« زەبۇر »

71

1پەرۋەردىگار، سەنلا باشپاناھدۇرسەن ماڭا،

مېنى يەرگە قاراتمىغىن قىلىپ رەسۋا.

2قۇتقۇزغىن مېنى ئۆز ھەققانىيلىقىڭدا،

قۇتۇلدۇر مېنى قۇلاق سېلىپ ئاھلىرىمغا.

3قورام تاشتەك پاناھ بولغىن دائىم ماڭا،

سەن مېنىڭ تېغىمدۇرسەن قورغان كەبى،

ئىرادە قىلدىڭ مېنى ئۆزۈڭ قۇتقۇزماققا.

4ئىگەم مېنى ئازاد قىلغىن رەزىللەرنىڭ قولىدىن،

ئادالەتسىز، رەھىمى يوق ئادەملەرنىڭ ئالىقىنىدىن.

5ئۆزۈڭ ئۈمىدىمسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم،

ياشلىقىمدىن تارتىپ سەن بولدۇڭ تايانچىم.

6ھامىلە ۋاقتىمدىن باشلاپ ساڭا تاياندىم،

ئانامنىڭ قورسىقىدىن سەن ئۆزۈڭ چىقاردىڭ،

شۇندىن بۇيان مەدھىيەمنى ساڭا ئاتاپ كەلدىم.

7كۆپ ئادەملەر ئۈچۈن نەمۇنە مەن،

چۈنكى سەن قۇدرەتلىك پاناھىمدۇرسەن.

8ئاغزىمدىن ئەسلا چۈشمەس ساڭا ھەمدۇسانالار،

چۈشمەس شان-شەرىپىڭنى ئالقىشلىغان سادالار.

9تاشلاپ كەتمىگىن مېنى قېرىپ ھالىم قالمىغاندا،

تەرك ئەتمىگىن مېنى قۇۋۋىتىمدىن ئايرىلغاندا.

10چۈنكى دۈشمەنلىرىم مېنى قەستلىشىپ،

جېنىمنى ئالماق بولغانلار بىرلىشىپ،

11دېيىشەر: «خۇدا ئۇنى تەرك ئەتتى،

ئۇنى قوغلاپ تۇتايلى،

قۇتۇلدۇرىدىغانلار يوقتۇر ئەمدى.»

12مەندىن يىراق كەتمىگىن ئى خۇدا،

ياردەمگە تېزراق كەلگىن يېنىمغا.

13مېنى قارىلىغۇچىلار شەرمەندە بولۇپ يوق بولسۇن،

ماڭا قەست ئويلىغانلار رەسۋا بولۇپ جاق تويسۇن.

14بىراق ئۆزۈم ئۈمىدسىز بولمايمەن زىنھار،

ساڭا بولغان ئالقىشلىرىم بارغانچە ئاشار.

15ئاغزىمدىن چۈشمەس ئادالىتىڭ ۋە نىجاتىڭ،

ئەقلىم يەتمەيدىغان ئاشۇ ئاجايىپ ئىشلىرىڭ.

16لەببەي بولۇپ ئالدىڭدا،

مەدھىيەلەيمەن بۈيۈك ئىشلىرىڭنى رەببىم خۇدا،

جاكارلايمەن ھەققانىي دەپ پەقەت سېنىلا.

17ئى خۇدايىم، بىلمىگەننى سەن بىلدۈردۈڭ ياشلىقىمدىن،

كارامەتلىرىڭنىڭ جاكارچىسى بولۇپ كەلدىم شۇ چاغدىن.

18قېرىپ ئاقارغاندا قارا چاچلىرىم،

تاشلاپ كەتمە مېنى ئىلاھىم.

بايان قىلاي ئەۋلادلارغا قۇدرىتىڭنى،

سۆزلەپ بېرەي مەندىن كېيىن كەلگەنلەرگە،

سېنىڭ كۆرسەتكەن ئۇلۇغ مۆجىزىلىرىڭنى.

19ئۇلۇغ كارامەتلەرنى قىلغان تەڭداشسىز خۇدا،

تاقىشار ئادالىتىڭ ئاسمان-پەلەككە،

كىممۇ قىلالار بۇنداق ئىشنى ئوخشاش ساڭا.

20ماڭا ئازاب-كۈلپەتلەرنى كۆرسەتكىنىڭ،

دەل گۆر ئاغزىدىن مېنى تارتىپ ئېلىپ،

جانلاندۇرۇپ يېڭى ھاياتقا باشلىغىنىڭ.

21تېخىمۇ بەك ئۈستۈن قىلىسەن ھۆرمىتىمنى،

يېنىمغا كېلىپ ماڭا بېرىسەن تەسەللى.

22ئىلاھىم كۈيلەيمەن سېنى چېلىپ لىرا،

ساداقىتىڭگە ئېيتىمەن ھەمدۇسانا،

ساڭا مەنسۇپ كۈيلىرىم بار چىلتارىمدا،

ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا.

23سېنى كۈيلىسەم تەنتەنە قىلار لەۋلىرىم،

شادلىنار، سەن ھۆر قىلغان قەلبىم.

24تىلىم ھەمىشە بايان ئەيلەر سېنىڭ ئادالىتىڭنى،

چۈنكى رەسۋا قىلىپ يىقىتتىڭ شۇم نىيەتتە بولغانلارنى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى