشايدىغان، ئەرشتە ياشايدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك بىر خىل قاناتلىق مەخلۇق. خۇدا «كېرۇبقا مىنىپ ئۇچتى» دېگەنلىك، بىر خىل ئوخشىتىش بولۇپ، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى