« زەبۇر »

146

1ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا،

ئەي قەلبىم مەدھىيەڭنى ياغدۇر ئاڭا!

2ئۆمۈرۋايەت مەدھىيەلەيمەن پەرۋەردىگارنى،

جان تەندە بولسىلا كۈيلەيمەن خۇدايىمنى.

3ئىشەنچ باغلىما شاھزادىلەرگە،

نىجاتلىق بېرەلمەيدىغان بەندىلەرگە.

4تىنىقى توختىشى بىلەنلا قايتار ئۇلار تۇپراققا،

شۇ كۈنىلا بارچە پىلانلىرى چىقار يوققا.

5بەختلىكتۇر ياقۇپنى تاللىغان خۇدانى مەدەتكارىم دەپ بىلگەنلەر،

ئۈمىدىنى ئىگىسى پەرۋەردىگارغا باغلىغان ئادەملەر.

6ياراتقاندۇر پەرۋەردىگار ئاسمان ۋە زېمىننى،

دېڭىزنى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە مەۋجۇداتلارنى،

ئۇ مەڭگۈ ئۇنتۇماس قىلغان ۋەدىسىنى.

7يەتكۈزەر ئېزىلگەنلەرنى ئادىللىققا،

رىزىق بىرەر ئاچ قالغانلارغا،

ھۆرلۈك ئاتا قىلار مەھبۇسلارغا.

8ئاچار پەرۋەردىگار قارىغۇلارنىڭ كۆزىنى،

رۇسلار ئېگىلگەنلەرنىڭ قەددىنى.

سۆيەر توغرا يولدا ماڭغانلارنى.

9قوغدار پەرۋەردىگار مۇساپىرلارنى،

قوللار تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى.

لېكىن توسار پاسىقلارنىڭ يولىنى.

10ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە،

ئەي سىئون،* سېنىڭ خۇدايىڭ ھۆكۈم سۈرەر مەڭگۈگە.

ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا!



*10سىئون _ يېرۇسالېم شەھىرى ۋە ئۇنىڭدا ياشايدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ.

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى