« زەبۇر »

53

داۋۇت يازغان تەربىيەۋى مۇناجات بولۇپ، «ماخالات»تا* ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1ئەخمەقلەر ئۆز كۆڭلىدە «خۇدا يوق» دەر،

ئەسلىدە ئۇلار رەزىل، بۇزۇقلاردۇر.

ئۇلاردىن بىرمۇ توغرا يولدا ماڭغۇچى يوقتۇر.

2ئىنسانغا نەزەر سالار پەرۋەردىگار ئەرشئەلادىن،

بارمىدۇ دەپ، ماڭا تەلپۈنگەن بىرەر ئاقىل ئۇلاردىن.

3ئەمما ئۇلار بۇزۇلغان بولۇپ پاسىق، ئازغۇچى،

ھەتتا ئۇلارنىڭ بىرىمۇ ئەمەس توغرا يولدا ماڭغۇچى.

4بىلمەسمۇ ئەجەبا خۇدانىڭ بارلىقىنى پاسىقلار؟!

ئۇلار بۇلاپ خەلقىمنى، ناندەك ئېزىپ يەپ-يۇتار،

ئەسلا دۇئا-تىلاۋەت قىلماس خۇداغا ئۇلار.

5باسار ئۇلارنى شۇنچە كۈچلۈك ۋەھىمە،

ھەتتا ھېچبىر قورقۇنچ يوق يەردە.

چۈنكى ئەي ئىسرائىل، يانچىۋېتەر* خۇدا

سېنى قورشاۋغا ئالغانلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى.

سەن دەرۋەقە ئۇياتتا قالدۇرىسەن ئۇلارنى،

چۈنكى خۇدا رەت قىلغاندۇر يامانلىق قىلغۇچىلارنى.

6ئېھ، سىئوندىن چىقىپ كەلسە ئىدى نىجاتلىق ئىسرائىللارغا!

ياقۇپ ئەۋلادلىرى شادلىنار، ئىسرائىللار چۆمەر خۇشاللىققا،

خۇدا ئاسارەتتىكى خەلقىنى ھۆرلۈككە چىقارغاندا.



*ماخالات _ «ماخالات»نىڭ مەنىسى نامەلۇم بولۇپ، ئۇ مەلۇم مېلودىيەنىڭ ياكى چالغۇ-ئەسۋابنىڭ ئىسمى، ياكى مەلۇم مۇزىكىلىق كۆرسەتمە بولۇشى مۇمكىن.

*5يانچىۋېتەر _ بەزى تەرجىمىلەردە «چېچىۋېتەر» دەپ ئېلىنغان. شۇ زامانلاردا بىرسى دۈشمەنلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ھەر تەرەپكە چېچىۋەتسە دۈشمەنلىرىنىڭ تەلتۆكۈس مەغلۇپ بولۇپ، نومۇستا قالغانلىقىنى كۆرسىتەتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى