« زەبۇر »

76

بۇ ئاساف يازغان مۇڭلۇق مۇناجات بولۇپ، تارلىق سازلار تەڭكىشىدە ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1خۇدا مەشھۇردۇر يەھۇدىيە خەلقىگە،

نامى بۈيۈكتۇر ئىسرائىلىيە ئېلىدە.

2تۇرار جايى سىئوندىدۇر،

مۇقەددەس چېدىرى سالېمدىدۇر.*

3ئۇ شۇ يەردە سۇندۇردى دۈشمەننىڭ ئوتلۇق ئوقلىرىنى،

چېقىپ تاشلىدى قالقان، قىلىچ ۋە بارلىق جەڭ قوراللىرىنى. سېلاھ

4ئى خۇدا، شەرىپىڭ پارلاق نۇرلار چاچار،

ئوۋغا باي تاغلاردىنمۇ زور ھەيۋىتىڭ بار.

5دۈشمىنىڭنىڭ باتۇرلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغاندا،

قول كۆرتۈرەلمىدى ھەتتا بىرمۇ پالۋىنى،

تامام مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەنىدى ھەممىسى.

6گۈركىرەشلىرىڭدىن ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ئى خۇدا،

ئات ھەم جەڭ ھارۋىلىرى تۇرۇپ قالدى ئۇرۇش مەيدانىدا.

7قورقۇشقا تېگىشلىكتۇر پەقەت سەندىنلا، ئى خۇدا،

كىممۇ ئۆزىنى تىك تۇتالار غەزىپىڭنىڭ ئالدىدا؟

8-9ھۆكۈم ئېلان قىلىش ئۈچۈن سەن ئورنۇڭدىن تۇرغىنىڭدا،

يەر-زېمىننى باستى قورقۇنچ سۈكىناتى، ئى خۇدا.

جاكارلىدىڭ ئەرشئەلادا تۇرۇپ بۈيۈك ھۆكۈمۈڭنى،

قۇتقۇزماق بولۇپ جاھاندىكى بارلىق ئېزىلگەنلەرنى. سېلاھ

10خۇدا سېنىڭ غەزىپىڭ ئاشۇرار شۆھرىتىڭنى،

كەمەر قىلىپ باغلىدىڭ بېلىڭگە قەھرىڭنى.

11ئادا قىلىڭلار قەسەم قىلغاننى پەرۋەردىگارىڭلارغا،

سوۋغا كەلتۈرسۇن قوشنا ئەللەر قورقۇشقا لايىق خۇداغا.

12ئەمەلدارلار كىبرىنى خۇدا سۇندۇرار،

قورقار ئۇنىڭدىن بارلىق پادىشاھلار.



*2سالېم _ يېرۇسالېمنىڭ قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى.

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا مەسىھ

ئەيسا مەسىھ

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى