« زەبۇر »

1

1نەقەدەر بەختلىك ھە!

يامانلارنىڭ سالاسىغا كىرمىگۈچى،

گۇناھكارلارنىڭ يولىدا ماڭمىغۇچى،

مەسخىرىچىلەر* ئارىسىدا يۈرمىگۈچى.

2پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرىدىن سۆيۈنچ تاپىدۇ ئۇلار،

كېچە-كۈندۈز شۇ تەلىملەر ھەققىدە پىكىر قىلار.

3ئۇ گويا دەرەختۇر تىكىلگەن ئېرىق بويىغا،

ئۆز پەسلىدە مېۋىلەرنى بېرىپ تۇرار.

سولاشماس ئەسلا يوپۇرماقلىرى،

ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولار.

4بىراق يامانلار ئوخشىماس ئۇلارغا،

ئۇلار ئوخشار شامالدا سورۇلغان توپانغا.*

5باش كۆتۈرەلمەس يامانلار خۇدانىڭ سورىقىدا،

گۇناھكارلار تۇرالماس ھەققانىيلار قاتارىدا.

6پەرۋەردىگار يورۇتار ھەققانىيلار يولىنى،

يامانلار يولى باشلار ھالاكەتكە ئۇلارنى.



*1مەسخىرىچىلەر _ خۇدا ۋە خۇدانىڭ يولىنى مەسخىرە قىلغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ.

*4توپان _ بۇغداي، شال، تېرىق قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ خاماندا دېنى ئايرىۋېلىنغاندىن كېيىن قېلىپ قالغان غول، يوپۇرماقلىرىنىڭ توپىدەك بولۇپ كەتكەن ئۇۋاقلىرى.

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى