« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

46

ياقۇپنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنى ئېلىپ مىسىرغا بېرىشى

1ئىسرائىل پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، بەئەرشەباغا كېلىپ، ئۇ يەردە ئاتىسى ئىسھاق ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى. 2شۇ كېچە، ئۇنىڭغا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈپ، خۇدا ئۇنى:

_ ياقۇپ، ياقۇپ! _ دەپ چاقىردى.

_ لەببەي، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

3خۇدا ئۇنىڭغا:

_ مەن خۇدا، سېنىڭ ئاتاڭ ئېتىقاد قىلغان خۇدادۇرمەن. سەن مىسىرغا بېرىشتىن قورقما. چۈنكى، مەن ئۇ يەردە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن. 4مەن سەن بىلەن بىللە مىسىرغا بېرىپ، ئاندىن ئەۋلادلىرىڭنى چوقۇم بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. سەن ئالەمدىن ئۆتكەندە، يۈسۈپ يېنىڭدا بولىدۇ، _ دېدى.

5ياقۇپ بەئەرشەبادىن يولغا چىقتى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنى ۋە خوتۇن-بالىلىرىنى مىسىر پادىشاھى ئەۋەتكەن ھارۋىلارغا ئولتۇرغۇزۇپ، 6كەنئاندا تاپقان مال-ۋارانلىرى بىلەن تەئەللۇقاتلىرىنى ئېلىپ، مىسىرغا قاراپ ماڭدى. شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ پۈتۈن ئەۋلادلىرىنى ئېلىپ مىسىرغا كەلدى. 7ئوغۇل-قىزلىرى ۋە ئوغۇل-قىز نەۋرىلىرىمۇ بىللە باردى.

8ئىسرائىل دەپمۇ ئاتالغان ياقۇپ بىلەن بىللە مىسىرغا بارغان ئەۋلادلىرىنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە:

ياقۇپنىڭ چوڭ ئوغلى رۇبېن 9ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى: ھانۇخ، پاللۇ، خەزرون ۋە كارمى قاتارلىقلار.

10شىمون ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى: يېمۇئىل، يامىن، ئوھاد، ياكىن، سوخار ۋە كەنئانلىق ئايالىدىن بولغان شائۇل قاتارلىقلار.

11لاۋىي ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى: گېرشون، قوھات ۋە مىرارى قاتارلىقلار.

12يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى: شالاھ، پەرەس ۋە زەراخ قاتارلىقلار. يەھۇدانىڭ يەنە ئېر ۋە ئونان دېگەن ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار كەنئاندا ئۆلۈپ كەتكەنىدى.

پەرەسنىڭ ئوغۇللىرى: خەزرون بىلەن ھامۇل.

13ئىسساكار ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى: تولاھ، پۇۋا، يوب ۋە شىمرون قاتارلىقلار.

14زەبۇلۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى: سەرەد، ئەلون ۋە ياخلىل قاتارلىقلار.

15يۇقىرىدىكىلەر لېياھ پاددان-ئاررامدا ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئەۋلادلار بولۇپ، قىزى دىنا بىلەن جەمئىي ئوتتۇز ئۈچ نەپەر ئىدى.

16گاد ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى: سەفون، ھاگگى، شۇنىي، ئېزبون، ئەرى، ئارودى ۋە ئارېلى قاتارلىقلار.

17ئاشېر ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى: ئوغۇللىرى يىمنا، يىشۋا، يىشۋى، بەرىيا ۋە قىزى سەراھ. بەرىيانىڭ ئوغۇللىرى: ھېبەر ۋە مالكېل ئىدى.

18يۇقىرىدىكىلەر لابان قىزى لېياھقا دېدەك قىلىپ بەرگەن زىلپا ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئەۋلادلار بولۇپ، ئۇلار جەمئىي ئون ئالتە نەپەر ئىدى.

19ياقۇپنىڭ ئايالى راھىلە ئۇنىڭغا ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلار يۈسۈپ بىلەن بىنيامىن ئىدى. 20يۈسۈپ مىسىردا ئون شەھىرىنىڭ روھانىيسى پوتىفېرانىڭ قىزى ئاسىناتتىن ماناسسە ۋە ئەفرايىم ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل تاپقانىدى.

21بىنيامىننىڭ ئوغۇللىرى: بەلا، بېكەر، ئاشبېل، گېرا، نائامان، ئەھى، روش، مۇپپىم، ھۇپپىم ۋە ئارىد قاتارلىقلار.

22يۇقىرىدىكىلەر راھىلە ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئەۋلادلار بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت نەپەر ئىدى.

23دان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ھۇشىم.

24نافتالى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى: ياخسىئىل، گۇنى، يەسەر ۋە شىللەم قاتارلىقلار.

25يۇقىرىدىكىلەر لاباننىڭ قىزى راھىلەگە دېدەك قىلىپ بەرگەن بىلھاھ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئەۋلادلار بولۇپ، جەمئىي يەتتە نەپەر ئىدى.

26دېمەك، ياقۇپنىڭ كېلىنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ياقۇپ بىلەن بىللە مىسىرغا بارغان ئۆز ئەۋلادلىرى جەمئىي ئاتمىش ئالتە كىشى ئىدى. 27يۈسۈپنىڭ مىسىردا تاپقان ئىككى ئوغلىنى قوشقاندا، ياقۇپ جەمەتىنىڭ مىسىردىكى نوپۇسى جەمئىي يەتمىش* كىشى بولدى.

ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ مىسىرغا يېتىپ كېلىشى

28ياقۇپ يۈسۈپ بىلەن گوشەن ۋىلايىتىدە كۆرۈشۈش ئۈچۈن، يەھۇدانى ئۇنىڭ يېنىغا يۆنىلىشنى ئۇقۇپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ياقۇپلار گوشەنگە كەلگىنىدە، 29يۈسۈپ ۋەزىرلىك ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، ئاتىسىنىڭ ئالدىغا باردى. ئۇلار دىدار كۆرۈشۈش بىلەنلا، يۈسۈپ ئاتىسىنى قۇچاقلاپ ئۇزۇنغىچە يىغلىدى. 30ئىسرائىل يۈسۈپكە:

_ مەن سېنىڭ ھايات ئىكەنلىكىڭنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئەمدى ئۆلۈپ كەتسەممۇ رازىمەن! _ دېدى.

31ئاندىن، يۈسۈپ قېرىنداشلىرى ۋە چوڭ ئۆيدىكىلىرىگە مۇنداق دېدى:

_ مەن پادىشاھقا سىلەرنىڭ كەنئاندىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەنلىكىڭلارنى مەلۇم قىلاي. 32ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ چارۋىچى ئىكەنلىكىڭلارنى، مال-مۈلكۈڭلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىڭلارنى ئېيتاي. 33پادىشاھ سىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، كەسپىڭلارنى سورىسا، 34ئۇنىڭغا: «بىز كىچىكىمىزدىن تارتىپ چارۋىچىلىق قىلىپ كەلگەن. ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ چارۋىچى ئىدى» دەڭلار. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ سىلەرنى ئۆز خەلقىدىن ئايرىپ، گوشەنگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، _ دېدى.

يۈسۈپنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەب، مىسىرلىقلار مال باققۇچىلارنى پەقەت كۆزگە ئىلمايتتى.



*27بۇ بابنىڭ 15-، 18-، 22-، 25-ئايەتلىرىدە تىلغا ئېلىنغان ئادەم سانىنى قوشقاندا مىسىرغا بارغانلار جەمئىي 70 ئادەم بولىدۇ. بىراق، بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان 66 ئادەم ئىچىگە يۈسۈپنىڭ ئىككى ئوغلى _ ماناسسە بىلەن ئەفرايىم، شۇنداقلا يەھۇدانىڭ كەنئاندا ئۆلۈپ كەتكەن ئىككى ئوغلى _ ئېر بىلەن ئونان قوشۇلمىغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى