« زەبۇر »

149

1ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا،

ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى بىر ناخشا،

مەدھىيەلەڭلار ئۇنى تەقۋادارلار ئارىسىدا.

2خۇشال بولسۇن ئىسرائىللار ياراتقۇچىسىدىن،

شادلانسۇن سىئوننىڭ پەرزەنتلىرى پادىشاھى خۇدادىن.

3مەدھىيەلىسۇن خۇدانى ئۇلار ئۇسسۇل ئويناپ،

ئالقىش كۈيى چالسۇن داپ، لىرادا ئۇنىڭغا ئاتاپ.

4چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز قوۋمىدىن سۆيۈنەر،

كەمتەرلەرگە نىجاتلىق تاجىنى كىيدۈرەر.

5شادلانسۇن بۇ شۆھرەتتىن سادىق بولغانلار خۇداغا،

ئېيتسۇن ناخشا خۇشاللىقتىن ئورۇنلىرىدا ياتقاندا.

6چۈشۈرمەس ئۇلار ئېغىزلىرىدىن ئۇلۇغلاشنى خۇدانى،

چۈشۈرمەس ئۇلار قوللىرىدىن قوش بىسلىق قىلىچلىرىنى.

7ئېلىش ئۈچۈن ئىتائەتسىز قوۋملاردىن قىساسىنى،

بەرمەك ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەم ئەدىپىنى،

8زەنجىر بىلەن باغلاپ ئۇلارنىڭ شاھلىرىنى،

تۆمۈر كىشەن بىلەن كىشەنلەر ئېسىلزادىلىرىنى.

9ئىجرا قىلار پۈتۈلگەن ھۆكۈمنى ئۇلارغا،

مەنسۇپتۇر بۇ شەرەپ خۇدانىڭ تەقۋادارلىرىغا.

ئوقۇڭلار ھەمدۇسانا پەرۋەردىگارغا.

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى