« زەبۇر »

66

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1-2ئەي جاھان ئەھلى خۇداغا ياڭرىتىڭلار ئالقىشلار،

خىسلەتلىرىنى تەرىپلەپ كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار،

ھاياجاندا ئۇنىڭغا مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار.

3شۇنداق دەڭلار ئەي خالايىق خۇداغا‏:

«نەقەدەر ھەيۋەتلىك-ھە قۇدرىتىڭ!

كۆرسىتىلگەندە كارامىتىڭ ئى خۇدا،

دۈشمەنلىرىڭ تۈگۈلۈپ قالار ئالدىڭدا.

4پۈتكۈل يەر-جاھان سەجدە قىلماقتا ساڭا،

كۈيلەپ ھەمدۇسانا ئوقۇماقتا نامىڭغا.» سېلاھ

5كۆرۈڭلار خۇدانىڭ بۈيۈك قۇدرىتىنى،

ئۇنىڭ كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى.

6ئۇ يول ئاچتى دېڭىزنى يېرىپ،

مېڭىپ ئۆتتى خەلقلەر قۇرغاق يولدىن.

تەنتەنە قىلدۇق مىننەتدار بولۇپ خۇدادىن.

7ئۆز قۇدرىتى بىلەن مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ خۇدا،

پۈتكۈل ئىنسان ئىشلىرى ئاياندۇر كۆز ئالدىدا.

ئىتائەتسىزلەر قارشى چىقمىسۇن ئۇنىڭغا. سېلاھ

8ئەي يات خەلقلەر مەدھىيەلەڭلار خۇدايىمىزنى،

ياڭرىتىڭلار ئۇنىڭغا ئاتاپ ھەمدۇسانا، ئالقىشلارنى.

9ئۇ ساقلاپ كەلدى ھاياتىمىزنى،

تېيىلىپ كېتىشتىن پۇتلىرىمىزنى.

10ئى خۇدا، سەن بىزنى سىنىدىڭ،

كۈمۈشنى ئوتتا تاۋلىغاندەك تاۋلىدىڭ.

11سەن تۇزاققا چۈشۈردۈڭ بىزنى،

يەلكىمىزگە ھەم ئارتتىڭ ئېغىر يۈكنى.

12غەلىبە قىلدۇرغانىدىڭ ئۈستىمىزدىن دۈشمىنىمىزنى.*

سەن ئۆزۈڭ سۇدىنمۇ، ئوتتىنمۇ ئۆتكۈزۈپ بىزنى،

ئاخىرى مولچىلىققا ئېلىپ كەلدىڭ خەلقىمىزنى.

13-14ئى خۇدا، ساڭا ۋەدە بەرگەنىدىم كۈلپەتتە قالغىنىمدا،

قەسەم قىلغانىدىم يەلكەمنى ئېغىر كۈن باسقىنىدا.

ئېلىپ كىرىپ ئىبادەتخاناڭغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى،

ئادا قىلىمەن دەپ، ساڭا بەرگەن قەسەملىرىمنى.

15ئى خۇدا ساڭا ئاتاپ بورداق ماللارنى،

كۆيدۈرمە قۇربانلىققا بېغىشلايمەن.

قوچقار يېغىنى كۆيدۈرۈپ، پۇرىتىمەن،

بۇقا ۋە ئۆچكىلەرنىمۇ ئۆزۈڭگە سۇنىمەن. سېلاھ

16ئەي خۇداغا ئىخلاسى بارلار، تىڭشاڭلار سۆزۈمنى،

سۆزلەپ بېرەي خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى.

17ئاۋازىمنى كۆتۈرۈپ خۇداغا قىلدىم نىدا،

ئوقۇدۇم ئۇنىڭغا مەدھىيە، ھەمدۇسانا.

18پەرۋەردىگار قۇلاق سالماس ئىدى دۇئايىمغا،

مايىل بولسا ناۋادا قەلبىم مېنىڭ گۇناھقا.

19شۈبھىسىزكى، دۇئايىمنى ئاڭلىدى خۇدا،

دۇئا قىلغىنىمدا قۇلاق سېلىپ تۇردى ماڭا.

20تەرىپلەيلى ھەممىمىز خۇدايىمىزنى،

ئۇ رەت قىلمىدى دۇئايىمنى،

مەندىن خالىي قىلمىدى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى.



*12بەزى تەرجىمىلەردە «جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ بېشىمىزنى يانجىشىغا يول قويدۇڭ» دەپ ئېلىنغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى