« زەبۇر »

14

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1ئەخمەقلەر كۆڭۈللىرىدە دېيىشەر «يوقتۇر خۇدا».

يىرگىنچلىك، رەزىل بولۇپ قىلمىشلىرى،

ماڭمىغاندۇر ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ توغرا يولدا.

2پەرۋەردىگار ئەرشتىن ئىنسانغا سېلىپ نەزەر،

خۇدانى ئىزدىگۈچى ئاقىل ئادەم ئىزدەر.

3ئازغۇندۇر ھەممىسى، بىردەك بۇزۇلغان،

بىرىمۇ يوقتۇر ھەتتا توغرا يولدا ماڭغان.

4چۈشەنمەسمۇ ئەجەبا قىلمىشلىرىنى پاسىقلار؟!

ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى نان يىگەندەك يەپ يۇتار،

پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلماس ئەسلا ئۇلار.

5ھەققانىيلار بىلەن بىرگە بولغاچ خۇدا،

ئەخمەقلەرنى ۋەھىمە باسماقتا مانا.

6يوقاتماقچىمۇسىلەر ئارزۇلىرىنى ئېزىلگەنلەرنىڭ؟!

ئەمما پەرۋەردىگار پاناھىدۇر ئۇلارنىڭ.

7ئىسرائىللارغا نىجاتلىق سىئوندىن چىقىپ كەلسە ئىدى!

پەرۋەردىگار ھۆرلۈككە چىقارغىنىدا زۇلۇمدىكى خەلقىنى،

شادلىنار ئىسرائىللار _ سۆيۈنەر ياقۇپ ئەۋلادى.

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى