« زەبۇر »

23

داۋۇت يازغان مۇناجات

1قويچىمدۇر پەرۋەردىگار، باقار ئۇ مېنى،

كۆرمەسمەن شۇڭا مەن ھېچ موھتاجلىقنى.

2يايلىتار ئۇ مېنى ياپيېشىل يايلاقلاردا،

باشلاپ بارار شىلدىرلىغان سۇلار بويىغا.

3ئۇرغۇتار روھىمنى كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ ماڭا،

شەرىپى ئۈچۈن باشلار مېنى ھەققانىيەت يولىدا.

4ئۆتسەممۇ گەر ئۆلۈم سايە تاشلاپ تۇرغان جىلغىلاردىن،

ئۆزۈڭ ماڭا يار بولغاچ قورقماسمەن خەتەرلەردىن،

ھاساڭ بىلەن تايىقىڭ خالاس قىلار تەشۋىشلەردىن.

5دۈشمەنلىرىم ئالدىدا داستىخان سېلىپ ماڭا،

ئەزىزلەپ مېنى ياغ سۈركەرسەن بېشىمغا،*

بەخت شارابىم تولۇپ تاشار ھايات جامىمغا.

6بەرھەق، شاپائەت ۋە مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ،

ھەمراھ بولار ئۆمۈرۋايەت ياندىشىپ ماڭا،

مەڭگۈ ياشايمەن پەرۋەردىگار ھۇزۇرۇڭدا.



*5بېشىغا ياغ سۈركەش _ ئەينى زاماندا ساھىبخان ئەزىز مېھماننى كۈتۈۋالغاندا ئۇنىڭ بېشىغا خۇش پۇراقلىق ياغ سۈركەش بىلەن چوڭقۇر ھۆرمىتىنى بىلدۈرەتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى